+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-1 18:52 1511 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئىجادىي تەپەككۇر قانداق قىلىپ، چوڭقۇر ھاڭدىن ئېگىز چوققىغا يېتىدۇ؟
تەپەككۇر تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدىغان ئورگانىزم ۋە ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىدىغان مولېكولىغا ئوخشىمايدۇ. بىز ئۇنىڭ گېنىلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ۋە ئىسسىقلىق تەۋرىنىشى دېگەندەك مېخانىزملار ئارقىلىق، ئىزدىنىش جەريانىدا يولۇققان قاتماللىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشىدىن ئۈمىد كۈتسەك بولمايدۇ. بىراق، تەپەككۇردا بەزى ئۇسۇللار بىلەن شۇ خىل مەقسەتكە يېتىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇسۇل پەقەت بىرلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى دەل - ئويناشتۇر.
بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى، قانداقتۇر قائىدە بويىچە ئوينىلىدىغان شاھمات تاختىسى ئويۇنى ياكى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئەمەس، بەلكى بالىلار كەبى بىر دۆۋە لېگاۋ كۇبكلىرىنى قوراشتۇرۇشتەك ياكى ئويۇنچۇق گۈرجەك-چىلەكلەر ئارقىلىق قۇم ئويناشتەك قائىدىسىز ۋە تەشكىلسىز ئويۇندۇر.


tooopen_19013784.jpg


بۇنداق ئويناشنىڭ بىۋاسىتە نىشانى ۋە يەتكۈزىدىغان مەنپەئەتى بولمايدۇ، ھەتتا مەغلۇپ بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ بولمايدۇ.


ھايۋانات ئويۇنى


ئويناش شۇنچىلىك مۇھىمدۇر.
ھەتتا يەرشارىغا بىز ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا ئويۇن كەڭ تەبىئەتتە مەۋجۇت بولۇپ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوينايتتى، قۇشلارمۇ شۇنداق ئىدى، مەسىلەن، شاتۇت، قاغا دېگەندەكلەر...
يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار، ھەتتا بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭمۇ ئوينىغىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جىنسىي جەھەتتىن يېتىلگەن ھايۋانلار ھەتتا ئويۇن ئارقىلىق جۈپلىشىشنى مەشىق قىلىدۇ. ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئويناش چىمپىيۇنى كەڭ تۇمشۇق دېلفىن بولۇشى مۇمكىن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ 37 خىل ئوخشىمايدىغان ئويناش ئۇسۇلى بار ئىكەن. قوتاندا بېقىلغان دېلفىن شار ۋە باشقا ئويۇنچۇقلارنى بىلمەيدۇ، ياۋا دېلفىن بولسا پەي ۋە دېڭىز كۆپۈكلىرىنى ئوينايدۇ ياكى ھاۋا تۆشۈكچىسىدىن «ئىس چەمبىرىكى» دېگەندەك نەرسىلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ.
ئويۇننىڭ بۇنداق ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى چوقۇم دۇنيانىڭ مەلۇم خىل بۇرۇقتۇرما ھالىتى سەۋەبىدىن بولغان. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى ئاساس شۇكى، ئويۇن ئويناش ئۈچۈن «تەننەرخ» كېتىدۇ. بالا جانلىقلار بىر كۈنلۈك ئېنېرگىيە خام چوتىنىڭ %20 نى يېمەكلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئويۇن ئويناشقا ئىشلىتىدۇ. ئويناش ئۇلارغا ئېغىر مەسىلە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. يىلپىز بالىلىرى دائىم بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ياكى ئىز قوغلاۋاتقان ئانىسىنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، ئولجا ھايۋاننى ئۈركىتىپ قاچۇرۇپ قويىدۇ. پىل بالىلىرى ئوينىغاندا پاتقاققا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن، چوڭ مۆڭگۈزلۈك قوي ئوينىغاندا كاكتۇس سانچىلىپ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. بەزى ئويۇنغا ئامراق ھايۋانلار ھەتتا ئويۇن سەۋەبىدىن جېنىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.
1991-يىلى ئالىملار جەنۇبى ئامېرىكا تۈكلۈك دېڭىز شىرى توپىنى كۆزەتكەن. بىر پەسىلدە دېڭىز شىرى بالىلىرىنىڭ 102 دانىسىنىڭ تەلىيى كاج كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن 26 سى ئۆلتۈرۈلگەن، %80 دىن كۆپرەكى بولسا ئويناش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
تەننەرخنىڭ يۇقىرىلىقى پايدىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە پايدىنى مۆلچەرلىگەندىن كېيىن، ئويناشنىڭ ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ياۋا ئاتلار قانچە كۆپ ئوينىسا، ئۇلارنىڭ بىرىنچى يىلى ھايات قېلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئوخشاشلا، بىرىنچى يىلى يازدا ئويۇنغا ئامراق ئالياسكا قوڭۇر ئېيىق بالىسى شۇ يىلى قىشتا تېخىمۇ ياخشى ياشاپ قالماستىن، يەنە كېلەر يىلى قىشتا ھايات قېلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
بۇنداق ئويۇننىڭ بەزى مەقسىتى يەنە پىسخىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز.
ئات ئويۇن ئوينىغاندا، مۇسكۇللىرى كۈچىيىدۇ، بۇ خىل كۈچ-قۇۋەت ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
شىر بالىسىنىڭ ئېلىشىش ئويۇنى ئوينىشى، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېلىشىشى ئۈچۈن مەشىق بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ شىر توپىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق.
دېلفىن كۆپۈكچە ئوينىغاندا، ئېزىقتۇرۇش ۋە ئولجا تۇتۇش ماھارىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. ئەركەك ئۆمۈچۈك جۈپلىشىش ئويۇنى ئوينىغاندا، باشقا ئەركەك ئۆمۈچۈك ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن چىشى ئۆمۈچۈكتىن ئايرىلىشنى مەشىق قىلالايدۇ.
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئارىسىدا، ئويناش يالغۇز مەلۇم كونا ھەرىكەت مەشىقىلا ئەمەس، خۇددى پىيانىنو چالغۇچىلارنىڭ تەكرار رېپېتىتسىيە قىلغىنىغا ئوخشاش ئىشتۇر. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىز قوغلاش، ئوۋ ئوۋلاش ۋە قېچىش پەيتلىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت يېڭى مۇھىتتا تۇرغىنىنى بايقايدۇ.
ئويناش ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئۈزۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تاشقىي مۇھىتقا جانلىق ماسلاشتۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھايۋانلارنىڭ ئوينىشى ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ھەرىكەتلەر گەرچە دەرھال ئەسقاتمىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان دۇنيادا، ئوبيېكىت ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ھەرخىل تاسادىپىيلىقلارغا بىلىپ بىلمەيلا پىششىق تەييارلىق قىلىدۇ.


