+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-12 11:54 1445 قېتىم كۆرۈلدى 29 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرىدىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئەڭ يۈكسەك ئۇرۇندا تۇرىدۇ. خېرىدارلار ئۇچۇرى ، پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق ھالقىلىق ماتېرىياللارنىڭ بىخەتەرلىك ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ يىلدىن باشلاپ ، جياڭسۇ بانكىسى يېڭىدىن سېتىۋالغان ATM (ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇ) نىڭ ھەممىسىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، بىخەتەرلىك ، مۇقىملىق ۋە قولايلىق جەھەتلەردە يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.

712909ccb07043ab89d3d44e227999bd.jpg

«مەشغۇلات بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ راۋان بولدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەشغۇلات سېستىمىسى دەپ ئاڭلىدىم، بۇنىڭدىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولدۇم»  جياڭسۇ بانكا تور نۇقتىسىدىن پۇل ئالغىلى كەلگەن خېرىدارلار ATM نى ئىشلەتكەندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ كەتتى.  ئىگىلىنىشىچە، جياڭسۇ بانكىسى ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان ATM نى ئىشلىتىپ، تەكشۈرۈش، پۇل ئامانەت قويۇش، پۇل يۆتكەش قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىدارلارنى تاماملاپلا قالماي، يەنە مەشغۇلات ئىقتىدارىدا يېڭىلىق ياراتقان. ئىشلىتىش تېخىمۇ راۋان، ھېس قىلىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.  Windows سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Linux سىستېمىسى ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش نىسبىتى ئاز بۇلۇپ، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى، ئۈنۈمى ياخشى بولۇش قاتارلىق تەبىئىي ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، خېرىدارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جياڭسۇ بانكىسىنىڭ ATM نى ئىشلىتىشى تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى  ATM غا  Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىپ، خېرىدارلارغا زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. مىكروسوفت 2014-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ Windows XP مەشغۇلات سىستېمىسىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى توختاتتى، لېكىن نۇرغۇن ATM ئۈسكۈنىسىگە ھازىرغىچە Windows XP ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بۇ سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا كاپالىتى كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
جياڭسۇ بانكىسى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ATM غا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن Linux مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتتىق دېتال تەمىنلەش سودىگەرلىرى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى تەتقىق قىلغۇچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان Linux مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلغان  ATM نى تۇنجى بولۇپ سىناق قىلىپ ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ATM نىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئازايتىپ، مۇستەقىل كونترول قىلىشتا ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلىدى.  

29ئادەم ئىنكاس يازدى

kadimkiorman ۋاقتى: 2019-8-14 21:50:25
مەن ئەتە بىر چىقىپ سىناپ باقاي، راست ئېيىتقىنىدەك سۇرئەت تىزمۇ ئەمەسمۇ.
soser ۋاقتى: 2019-8-17 09:28:01
Linuxدۆلىتىمىز ئاچقان مەشغۇلات سېستىمىسىما؟
回忆 ۋاقتى: 2019-8-17 15:07:44
دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بەك تىز بۇلىۋاتىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部