+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-28 11:07 1292 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھازىر يانفونلارغا LCD ئېكران بىلەن OLED ئېكران سەپلىنىۋاتىدۇ. بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلارغا ئاساسەن OLED ئېكران ئىشلىتىلمەكتە. OLED ئېكران ئىشلىتىلگەن يانفوننىڭ باھاسى قىممەت. ئۇنداقتا ئىككىسىدىن قايسسى ياخشى؟
LCD ئېكراننىڭ كەينىدە توك ئۆتكەندىن كېيىن يۇرۇيدىغان LED لامپا بار. LED لامپا يۇرۇپ ئېكراندىكى تەسۋىرنى ئادەمگە كۆرسىتىدۇ. LED ئېكراندا ئېكران يورۇغاندىن كېيىن LED لامپىنىڭ ھەممىسى يورۇيدۇ، يەنى ھەممىسىگە توك ئۆتىدۇ. شۇڭا ئېكراندا كۆرۈنگەن مەزمۇن ئاق بولسىمۇ، قارا بولسىمۇ توك سەرپىياتى ئوخشاش.
OLED ئېكراندا بولسا LED لامپىنىڭ ھەممىسى يورۇمايدۇ. نۇر چېچىشقا تىگىشلىك قىسىمى يۇرۇپ، قارا يېرى يۇرۇمايدۇ، قارا يېرىگە توك ئۆتمەيدۇ. شۇڭا توك سەرپىياتى LCD ئېكرانغا قارىغاندا تۆۋەن. يەنى ئېكراننىڭ يۇرۇشقا تىگىشلىك پىكسىلى يۇرۇپ، قارا كۆرۈنىدىغان پىكسېلغا توك ئۆتكۈزمەيدۇ. كىنو ياكى رەسىم كۆرگەندە قاراڭغۇ، قارا يەرگە توك ئۆتكۈزمەيدۇ دېگەنلىك. LCD  ئېكراندا ھەممە يەرنى يۇرۇتۇپ، قاراڭغۇ كۆرۈنۈشكە تىگىشلىك يەرنى تۇسۇۋېلىپ كۆرسىتىدۇ. OLED ئېكراندا ھەر بىر پىكسېلغا ئايرىم يورۇقلۇقنى تەڭشەيدىغان ئىقتىدار قوشۇلغان. ئېكراننى قارا ئۇسلۇبقا تەڭشەپ قويسا يانفوننىڭ توك سەرپىياتى تۆۋەنلەيدۇ.
شۇڭا OLED ئېكران سەپلەنگەن يانفوننىڭ توك سەرپىياتى LCD ئېكرانغا قارىغاندا تۆۋەن. ھەر بىر پىكسېلنىڭ يورۇقلۇقىنى ئايرىم كونترول قىلغاچقا OLED ئېكراننىڭ يورۇقلۇقى، ئەينەنلىكىمۇ LCD ئېكراندىن ياخشى.
بۇ OLED ئېكراننىڭ يانفونغا بولغان پايدىلىق تەرىپى. ئەمما ئادەم كۆزىگە بولغان تەسىرىچۇ؟
OLED ئېكراندا ھەر بىر پىكسېل ئايرىم كونترول قىلىنىپ يۇرۇتۇلدىغان بولغاچقا «لىپىلداش» ئەھۋالى بار. يەنى بۇرۇنقى «دۇمباق» تېلېۋىزور، ئېكرانغا ئوخشاش. كۈچلۈك يۇرۇقلۇق ھالىتىدە بۇ خىل لىپىلداشنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئاجىز يۇرۇقلۇق شارائىتىدا OLED ئېكران توختىماي لىپىلدايدۇ. ئۇ خىل لىپىلداشنى ئاددىي كۆز بىلەن ھېس قىلالمايمىز، ئەمما ھېس قىلالمىغان بىلەن توختىماي «لىپىلداۋاتقان ئېكران» كۆزگە تەسىر قىلىپ چارچىتىدۇ، قۇرغاقلاشتۇردۇ. LCD ئېكراننىڭ ھەممە LED لامپىسى بىراقلا يورۇيدىغان بولغاچقا لىپىلداش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس.
بۇ رەسىمدە OLED ئېكران بىلەن LCD ئېكراننىڭ لىپىلداش پەرقى كۆرسىتىلگەن.

407c4a08ada34648b4673aae57e067d9.gif
شۇڭا LCD ئېكراننىڭ كۆزگە بولغان تەسىرى OLED ئېكراندىن كىچىك. يېقىندىن بۇيان DC نۇر تەڭشەش تېخنىكىسى ئارقىلىق لىپىلداش مەسىلىسىنى ئازراق يىنىكلەتتى. شۇڭا OLED ئېكرانلىق يانفون تاللىغاندا DC تەڭشەش ئىقتىدارى بارنى تاللىسا ياخشىراق.

ئۇنىڭدىن باشقا OLED ئېكراندا «كۆيۈك ئېكران» (烧屏) دەيدىغان بىر ھادىسە بار. يەنى، OLED ئېكراننى بىرەر يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئېكراننىڭ مەلۇم يېرىدە داۋاملىق كۆرۈندىغان رەسىمنىڭ ئىزى ساقلىنىپ قالىدۇ. داۋاملىق چېكىدىغان يەردە بارماق ئىزىغا ئوخشاش داغ قېلىپ قالىدۇ. ئۇ ئىز ئېكراننىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئىچىدىكى يورۇيدىغان يېرىدە بولغاچقا تازىلاپ چىقارغىلى بولمايدۇ.