89e4-hyzpvir8634402.jpg


1978-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئويۇننىڭ بالا چاشقانغا بولغان ئىجابىي قىممىتىنى ئىسپاتلىدى، بۇ تەجرىبىدە بەزى چاشقانلار تور قەپەس ئارقىلىق 20 كۈن ئايرىپ تۇرغۇزۇلغان، نەتىجىدە ئۇلار باشقا ھەمراھلىرى بىلەن ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالغان.
بىر مەزگىلدىن ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار بارلىق چاشقانلارغا بىر كاۋچۇك شارنى تارتىش ئارقىلىق يېمەكلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى ئۆگەتكەن، ئارقىدىنلا، ئۇلار ۋەزىپىنى ئۆزگەرتىپ، شارنى تارتماي، ئەكسىچە ئىتتىرىش ئارقىلىق يېمەكلىككە ئېرىشەلەيدىغان قىلغان، ئەركىن ئوينىتىلغان چاشقانغا سېلىشتۇرغاندا، ئويناتمىغان چاشقانلار تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېمەكلىككە ئېرىشكەن.
ئالىملار بۇ خىل كۆزىتىش بىلەن ئىجادىي كۆزىتىشنى تېخىمۇ بىۋاسىتە بىرلەشتۈرۈپ، «ئىزدىنىش رولىنى رېئاللاشتۇرۇش، يەككىلىكنى ساختا ئاخىرقى نۇقتىدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ ياكى قىسمەنلىك ئەڭ ياخشى يېشىمگە ئېرىشىدۇ» دەپ قارىغان، ھەمدە «ساختا ئېگىزلىككە قاپسىلىپ قالغاندا، ئويۇن ئۇلارنى بۇنداق ئېگىزلىكتىن ئاسانلا قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۈكسەك ئېگىزلىككە يەتكۈزەلەيدۇ» دەپ يەكۈن چىقارغان.
ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولسا، ئىجادچانلىققا تولغان كىشىلەرنىڭ دائىم ئۆز خىزمىتىنى «قىزىقارلىق» دەپ تەسۋىرىلىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. پېنېتسىللىننى بايقىغان ئالكساندىر فىلېمىڭنىڭ ئويۇنچى پوزىتسىيەسى خوجايىنىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مىكرو ئورگانىزملار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن... ھەمدە دائىمىي ئادەتلەرنى بۇزۇپ تۇرىمەن؛ شۇ ئارقىلىق، باشقىلار ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەرنى بايقايمەن، بۇ بەك خۇشاللىنارلىق بىر ئىش».
2010-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى ئەندىرى گېيىم مۇنداق جاكارلىغان: «ئويناش پوزىتسىيەسى تەتقىقاتىمنىڭ بەلگىسىدۇر...  ۋاقىت، ئورۇن ياكى باشقىلاردا يوق جابدۇقلاردىن باشقا، بىردىنبىر ئۇسۇل پەقەت ۋە پەقەت قاپيۈرەكلەرچە تەۋەككۇلچىلىك بىلەن ئويناشتۇر».
جامېس ۋاتسون بىلەن فىرانىس گېننىڭ كىرىك قوش بۇرمىلىق قۇرۇلمىنى بايقىغاندا، رەڭلىك شارچىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، بۇنداق شارچىلار خۇددى لېگاۋ كۇبىك ياغىچىغا ئوخشايدۇ. ۋاتسوننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى «ئويۇننى باشلاش»تۇر.
روھىي ئانالىز پېشىۋالىرىدىن بىرى كارىل گۇستاف يۇڭ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە ئويۇنغا قانچىلىك قەرىزدارلىقىمىزنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ».
ئويۇننىڭ ئەڭ قالتىس ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ھۆكۈم قىلىشىمىزنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا، بىز ياخشى ئامال ۋە يامان ئاماللارنى تاللاشقا كىرىشىپ قالمايمىز. مەلۇم بىر ھۆكۈمنىڭ چەكلىمىسىدە تۇرۇپ قالمايمىز. قاراڭغۇ ھاڭلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى چوققىغا چىقالايمىز.

