+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-6 12:46 2075 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
« تەبىئەت » ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھايۋانلاردىن پايدىلىنىپ ئىنسانلارنىڭ ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش تەتقىقات تۈرى تۇنجى قېتىم ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن . ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ، ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە ئالىمى Hiromitsu Nakauchi ئىنسانلارنى كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرسىنى ( iPS ھۈجەيرىسى ) چاشقان تېنىگە كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈپ، ئاندىن تەجىرىبە ھايۋاناتنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈشنى پىلانلىدى . Nakauchi نىڭ ئاخىرقى نىشانى ھايۋانات تېنىدە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىشقا بولىدىغان ئىنسانلار ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش.

微信图片_20190806120949.png
微信图片_20190806115908.jpg
微信图片_20190806120959.png


بۇنىڭدىن بۇرۇن، ياپونىيەدە ئىنسانلار ھۈجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايۋانات تۆرەلمىسىنىڭ ئۆسۈش ۋاقتىنىڭ 14 كۈندىن ئېشىپ كېتىشىنى ھەمدە بۇ تۆرەلمىلەرنى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ بالىياتقۇغا كۆچۈرۈشنى چەكلەنگەن.  ئەمما بۇ يىل 3-ئايدا ياپونىيە مەدەنىيەت ۋازارىتى يېڭى بەلگىلىمە تۈزۈپ، ھايۋانلارنىڭ تېنىدە ئىنسانلارنىڭ ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە يول قويدى.  بۇ يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، Nakauchi نىڭ تەجرىبە پىلانى تەستىقلاندى.
Nakauchi مۇنداق دېدى، ئۇ بۇ تەجرىبىدە، ئالدى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا شالغۇت كىچىك چاشقان، چوڭ چاشقان تۆرەلمىسىنى 14.5 ۋە 15.5 كۈن يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، ئارقىدىن ئۇ چوشقىدا شالغۇتلاشتۇرۇلغان تۆرەلمىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 70 كۈن بولىدۇ.
ھايۋانات تېنىدە ئادەم ئەزالىرىنى يىتىشتۈرۈش دېگەن نېمە گەپ؟
مەلۇم ئادەمنىڭ قاتناش ھادىسىسى، كېسەللىك دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن مەلۇم ئەزاسى زەخمىلەنگەن، كېمەيگەن بولسا شۇ لازىملىق ئەزانى غول ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ ھايۋانات تېنىدە يىتىشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇ ئەزانى شۇ ئادەمنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: بىرسىنىڭ بۆرىكى زەئىپلىشىپ بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ماس كېلىدىغان بۆرەكنى تاپماق ئىنتايىن تەس، تاپقان تەقدىردىمۇ باھاسى قىممەت، ھەم باشقا ئادەمنىڭ بۆرىكى بولغاچقا يەكلەش ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇ ئادەمنىڭ غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ ھايۋانات تېنىدە يىتىشتۈرگەن بۆرەك شۇ ئادەمنىڭ ئەسلى بۆرىكىگە ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ، يەكلەش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.

بۇ رەسىمدە چاشقان تېنىدە ئادەم قۇلىقىنى يىتىشتۈرۈش جەريانى كۆرسىتىلگەن.
微信图片_20190806115913.jpg
微信图片_20190806115917.png

بۇ قېتىم ياپونىيە تەرەپ ئىنسانلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىنى يېتىشتۈرمەكچى ، ئەگەر تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ، دىئابېت كېسىلىنى مەڭگۈلۈك داۋالىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

گەرچە جەمئىيەت ئىلمىي تەتقىقاتنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن پەن تەتقىقاتىدىمۇ ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكى بولۇشى كېرەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە ئىلىم - پەن تەرەققىياتى ناھايىتى كۈچلۈك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدۇ ، ئەگەر بۇنى كونترول قىلمىغاندا بىر خىل چەكلىمىسىز ئىلىم - پەننىڭ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملار تەتقىق قىلىپ چىققان نەتىجىلەر ئىنسانلارنىڭ تەرتىپى ۋە تەڭپۇڭلۇقىغىمۇ ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ خىل تەجرىبىنى چەكلەپ كەلگەن.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ « ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى » گە رۇخسەت قىلغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ياپونلار بۇ تەجرىبىنى ئىنتايىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەجرىبىنىڭ ئېتىكىغا تۈپتىن خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كىنودا چىقىدىغان كۆرۈنۈش.
微信图片_20190806115851.jpg

كىشىلەر  « ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى» تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ رەسىمدىكىدەك شالغۇت «جانلىق» نىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

mihrim ۋاقتى: 2019-8-7 09:34:54
پەن تېخنىكا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەيران قالارلىق ھەم قورقۇنۇشلۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部