+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-19 10:14 1436 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-8-19 10:14  

شەھەردە ئاپتوموبىلنى ھەيدەشتىن توختىتىش تەس. ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ قىسلىقىدا بەزىدە باشقىلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويمايمەن دېيەلمەيمىز.
شۇنداق ئەھۋالدا باشقىلار تېلېفون قىلسا ماشىنامنى تارتىپ بېرىمەن دەپ بەزىلەر يانفون نومۇرىنى يېزىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا چاپلاپ قويىدۇ.

fc1b88382dbb4a08abac08ccb7e3884a.jpg

بۇنىڭدا بىر مەسىلە چىقىدۇ. يانفون نومۇرىنى ئاشكارە چاپلاپ قويساق، پاراكەندە تېلېفون قىلىدىغان، ئۇچۇر يوللايدىغانلارمۇ كۆرۈپ قالىدۇ. ماشىنا توختىش مەيدانىلىرىدا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ ماشىنا نومۇرى بىلەن، يانفون نومۇرىنى خاتىرلەيدىغانلارنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تەكىتلىنىۋاتقاندا يانفون نومۇرىنىڭ خالىغانچە ئاشكارلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدىغان كىشىلەر نۇرغۇن.
شۇڭا يەنە بەزى كىشىلەر قولايسىز بولسىمۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا يانفون نومۇرىنى چاپلاپ قويمايدۇ.
ئالىپاي بۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، مەخسۇس يانفون نومۇرىنى كۆرسەتمەي، ئاپتومۇبىل ئىگىسىنى چاقىردىغان بىر خىل مۇلازىمەتنى چىقاردى. سىز ئىلتىماس قىلسىڭىز بىر ئىككىلىك كود ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. بۇ ئىككىلىك كودنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ئالىپايدا سىكانېرلاپ يانفون نومۇرىغا باغلىغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا چاپلاپ قويىدىكەنسىز.

67586802e48d4c5cbe0b0dea3b29c933.jpg

ئاپتوموبىلىڭىز باشقا ئاپتوموبىلنى تۇسۇپ قويغاندا، باشقىلار ئاپتوموبىلىڭىزنى سۈركىۋالغاندا ... سىزنى ئىزدىمەكچى بولسا ئىككىلىك كودنى ئالىپايدا سىكانېرلىسا سىزگە ئاپتوماتىك تېلېفون ئۇرۇلىدىكەن. قارشى تەرەپنىڭ نومۇرىمۇ كۆرۈنمەيدىكەن. مەۋھۇم نومۇر كۆرۈنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يانفون نومۇرىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئالاقىلىشالايدىكەن.

微信截图_20190819003544.jpg

بىجىرىش ئۇسۇلى:
ئالىپاينىڭ ئىزدەش رامكىسىغا 驾车宝 دەپ ئىزدىتىپ كىرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. پوچتا ھەققى بىلەن قوشۇپ 18.9 يۈەن ئالىدىكەن.
ئۈندىداردا 挪车码 دەپ ئىزدەتسە نۇرغۇن ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپچىلىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىمۇ يۇقارقىغا ئوخشايدۇ.

5ئادەم ئىنكاس يازدى

tayir117 ۋاقتى: 2019-8-19 21:47:07
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ETCمۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ،  ھەقسىز بىجىرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部