Ready-Player-One-e1522579735571.jpg

چۈش كۆرۈش ۋە دىققەتنىڭ چېچىلىشى

بىز ئۇيقۇلۇقتا باشتىن كەچۈرگەن چۈش گەرچە ئويۇندىكى باشچىلاپ كىرىشكە ئوخشىمىسىمۇ، ئوخشاشلا كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ.

پىسخولوگ ژان پېيجىت چۈش كۆرۈشنى ئويۇنغا ئوخشاتقان، بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. پېيجىتنىڭ ئىجادىي تەتقىقاتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەردى، دەل چۈش ئىچىدىلا، چوڭ مېڭىمىز ئەڭ غەلىتە ئىدىيە ۋە سۈرەت بۆلەكلىرىنى ئەركىن ھالەتتە بېرىكتۈرۈپ، يېڭى شەخس ۋە يېڭى ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
داڭلىق ناخشىچى پاۋۇل مىكارتىنىي ئۆزىنىڭ ناخشىسى «تۆنۈگۈن»نى تۇنجى قېتىم چۈشىدە ئاڭلىغان ھەمدە بۇنىڭ ئىجادىي ناخشا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن. كېيىن، مۇزىكا ساھەسىدىكى پىشۋالاردىن بۇنداق ناخشا بار-يۇقلۇقىنى سۈرۈشتۈرگەن، بىراق ئاڭلاپ باققان ئادەم چىقمىغان.
«تۆنۈگۈن» ناخشىسى كېيىن 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ناخشىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، يەتتە مىليۇن قېتىم ئېيتىلغان ۋە 2000 دىن ئارتۇق نۇسخىسى مەيدانغا كەلگەن.
يەنە بىر مىسال شۇكى، گېرمانىيەلىك ئالىم ئوتتو لېۋىي بىر مۇھىم تەجرىبىنى چۈشەپ قالغان، بۇ تەجرىبە نېرۋىنىڭ خىمىيەلىك ماددا (بىز ھازىر نېرۋىنىڭ يەتكۈزگۈچى ماددىسى دەپ ئاتايمىز) ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈن ئوتتو لېۋىي نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
يېرىم ئۇيقۇلۇق، يېرىم ئويغاق (پىسخولوگلار بۇنى ئۇيقۇغا كىرىش مەزگىلى دەپ ئاتايدۇ) ھالەت بولغان تەقدىردىمۇ، چوڭ مېڭىمىز يېتەرلىك دەرىجىدە ئەركىن بولۇپ، ناھايىتى بىمالال تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئاۋگۇست كېكۇل بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسىنى بايقىغان، مارى شېللېي ئۆزىنىڭ «فىرانكىستان» (Frankestein) ناملىق رومانى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، دېمتىرىي مېندېلېيۋ خىمىيەلىك ئېلېمېنىتلار جەدۋىلىنى بايقىغان...
تەپەككۇرنىڭ قويۇۋېتىلىشىمۇ ئويناش ۋە چۈش كۆرۈش رولىغا ئىگە. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا قۇرامىغا يەتكەنلەردىن، %96 ئادەم ھەر كۈنى دىققىتىنىڭ چېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى، قالغان %4 ئادەم كۆڭلى بىر يەردە بولمىغاچقا، دىققەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىر ئادەمنىڭ ئىش قىلغاندا دىققىتى چېچىلىپ كېتىش قېتىم سانىنى بىلىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بىۋاسىتە سورىسىلا بولىدۇ. خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەمدىن شۇ پەيتتە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى سورىسىلا، ياكى مەلۇم ۋاقىتتا ئۇچۇر يوللاپ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى سورىسىلا بىلگىلى بولىدۇ.
پىسخولوگلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بايقىدىكى، كىشىلەرنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كېتىش چاستوتىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇمىي ۋاقىتنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ياكى يېرىمىدە دېگۈدەك چېچىلىپ كېتىدىكەن.
