+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-7-26 09:56 1433 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
  ئەگەر كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ئەڭ ئالغۇمىز بار نەرسە نېمە دەپ سورالسا، ئېھتىمال «دورائېمون»دىكى ئەستە ساقلاش بولكىسىغۇ دەيمەن.

  ئەگەر كۆپچىلىك دورائېموننىڭكىنى كۆرۈپ باققان بولسا، ئەستە ساقلاش بولكىسى چوقۇم ناتونۇش ئەمەس، پەقەت كىتابتىكى مەزمۇنلار بېسىلغان ئەستە ساقلاش بولكىسىنى يېسىلا، تېكىستلەرنى ئەستە ساقلىغىلى بولىدىغان، پەقەت ۋاقىت تېجەپ ئويۇن ئوينىغىلىلا بولۇپ قالماستىن، مۇئەللىمنىڭ «خو»سىغىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ.

1.jpg


  ئۇنداقتا، ئەگەر ئەستە ساقلاش بولكىسى راستقا ئايلانسا قانداق ئىشلىتىمىز؟

1. ئۇچۇرلارنى بولكا ئۈستىگە ساقلايمىز
2. بولكىنى يەپ، ئۇچۇرلارنى بەدىنىمىزگە كىرگۈزىمىز
3. ئۇچۇرلارنى ھەزىم قىلىمىز

پەقەت ئاددى قەدەم باسقۇچلىرىغىلا قارايدىغان بولساق، ھازىرىقى تېخنىكا ئالدىنقى ئىككى قەدەمنى قىلالايدىغان بولدى، ئالدىدا بىر خەۋەردە، DNA ساقلاش تېخنىكىسىنىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۇچۇرلارنى يېزىپ ساقلىغانلىقىنى ئېيتقانىدى

2.jpg


  بۇ يىل 6-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا شىركىتى Catalogنىڭ 16GBلىق ۋىكپىدىيا (ئىنگىلىزچە نۇسخىسى)نىڭ ھەممە تېكىستىنى بىر سۈنئىي بىرىكتۈرگەن DNA گە ساقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ بىر تامچە سۇيۇق DAN ئىچىدە پۈتۈن ۋىكپىدىيا قامۇسى ساقلانغان
3.jpg


  DNAدە ساقلاشنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئارتۇقچىلىقى دەل ساقلىغىلى بولىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىكىدە. ئۈستىدىكى رەسىمدىكى ساپسېرىق سويۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقى پەقەت 3گىرام، لېكىن ئىچىدىكى DNAنىڭ ئغېرلىقى تىلغۇ ئالغۇچىلىكى يوق دەرىجىدە ئاز. نىيۇيورك گېن گۇرۇپپىسى مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بىر گىرام DNAدە 215مىلىيون GB ئۇچۇر ساقلىغىلى بولىدۇ.

  بۇ ئۇچۇرلارنى 1TB سىغىملىق، 7mm ئۆلچەملىك قاتتىق دېسكىغا ساقلاپ، دېسكىنى دۆۋلىسەك ئېگىزلىكى 1505مېتىر چىقىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا، دۇبەيدىكى مۇنارنىڭ ئېگىزلىكىمۇ ئارانلا 828 مېتىر...

  DNAدا ساقلاشنىڭ پەقەت سىغىمى چوڭلا بولۇپ قالماستىن، ساقلاش ئۆمرى ھەم ئۇزۇن.

  ئەگەر بارماق دېسكا يۈتۈپ كەتمەيلا ئىشلەپ بەرسە، تەخمىنەن 5 يىل ئەتىراپىدا ئىشلەيدۇ. نورمال قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆمرى 5-10 يىلغىچە، توك ئۈزۈلۈش، سوقۇلۇپ-قېقىلىشلارغا ئۇچرىسا ئۆمرى تېخىمۇ ئازلايدۇ.

  نورمال تېمپىراتۇردا DNAنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى 2000يىل ئەتراپىدا. ياخشى ساقلىيالىسا تېخىمۇ ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يىل بۇرۇنقى DNAمۇ ئەسلىگە قايتۇرۇلدى.

