+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-9 11:56 1762 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا، كېدا شۈنفېي شىركىتىنىڭ شۈنفېي تەرجىمە ئۈسكۈنىسى بىلەن خان جەمەتى ئىسپانىيە پۇتبول كۇلۇبى ۋە ۋۇلېي ئىسپانىيە بارسېلونادا توختام ئىمزالىدى.
ۋۇلېي كېدا شۈنفېي تەرجىمە ئۈسكۈنىسنىڭ تۇنجى ماركا ۋەكىلى بولدى، شۈنفېي تەرجىمە ئۈسكۈنىسى بولسا خان جەمەتى ئىسپانىيە پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئورگان تەرەپ تەرجىمە ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلاندى.

S6ef003ed-a720-4b28-82b3-50f7229f43d9.png

بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى بىردىنبىر جۇڭگولۇق پۇتبۇلچى ۋۇ لېي بارسېلونا ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: «شۈنفېي تەرجىمە ئۈسكۈنىسى كېدا شۈنفېينىڭ ۋەكىللىك مەھسۇلاتى، مەن ئىلگىرى ئۇنى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئىشلەتكەن، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىشنىڭ توغرىلىقى ۋە تېزلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى، مېنىڭ ئىسپان تىلى ئۆگىنىشىمگە ناھايىتى ياخشى ياردەم قىلدى، بۇ مېنىڭ مەخپىي قورالىم ھېسابلىنىدۇ.  مېنىڭچە، مەن تۇنجى بولۇپ جۇڭگودىن چىققان پۇتبولچى ئەمەس، شۇنداقلا ئاخىرقىسىمۇ ئەمەس.  ھازىر شۈنفېي تەرجىمە ماشىنىسىدەك ياردەمچى بار، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا مىللىي ماركىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ يىراققا بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز»

S43a32eac-fac5-4447-b38b-fc4787a4100a.png

ئېغىز تىلى سۈنئىي ئەقىل (AI) تەرجىمىسىدە شۈنفېي تەرجىمە ئۈسكۈنىسى ئوخشاش بولمىغان تىللارغا قارىتا 58 خىل چەتئەل تىلىنى ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىشنى قوللايدۇ. 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى قاپلايدۇ. خەنزۇ تىلى يەرلىك دىئالېكىت (شىۋە) نى تونۇش نىسبىتى %95 كە يەتكەن، يەنە ئىنگىلىز تىلى تەلەپپۇزىنى تەرجىمە قىلىشنى قوللايدۇ.
كەسپى ساھەنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرجىمىسى جەھەتتە تىبابەت، تاشقى سودا، تەنتەربىيە، پۇل-مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، كومپىيۇتېر، قانۇندىن بىر يەتتە چوڭ كەسىپنىڭ كەسپىي تەرجىمىسىنى قوللايدۇ.
تورسىز سۈنئىي ئەقىل تەرجىمىسى جەھەتتە، ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېڭى بىر ئەۋلاد تورسىز تەرجىمە ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. تورسىز سۈنئىي نېرۋا تورى قۇرۇلمىسىنى تونۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەشىق توپلىمىنىڭ كۆلىمىنى ئالدىنقى ئەۋلاد مەھسۇلاتنىڭ بەش ھەسسىسىگىچە كېڭەيتىپ، تورسىز تونۇش ئۈنۈمىنى %95 تىن ئاشۇردى. نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ 6-دەرىجىدىكى تەرجىمە سەۋىيىسىگە تەڭ كېلىدۇ.