دىققەت چېچىلىپ كېتىش ئادەتتە زىيانلىق ئەمەس دەپ ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بەزىدە يامان ئاقىۋەتلەرنىمۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بىز گەپنى «يامان ئاقىۋەت»تىن باشلايلى. كۆڭلى بىر يەردە بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ سىناش جەريانىدا ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولغان، بولۇپمۇ ئوقۇپ چۈشىنىش سىنىقىدا.
كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئۇلارنىڭ كەسىي ھاياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھاندىكى ئىپادىسى بەكلا ناچار بولغان، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەلىپى بويىچە ئوقۇش ئىقتىدار سىنىقىمۇ شۇنداق بولغان.
لېكىن، دىققەت چېچىلىپ كېتىشنىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى بار، ھېچ بولمىغاندا، ياخشى تەربىيە كۆرگەن كاللا ئۈچۈن ئېيتقاندا شۇنداق. ئەمەلىيەتتە، ئېينىشتىيىن، نىيوتون ۋە مەشھۇر ماتېماتىك ھېنىرى پوئىنكارې قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلىرىدە، ئۇلار ئۇنچە بەك باش قاتۇرۇپ تەتقىق قىلمايلا، بەزى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋەتكەن دېيىلگەن. نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ ياخشى ئامالنى مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقاندا ئويلاپ تاپقان دېيىشىدۇ. ئارخېمىدنىڭ جىسىملارنىڭ ھەجىمىنى ئۆلچەش مىسالى دەل بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.
ۋاھالەنكى، ئارخېمىد ھەقىقەتەن ۋاننىغا كىرگەندە سۇ يۈزىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئىلھامغا ئېرىشكەندىن باشقا، باشقىلارنىڭ ئىلھامى پۈتۈنلەي «يوقتىن بار قىلىش»تۇر.
پوئىنكارې ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا مەسىلىلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ۋاقىتلىرىنى مۇنداق تەسۋىرىلىگەن:
«مەن ئۆزۈمنىڭ مەغلۇبىيىتىمدىن قاتتىق بىزار بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن دېڭىز بويىغا بېرىپ بىرنەچچە كۈن ئويناپ، باشقا ئىشلارنى ئويلاپ باقتىم. بىر كۈنى ئەتىگەندە، يولدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر خىيال پەيدا بولدى، قىسقىلا... تۇيۇقسىزلا... يەنە كېلىپ، شۇنى دەرھال جەزملەشتۈردۈمكى، ئارفمېتىكىلىق مەسىلىلەردىكى ئۈچ ئېلېمېنتلىق n كۇادراتلىق ئالماشتۇرۇش بىلەن غەيرىي ئېۋكىلد گېيومېتىرىيەسىدىكى ئالماشتۇرۇش تەڭ قىممەتلىك ئىدى».
بۇنداق توغرا ۋە ئېنىق قاراشلار يېتىپ كېلىش ھارپىسىدىكى، قارىماققا بىھۇدە بىلىنىدىغان دەۋرنى «تەپەككۇرنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
بىز قېيىن بىر مەسىلە ئۈستىدە تىرىشىپ ئىشلىگىنىمىزدە، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىچىدە قالغاندا، دىققەتنى قاتتىق مەركەزلەشتۈرۈۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، تەلەپ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان بەزى پائالىيەتلەرنىمۇ قىلىپ بېقىشىمىز كېرەك، مەسىلەن، سەيلە قىلىش، سۇغا چۆمۈلۈش، يۇيۇنۇش، ئويۇن ئويناش قاتارلىقلار چوڭ مېڭىنى ئەركىن سەيلە قىلدۇرغانغا باراۋەر. بۇنداق چاغدا، چوڭ مېڭە تاسادىپىي ھالدا بىز ئىزدەۋاتقان مۇھىم جاۋابنى ئىختىيارسىز تېپىۋىلىشى مۇمكىن.
تەپەككۇر ئاڭسىزلىقتىن پەيدا بولىدۇ ۋە ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ. بىر تەجرىبىدە، 135 نەپەر داشۈ ئوقۇغۇچىسى بىر تۈرلۈك ئىجادىيەت كۈچى پىسخىك سىنىقىغا قاتناشقان. تەتقىقاتچىلار ئۇلاردىن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى (مەسىلەن، خىش ياكى قېرىنداش)نىڭ ئالاھىدە ئىشلىتىلىش ئورنىنى تېپىشنى تەلەپ قىلغان.