گېن مۇتەخەسىسلىرى 700مىڭ يىل بۇرۇنقى ئاتنىڭ DNAسىنى يەشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
4.jpg


  ھازىرىقى سەۋىيەدە، DNAدا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى، تارىخى ماتېرىياللارنى ساقلىغىلى بولىدۇ. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ DNAدا ساقلاش تېخنىكىسى سانلىق-مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ.  مەنمۇ تېخى بايا بىلدىم، ئەسلىدە يۈك ماشىنىسى بىلەن قاتتىق دېسكا توشۇش نۇر كابىل ئارقىلىق توشۇغاندىن تېزكەن.
5.jpg


  1Gbps نۇر كابىل ئارقىلىق، 100مىلىيون GB ئۇچۇرنى يوللاش ئۈچۈن 20 يىل كېتىدۇ، يۈك ماشىنىسى بىلەن پەقەت نەچچە كۈندىلا جەنۇبتىن شىمالغا يۆتكىگىلى بولىدۇ...

قاتتىق دېسكا لىق قاچىلانغان AWS Snowmobile يۈك ماشىنىسى 100مىلىيون GB ئۇچۇر توشالايدۇ
6.jpg


  DNAدا ساقلاش بار بولغاندىن كېيىن، بۇ ۋاقىتنى سائەت ئارقىلىقمۇ ھېسابلىغىلى بولىدۇ، چۈنكى ئۇچۇرلارنى ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.

  ئۇنداقتا بۇ ئېلىكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق قىلىپ DNAدا ساقلايدىغاندۇ؟

  ئاستىدىكى مەزمۇنلار يۇقىرى ئېنىرگىيلىك مەزمۇنلار، ئوقۇپ چۈشىنەلمەي قالساڭلار ئۆزۈڭلار بەك بېسىم قىلىۋالمىسڭلارمۇ بولىدۇ

  بىئولوگىيە دەرىسىدە سۆزلىگەن DNA (دىئوكسى رىبوزانوكلىك كىسلاتاسى 脱氧核糖核苷酸)نىڭ بىر خىل قوش بۇرما قۇرۇلمىلىق بىئولوگىيلىك چوڭ مۇلېكولنىڭ ئاساس گۇرۇپپىسىدىن(碱基) تۈزۈلىدىغانلىقى ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ مۇنداق قارىسام، ئوقۇتقۇچىلىرىڭلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن چىرايلا كۆرۈنىسىلەرغۇ

7.jpg


  DNA زەنجىرىدىكى ئۇزۇنچاق نەرسە دەل ئاساس گۇرۇپپىسى، DNAدا ئادەتتە تۆت خىل ئاساس گۇرۇپپىسى بار، كۆپچىلىك ئۇدۇللا A,T,C,G دەپ چۈشىنىۋالساڭلار بولىدۇ.

رەسىمدىكى ئوخشىمىغان رەڭ ئوخشىمىغان ئاساس گۇرۇپپىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
8.jpg


  ئاساس گۇرۇپپىسىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى چىراي تۇرۇق، ئەقلىي قابىلىيەت، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ قوزغاش خەتىرى دېگەندەكلەرنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق، ACAنىڭ تىزىلىشى كىشىنىڭ قارىغاندىكى ھالىتىنى غەيرى قىلىدۇ، CAC بويىچە تىزىلىسا ئادەمنىڭ بويى ئېگىز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەل ئېرسىيەت ئۇچۇرى.

  كۆپچىلىك ھەممىڭلار بىلدىڭلار: DAN زەنجىرىدە ئېرسىيەت ئۇچۇرى ساقلىنىدۇ، ئۇنداقتا ئېلىكتېرونلۇق ئۇچۇرلارنىمۇ ساقلىغىلى بولىدۇ.

9.jpg


  بۇنداق ئاددىي لوگىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم ئىنچىكىرەك ئويلاپ باقمىغان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «گېن شىفىرى» يېشىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  پەقەت ئاساس گرۇپپىسى تىزىلىشىنىڭ قانۇنىيتى ۋە مەنىسىنى تاپالىساقلا، ئادەملەر ئۆزگەرتكۈچىگە ئىگە بولغانغا ئوخشايدۇ، چىراي، تەقى تۇرۇق، ساپا دېگەندەكلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.

