+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-15 11:47 1330 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بەزىدە توردىن سېتىۋالغان مالنى تاپشۇرۋالغاندا يەنە ھەق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەسلىدە مالنى سېتىۋالغاندا تېز يوللانما ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغان، يەنە پۇل تاپشۇر دېسە بەزى ئىستىمالچى توغرا چۈشەنمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تېز يوللانما بىلەن تولۇق قاپلانمىغان يېزا، بازارلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. 2-قېتىم ئالغان يەتكۈزۈش ھەققى شۇ مالنى شەھەر، ناھىيدىن يېزىغا يەتكۈزۈش ھەققى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. يېزا، بازارلاردىكى ئىستىمالچىلار شەھەرگە كىرىپ مالنى تاپشۇرۋالىمىز دەپ ئاۋارە بولغۇچە ئالدىمىزغا ئەكىلىپ بەرسە ئۇنچىلىك مۇلازىمەت ھەققى بەرسەك مەيلى دەپ رازى بولىدۇ.
سىچۈەن 315 ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېزا - بازار تېز يوللانمىلىرىنىڭ ئىككى قېتىملىق ھەق ئېلىش قالايمىقان ئەھۋالىغا قارىتا، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى، سىچۈەن ئۆلكىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ، سىچۈەن ئۆلكىلىك پوچتا ئىدارىسى بىرلىكتە، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلىپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ، شېنتۇڭ ، جۇڭتۇڭ ، يۈەنتۇڭ ، يۈندا قاتارلىق تۆت تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئىككى قېتىم ھەق ئېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

0020033021801013_b.jpg

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى كۆپ قىسىم شەھەر، ناھىيلەرنىڭ يېزا-بازارلىرىدا تېز يوللانمىدىن ئىككى قېتىم ھەق ئېلىش ئەھۋالى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلانغان. تېز يوللانمىدىن ئىككى قېتىم ھەق ئالىدىغان تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىلىرى ئاساسلىقى شېنتۇڭ، جۇڭتۇڭ، يۈندا، يۈەنتۇڭ، بەيشى، شۈنفېڭ، جىڭدۇڭ، پىنجۈن، پوچتا EMS قاتارلىقلار ئىكەن.  بۇنىڭ ئىچىدە، شېنتوڭ، جۇڭتۇڭ، يۈندا، يۈەنتوڭ تور نۇقتىلىرىدا ئىككى قېتىم ھەق ئېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلەرنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ٪50 تىن ئېشىپ كەتكەن.
سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان تۆت تېز يوللانما شىركىتىنىڭ مەسئۇل ۋەكىلى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : ئۈچ تارماقنىڭ سۆھبەت تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ، ئىچكى قىسىمدا تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ ، يېزا - بازار تېز يوللانمىسىدىن ئىككى قېتىم ھەق ئېلىشنى دەرھال توختىتىپ ، ئىچكى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ ، تور نۇقتىلىرىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە مەبلەغ تولۇقلىمىسى بېرىپ ، تىجارەت بېسىمىنى يېنىكلىتىپ ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تىجارەت مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز.  
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ ، پۈتۈن ساھە بويىچە 8 - ئايدا  تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش ، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى . يىغىندا مۇنداق دېيىلدى : بۇ يىل 4 - ئايدىن بۇيان ، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى مەملىكەت مىقياسىدا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تۈزەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىدى . لېكىن ، قىسمەن رايونلاردا ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ، غەربىي رايونلاردىكى يېزىلاردا يەنىلا تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىلىرىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت .

14ئادەم ئىنكاس يازدى

abjsoft ۋاقتى: 2019-8-17 11:56:15
بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بوپتۇ، لېكىن مۇش رايۇنىمىزدا مالنى ئىشلەۋاتقان ئورنىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسا بۇلاتتى، ئەتتىگەندە بارسا ئىشقا چۈشمىگەن، بىز ئىشتىن چۈشۈپ بارساق ئۇلارمۇ ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن، توردىن سېتىۋالغان ماللىرىمىزنى ئېلىۋالىدىغان ۋاقىتمۇ يوق بوپ قالدى، ئىش ئورنىمىزغىچە يەتكۈزۈپ بىرىپ ئاندىن ئازراق ھەق ئالسىمۇ مەيلىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部