+تېما يوللاش
umut吧 يوللانغان ۋاقتى:2019-8-7 17:57 3970 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خۇۋاۋېي تىلفۇنلىرىنىڭ سېستىمىسى كەڭ كۈلەمدە يېڭىلىنىپ EMUI 9.1.0.321 نەشىرگە كۈتۈرىلدى . بۇ يېڭى نەشىر سىستىمىدا نۇرغۇنلىغان مەسىللەر ھەل قىلىنىپ يېڭى يېڭى ئىقتىدارلار قۇشۇلدى .


بىزنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى بۇ قېتىمقى يېڭى نەشىرگە  ئۇيغۇرچە  تىل قۇشۇلغان ، تەرجىمە توغۇرلىق نىسبىتى ۋە كۈرۈنمە يۈز لاھىيسىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە لاھىيلەنگەن .

微信图片_20190807204439.jpg

微信图片_20190807204451.jpg


تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر يېڭىلىنىش ، بۇرۇن چىقىرىلغان خۇۋاۋي يانفونى EMUI 9.1 غا يېڭىلانغاندىن كىيىن خۇاۋيېنىڭ GPU Turbo 3.0 ۋە EROFS دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆججەت سىستېمىسى دېگەندەك يېڭى ئىقتىدارلارغا ئېرىشىدۇ. ئىگىلىنىشىچە ، EROFS ھۆججەت سىستېمىسى ئوقۇش سۈرئىتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن   تېزلىتىدىكەن، GPU Turbo بولسا خۇاۋېي ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان گىرافىك بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان تېخنىكا ، بۇ تېخنىكا قوشۇلغاندىن كىيىن، يانفون سىستېمىسىنىڭ ئويۇن ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ .


 يېڭىلاش ئۇسۇلى :

ئادەتتە سىز يانفۇنىڭىزنىڭ يېڭىلاش تەڭشىكىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز ،  تىلفۇنىڭىز چۇقۇم سىمسىز تورغا ئۇلانغان ۋاقىتتا ئۈزى ئاپتۇماتىك يېڭىلاش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ .


ئەگەر يانفۇنىڭىز ئاپتۇماتىك يېڭىلاش ئەسكەرتمىسى چىقمىسا تەڭشەندىن تۈۋەندىكى ئۇرۇنغا كىرىپ ئۈزىڭىز قول سېلىپ يڭىلاپ بېقىڭ . 


设置—系统—软件更新—检查更新


دىققەت : سىستېما يېڭىلاشتىن بۇرۇن مومكىن بولسا ھەر ئىھتىماللىققا قارشى تىلفۇنىڭىزدىكى ماتىرياللارنى زاپاسلىۋېلىپ يېڭىلاڭ ، ئەگەر تىلفۇنىڭىزنى روتلىۋەتكەن بولسىڭىز يېڭىلاشقا بولمايدۇ .

تىرىشچانلىق ئۇزى  غەلبە

13ئادەم ئىنكاس يازدى

kichikoghul ۋاقتى: 2019-8-7 22:59:52
مەن خۇاۋېي تېلېفونىمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ 9.0 نەشىرىدىن 9.1نەشىرىگە يېڭىلىيالمىدىم، 9.0نەشىرىگە ئۇيغۇرچە  قوشۇلماپتۇ.
kabil001 ۋاقتى: 2019-8-8 00:34:26
بەك ياخشى بوپتۇ.  بەكلا ياخشى بوپتۇ.  گەرچە خوڭمى ئىشلەتسەممۇ شۇنداق خۇش بولدۇم.
ئىزباسار ۋاقتى: 2019-8-8 08:35:23
ئۇيغۇر تىلى قوشۇلغان يانفونلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ خۇاۋېي بىلەن شىياۋمى يانفونلىرىنىڭ تەرجىمە سۈپىتى چۈشۈنۈشچانلىقى ئىملاسى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ماۋۇ ئوپپو، ۋىۋ يانفونلىرىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بەزى جايلىرىنى خوددى ماشىنا ئادەم تەرجىمە قىلغاندەكلا چۈشۈنۈكسىزكەن
بىليار ۋاقتى: 2019-8-8 09:54:37
ئەتىگەندە شۇنداق ياخشى ئىسىل خۇشخەۋەر دىن بىرنى ئاڭلاپتىمەن. خۇاۋىينىڭ ئشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن، خۇاۋىي، رۇڭياۋ ھەممىسىگە قۇشۇلغانمىدۇ؟ ئالىپ تورىغا، ئاپتورغا، خۇاۋېيغا، قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ۋەتىنمىزگە رەھمەت.
@بەخىت ۋاقتى: 2019-8-8 13:41:00
نىمدىگەن ياخشى
ئىز باسار تورداش شاۋمىنىڭ ئۇيغۇرچىسنى ئالىپ توردىكىلەر تەرجىمە قىلغان بولغاچ شۇنداق چۈشىنىشلىك،
良心的男 ۋاقتى: 2019-8-8 20:42:41
شۇنداق خۇاۋېي رۇڭياۋ ھەممە تېلېفونلار ئوخشاش ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپتۇ . ھەممىسىنىڭ سىستېمىسى بىر ئەمەسمۇ .
chilek175 ۋاقتى: 2019-8-8 23:53:24
oppo ,vivo خەيىر خوش
رۇھ ۋاقتى: 2019-8-9 01:32:09
ئەمدى ئالما تېلفۇن قاپتۇ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قۇشۇلمىغان. ئالما يانفۇنغا ئۇيغۇچە تىل بۇلىقى قۇشۇلۇپ كەتسە ھەممە تېلفۇنغا قۇشۇلغان بۇلاتتى.
uyghur26 ۋاقتى: 2019-8-9 09:50:33
بۇ يىل ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى خوش خەۋەر بولدى ماۋۇ، رەھمەت ئۇيغۇرچە قۇشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان قېرىنداشلار.     
69520 ۋاقتى: 2019-8-15 00:35:08
بەك ياخشى بوپتۇ.  گەرچە خوڭمى ئىشلەتسەممۇ شۇنداق خۇش بولدۇم.
قاينام ۋاقتى: 2019-8-17 21:59:12
مىنىڭ خۇاۋىي Mate20Pro ئىدى، يېڭىلاش ئۇچۇرى تاپشۇرىۋالمىدىم، ئايالىمنىڭمۇ ئوخشاش، بۇ تىپىنىڭ سېستىمىسى يېڭىلانمىغانمىدۇ ياكى باشقا سەۋەپ بامۇ بىلەلمىدىم، بىلىدىغان دوستلار چۈشەنچە بەرسەڭلار
阿布都热依木 ۋاقتى: 2019-8-25 12:28:44
بەك ئىسىل ئىش بوپتۇ، مۇشۇ ئىشلارغا كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلارغا تەشەككۈر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部