سىناق باشلىنىپ بىرنەچچە مىنوتتىن كېيىن، تەجرىبىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان پىسخولوگلار بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇلارغا بىر قاتار سانلارنى كۆرۈش، ئاندىن قايسىلىرىنىڭ جۇپ سان، قايسىلىرىنىڭ تاق سانلىقىنى تېپىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ يېڭى ۋەزىپىگە بەك كۆپ زىھنىي كۈچ كەتمەيدۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى سىناققا بولغان دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇرى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئىجادىي كۈچى داۋاملىق سىنالغان، ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابىمۇ يېڭى ۋەزىپە تەقسىم قىلىنمىغان ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۆزگىچە، ئىجادىي بولغان.
ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان، لېكىن پىسخولۇگلار ئۇلارغا تېخىمۇ قېيىن ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ بەرگەن، بۇ ۋەزىپىگە دىققەتنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش زۆرۈر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جاۋابى بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردەك ئىجادىي بولمىغان. شۇڭا، خۇلاسە شۇكى، تەلەپ يۇقىرى بولمىغان ۋەزىپىدە (ئاددىي ئىشلاردا) دىققەتنىڭ ھاجىتى يوق دېيەرلىك، ئەمما قىيىنلىق دەرىجىسى مەسىلىنى ئاڭلىق بىر تەرەپ قىلىشنى توسۇۋالىدۇ، تەپەككۇرنى قاناتلاندۇرۇشقا ھەمدە مەسىلىنى ئىختىيارسىز ھەل قىلىۋېتىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ئەگەر دىققەت چېچىلىپ كەتسە، ئىجادچانلىققا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتسە، ئۇنىڭ سەلبىي تەرىپى، يەنى چوڭقۇر خىيالدا مەشىق قىلىۋاتقان دىققەتنى كونترول قىلىشنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈمى بولۇشى كېرەك.
2012-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن:
خىيالغا بېرىلىش دىققەتنىڭ چېچىلىشىنى ئازايتىدۇ ھەمدە ئۆلچەملىك پەنلەردىكى ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ھالبۇكى، چوڭقۇر خىيالغا چۆككەن ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانچە چوڭقۇر ئويلىنىپ كەتمەيدىغان ئادەمنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىجادچانلىق سىنىقىدا ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولغان.
شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، جانلىقلارنىڭ تەبىئىي تاللىنىش بىلەن گېن ئۆزگىرىش ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن بىر تەڭپۇقلۇق نۇقتىسى بولىدۇ، ئىجاچانلىق ئەنە شۇ خىل تەڭپۇڭلۇقتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، دىققەتنىڭ قانچىلىك يىغىلىشىدىن، يېڭى ئۇچۇرلارنى قانچىلىك قوبۇل قىلىشتىن قەتئىينەزەر، يېڭىلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. پايدىلىق ئوي-پىكىرلەر ھەققىدە ئىزدەنگەندە، سىز يەنە ئويناپ، مۇۋاپىق ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپ، تۈرلۈك ئۇششاق-چۈشەك ئىشلارغا دىققىتىڭىزنى چېچىپ، تەپەككۇرىڭىزنى ئۈزۈپ تۇرىشىڭىز كېرەك.

بۇ ماقالىنى قارا، ئاق، كۆك ئويۇنچۇق سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

yn181 ۋاقتى: 2019-8-3 07:40:00
راسلا شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部