微信截图_20190809102741.jpg

بۇنىڭدىن باشقا ، سۈرەتكە تارتىپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان قىزىق نۇقتا قاتارلىق ئىقتىدارلارمۇ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
كېدا شۈنفېي شىركىتى كەسپىي باش دېرىكتورى جەي جى بونىڭ تونۇشتۇرىشىچە، شۈنفېي تەرجىمە ئاپپاراتى 2016-يىلى باشلامچى بولۇپ ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ ، ئابونتلارغا كۆپ خىل كۆرۈنۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرغان. نۆۋەتتە، شۈنفېي تەرجىمە ئاپپاراتى يەر شارىدىكى 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوننى ، جۈملىدىن لائوس ، پارىس، ئوردۇ تىلى رايونىدىكى بىر بەلباغ ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ تىلىنى تەرجىمە قىلىپ ، خەنزۇ تىلى بىلەن ئىنگىلىزچە، ياپونچە، رۇسچە، كورىيەچە ئوتتۇرىسدا تورسىز تەرجىمە قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. يەنە گۇاڭدۇڭ شىۋىسى ، سىچۈەن شىۋىسى ، خېنەن شىۋىسى ، شەرقىي شىمال شىۋىسى ۋە ئىنگلىز تىلى تەرجىمىسىنى قوللىدى . يېقىنقى بىر قېتىملىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ، سىستېما 3.0 نۇسخىسىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ، شۈنفېي تەرجىمە ئاپپاراتى گۇاڭدۇڭ شىۋىسى ، زاڭزۇ شىۋىسى ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئورتاق تىل تەرجىمىسىنى قوللاپ ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ ئەركىن قىلدى.

S33dd68aa-7406-41d7-ac94-faad977aca5f.png

S8162d7da-79b0-4df5-a276-9661fbe36493.png

2018-، 2019- يىللىرى، كېدا شۈنفېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋۇش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى 20 تۈردە دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ، نەرسە تورى دەۋرىدە تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش، تاۋۇش بىرىكتۈرۈش، ماشىنا تەرجىمە ساھەسىدە خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.  شۈنفېي تەرجىمە ماشىنىسى ئىشلەتكەن ماشىنا تەرجىمە سىستېمىسى دۆلەت تەرجىمە كەسپىي سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىمتىھانى (CATTI) نىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇپ، كەسپىي تەرجىمان سەۋىيىسىگە يەتكەن؛ ھەمدە ئۇدا 14 يىل« خەلقئارا تاۋۇش بىرىكتۈرۈش مۇسابىقىسى» نىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.  ئۇنىڭدىن باشقا، شۈنفېي تەرجىمە ماشىنىسى ئىشلەتكەن تىل پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئۇدا ئىككى نۆۋەت CHiME Challenge (خەلقئارادىكى كۆپ يوللۇق تاۋۇش ئايرىش ۋە پەرقلەندۈرۈش مۇسابىقىسى) نىڭ چېمپىيونى بولدى.  

6ئادەم ئىنكاس يازدى

13070083651 ۋاقتى: 2019-8-9 21:17:16
ئاندىروئىد تېلېفونلارغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ .
abjsoft ۋاقتى: 2019-8-9 23:04:35
13070083651 يوللىغان ۋاقتى  2019-8-9 21:17
ئاندىروئىد تېلېفونلارغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ .
...

سىز تېلفۇنىڭىزغا قاچىلىۋالسىڭىز، ئا كېدا شۈنفېي شىركىتى ياساپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىما ساتمىسا بولماس، بىكاغا 3000 كوي ئەمەس ئاينا ئا 300 كويلاق تېلفۇنچەك ھۆسنى يوق بىممە، لېكىن تەرجىمىنى يامان ئەمەس قىلىدىكەن، خوتەن شىۋىسىنىمۇ تۇنۇيدىكەن ئەمما بۇ گۇي
elbilge ۋاقتى: 2019-8-10 01:14:57
ئۇيغۇرچىنى باشقا تىللارغا تورسىز مۇھىتتىمۇ تەرجىمە قىلالامدۇ
شىر728 ۋاقتى: 2019-8-11 01:10:01
بىزنىڭ بۇرادەرلە ئىشلەپ چىقاغان 国语助手ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ، سۈرەتكە تارتىپ تەرجىمە قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ، بەك پىچەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部