+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-27 11:41 1243 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈن ئەتىگەن ئالما شىركىتى ئىنتېل شىركىتىنىڭ يانفون مودېم ئۆزىكى بۆلۈمىنى سېتىۋالدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى ، سودا سوممىسى بىر مىليارد دوللارغا يىتىدۇ . بۇ سودا 2019 - يىلى 4 - پەسىلنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدۇ ، لېكىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك .

s_fa998ef4a03a4871ad169ce99fe5c8bf.jpg

بۇ سودا تاماملانغاندىن كېيىن ئىنتېل شىركىتنىڭ 2200 خادىمى ۋە 17000 دىن كۆپ سىمسىز ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك پاتېنتىمۇ ئالما شىركىتىگە تەۋە بولىدۇ.
يانفون مودېم ئۆزىكى يەنى ئاساسىي بەلباغ يانفوننىڭ سىمسىز سىگنال قۇبۇل قىلدىغان قىسىمى بولۇپ، يانفوننىڭ سۆزلىشىش، تورغا چىقىش ئىقتىدارى ئاساسىي بەلباغ تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ئالما شىركىتى ئىلگىرى كۇۋالكومنىڭ مودېم ئۆزىكىنى ئىشلەتكەن، iPhone 7 دىن باشلاپ ئىنتېل شىركىتنىڭ مودېمىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغان، iPhone X تىن باشلاپ ئاساسەن ئىنتېل مودېمىنى ئىشلەتتى. ئىنتېل ئۆزىكىنى ئىشلەتكەندىن باشلاپ ئايفوننىڭ سىگنالى تازا ياخشى ئەمەس دەيدىغان ئىنكاسلار كۆپ.
كومپىيۇتېر CPU ساھەسىنى intel شىركىتى مونۇپۇل قىلىۋالغان. پۈتۈن دۇنيادىكى %80 شەخىسلەر كومپىيۇتېرى ۋە مۇلازىمىتىرنىڭ CPU سى intel ماركىلىق.
intel شىركىتى 1964-يىلى قۇرۇلغان توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ياسايدىغان دۇنياۋى شىركەت. 2018-يىلدىكى دۇنياۋى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 17-ئۇرۇندا تۇرغان.
ئىنتېل شىركىتى 2010-يىلى infineon شىركىتىدىن كۆچمە تور ئۆزەك كەسپىنى سېتىۋېلىپ يانفون مودېم ساھەسىگە كىرگەن.

s_249c21d237aa4d3b83911f08762a55ca.jpg

ئىنتېل شىركىتى ياسىغان يانفون مودېمىنى ئالما شىركىتىگىلا تەمىنلەپ كەلگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئالما شىركىتىنىڭ كۇۋالكوم بىلەن يارىشىۋالدىغانلىقى ھەققىدە گەپ تارقىلىپ، ئىنتېلنىڭ پاي چېكى چۈشۈشكە باشلىغان. ئەمدى يۇقارقىدەك سودا پۈتۈشۈپ، ئىنتېلنىڭ سىمسىز تورغا مۇناسۋەتلىك يانفون ئاساسىي بەلباغ كەسپىنى ئالما شىركىتى پۈتۈنلەي سېتىۋالدىغان بولدى.
بۇ سودا ئالما شىركىتىگە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟
1. ئالما شىركىتى ئىنتېلنىڭ 17000 خىلدىن ئارتۇق سىمسىز تور تېخنىكا پاتېنتىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ھەرە كۆنىكىسىمان ئۆلچىمى كېلىشىمىدىن مودېم رامكىسىغىچە بولغان بارلىق پاتېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2011-يىلى كانادادىكى ئەڭ چوڭ تېلگىراف شىركىتى Nortel نىڭ مۇشۇ تۈردىكى 6000 خىل پاتېنتى 4 مىليارد 500 مىليون دوللارغا سېتىلغان.
مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالما شىركىتى كۇۋاكوم، خۇاۋېي ۋە نوكىيادىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. بولۇپمۇ 5G جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، 5G ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىدە تېخنىكىلىق قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
2. ئالما ئەمدى يانفون مودېم ئۆزىكى جەھەتتە كۇۋالكومنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچىرىمايدۇ. كۇۋالكوم بىلەن سۆھبەتلەشكەندە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، تەنئەرق باھاسىنى چۈشۈرەلەيدۇ.
3. ئالما شىركىتى 5G ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكى ياساش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر بەس-بەستە 5G تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ 5G  يانفونلىرىنى چىقىرۋاتقاندا ئالما شىركىتى 5G جەھەتتە بىرەر مەھسۇلات چىقارمىدى. ئەمدى ئىنتېلنىڭ مودېم ئۆزەك كەسپى بىلەن 2200 ئىنژېنېرنى بىراقلا قوشۇۋالسا 5G تېخنىكىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن يۈرگۈزەلەيدۇ، ھەم پاتېنىت ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ.
كۇۋالكوم، خۇاۋېي، سامسۇڭ، لىيەنفاكې، زىگۇاڭ قاتارلىق شىركەتلەر 5G ئۆزىكى جەھەتتە كەسكىن رىقابەتلىشىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئالما شىركىتىنىڭ كۈچلۈك تېخنىكىغا ئىگە ئىنتېلنىڭ سىمسىز ئۆزەك كەسپىنى سېتىۋېلىشى بۇ رىقابەتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

Eliyop ۋاقتى: 2019-7-27 13:32:08
ھەرقانداق بىر كەسسىپتە چوقۇم بىر رىقابەتچى بولمىسا تەرەقىيات بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部