6b3126a139624b9e8c898cc07e5a319a.jpg

بۇمۇ يۇقاردا دېگەندەك OLED ئېكراننىڭ پىرىنسىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر بىر پىكسېل ئايرىم يۇرۇتىلدىغان بولغاچقا داۋاملىق يۇرۇيدىغان ئورنى بىلەن داۋاملىق يورۇمايدىغان ئورنىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ قېرىشى ئوخشىمىغاچقا رەڭ، يورۇقلۇق پەرقى كېلىپ چىقىپ، ئاشۇنداق داغ، كۆيگەندەك ئىز قېلىپ قالىدۇ. بەزى OLED ئېكراندا ئۇزۇن سىزىق پەيدا بولۇۋالىدۇ.

8f22e6869be748e996fbf860e494283c.gif

微信截图_20190727190243.jpg

شۇڭا OLED ئېكران سەل نازۇكراق. يېڭى ۋاقىتدا بىلىنمەيدۇ، بىر ئىككى يىل ئىشلەتكەندىكىن كېيىن يۇقارقىدەك مەسىللەر كۆرۈلىدۇ.
AMOLED ئېكران OLED نىڭ بىر تۈرى. پىرىنسىپى OLED قا ئوخشايدۇ.

6ئادەم ئىنكاس يازدى

kabil001 ۋاقتى: 2019-7-29 00:53:49
TFT ,  IPS  دەيدىدىغان بىر  ئېكرانلار بولىدىغان.  بۇ خىلدىكى ئېكرانلار شاللىنىپ بولغان ئوخشىمامدۇ؟  يەنە  « كاڭنىڭ » ئورانگوتان ئەينەك ئېكرانى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئېكرانلار بولىدىكەن.  بۇلار قانداق تۈردىكى قايسى ئۇقۇمدىكى ئېكرانلار؟  يانفۇننىڭ ئەڭ ئاساسى بولغان، ھەم كۆزىمىزگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان  -  ئېكراننى  تولۇقراق چۈشىنىۋالساق دەيمەن.
elbilge ۋاقتى: 2019-7-28 16:09:31
ماۋۇ تېما نەق مەن سورىغان سوئالغا جاۋاپ بوپتۇ، رەھمەت ئالىپجان،جاپا چەكتىڭىز
soser ۋاقتى: 2019-7-28 17:15:29
رەھمەت، ناھايىتتى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز
abjsoft ۋاقتى: 2019-7-28 22:43:48
ئەخىرى چۈشەنگەندەي بولدۇم، سامسۇڭ دىگەن ھېشىقنىڭ نىمندا ئېكرانى ھېلى ئالا بۇلىماچ ھېلى قاتارى سىزىق چىقىتقانتۇ دىسەم ئەسلى مۇشۇندا ئشكەنيا بۇ، ئەمدى مانىڭدىن كىيىن تېلفۇن ئاسام LCD ئېكرانلىغ تېلفۇن ئاسام بوغىدەي.
سەپەر8488 ۋاقتى: 2019-7-28 23:10:14
ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر،  مەن يېقىندا يانفۇن سېتىش دوكىنى ئاچقان ئىدىم،  توپ يانفۇنغا ئىھتىياجىم بار ئىدى،  توپ مال تارقىتىدىغان دوسلار بولساڭلار ئالاقە نۇمرۇڭلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار،  رەھمەت
elbilge ۋاقتى: 2019-7-29 00:11:51
بىز يانفون سېتىۋالغاندا  مۇنۇ ئىشقا دىققەت قىلساق بولىدۇ، ئادەتتە بىر يانفون تۇتساق كۆپىنچىمىزنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىمىز ئىككى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇ دەل OLED ئېكراننىڭ كونىراش ۋاقتىغا توغرا كېلىدىكەن، ھەم توكىنىڭ ئۇزۇن يېتىش يەتمەسلىكى بىزگە مۇھىم مەسىلە، كۆرستىش ئۈنۈمى ۋە ئېنىقلىقى OLED ئېكراننىڭ LCD دىن ياخشىراق چىقامدىكىن دەپ ئويلايمەن،ئەگەر سىز بىر يانفون تۇتۇپ تۆت بەش يىل ياكى بۇزۇلغىچە ئىشلەتسىڭىز LCD  ئېكرانلىقنى ئويلىشىڭ، كۆزگە زىيانلىق تەرىپىنى ئويلاشمىغاندا شۇنداق ، ھازىرقى يۈزلىنىش OLED ياكى SUPER AMOLED  ئېكران، بۇ ئېكرانلار بايراقدار، قىممەت تېلېفونلارغا سەپلىنەتتى،ھازىر باھاسى ئەرزان تېلېفونلارغىمۇ سەپلىنىشكە باشلىدى، LCD  ئېكران ئوتتۇرا،ئەرزان تېلېفونلارغا سەپلىنىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部