  شۇنىڭ بىلەن «ئىنسانىيەت گىن گۇرۇپپىسى پىلانى» باشلاندى.
10.jpg


  بۇ قۇرۇلۇشقا 3مىلىيارد دوللار ۋە 10يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تولۇق گېن تەرتىپىنى ئۆلچەپ بولدى. ئەگەر ئاساس گۇرۇپپىسى تىزىلىشىنى يېشىشنى خۇددى بىر كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا ئوخشاتساق، ھازىر ئەمدى تېخى كىتابنى قولغا ئالدى دېسەك بولىدۇ...

  كۈلمەيلى، بۇ دېگەن ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ بىر قەدىمى جۇما.
11.jpg


  گەرچە تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قۇرۇلۇش DNA تەرتىپى ئۆلچەش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، DNA تەرتىپى ئۆلچەش پۈتۈنلەي ئادەم ئارقىلىق تاماملىناتتى. زور مىقداردىكى ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە، DNA تەرتىپى ئۆلچەش ئاپتوماتلاشقان دەۋرگە قەدەم قويدى.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى Sanger پۈتۈنلەي ئادەم ئارقىلىق قىلىناتتى، جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ، پىشقان كەسىپ ئەھلى بولمىسا قىلماق تولىمۇ تەس
12.jpg


  ئاساس گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى يېشەلمىگەچكە، ئادەملەر سەل ئەمەلىيرەك بولدى. نېمىلا بولمىسۇن تاماق يەيدىغان گەپ ئەمەسمۇ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بايقاش تۇرسا، ھېچ بولمىسا ئاز-تولا ئىشلىتىش كېرەك-دە!؟ كۆرۈپ چۈشىنەلمىسەك ھېچقىسى يوق، تازا پوچى تۇرۇپ كۆرۈپ چۈشەنگەن قىياپەتكىلا كىرىۋالمامدۇق، نېمىلا بولمىسۇن بارماق دېسكا قىپ ئىشلىتىدىغان بولغاندىكىن؟  شۇنىڭ بىلەن DNA ساقلاش تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى...

گەرچە ئادەمدىن ئايرىيالمىسىمۇ، DNA تەرتىپى ئۆلچەشكە باققاندا خېلى ئاپتوماتلاشقان
13.jpg


  ئاساس گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى يېشەلمىگەچكە، ئادەملەر سەل ئەمەلىيرەك بولدى. نېمىلا بولمىسۇن تاماق يەيدىغان گەپ ئەمەسمۇ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بايقاش تۇرسا، ھېچ بولمىسا ئاز-تولا ئىشلىتىش كېرەك-دە!؟ كۆرۈپ چۈشىنەلمىسەك ھېچقىسى يوق، تازا پوچى تۇرۇپ كۆرۈپ چۈشەنگەن قىياپەتكىلا كىرىۋالمامدۇق، نېمىلا بولمىسۇن بارماق دېسكا قىپ ئىشلىتىدىغان بولغاندىكىن؟  شۇنىڭ بىلەن DNA ساقلاش تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى...

گەرچە ئادەمدىن ئايرىيالمىسىمۇ، DNA تەرتىپى ئۆلچەشكە باققاندا خېلى ئاپتوماتلاشقان
14.jpg


بىلسەم بىلمىسەم مۇشۇ ۋاققىچە بۇنداق سوئاللارنى ئىشلەپ تۇرۇۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن...
15.jpg

  بۇ سوئالنى ئىشلەپ يۈرمەيلى بولدى، DNAدا ساقلاشنىڭ ئىدىيىسى دەل مۇشۇنىڭ بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.
16.jpg

  مېۋىلەرگە ئوخشىمىغان سانلارنى قىممەت قىلىپ بەرسەك، مەسىلەن مەن بىر 3214121نى ئىپادىلىمەكچى بولسام، پەقەت مېۋىلەرنى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تىزساملا بولىدۇ.
17.jpg

  ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلسەكلا، ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئۇچۇر ئوقۇغىلى بولىدۇ. DNAدا ساقلاش دەل ئاساس گۇرۇپپىسىنى مۇقىم سان ئورنىدا كۆرۈش ئارقىلىق، رەقەملەشكەن ئۇچۇرلارنى ئاساس گۇرۇپپىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى.

A, G نى 0،   C, T نى 1 دېسەك، تىزغاندىن كېيىن بىرىكتۈرىدىغان گەپ. قوپال ھەم شۇنداق ئاددىي، بۇ دەل ئەڭ دەسلەپكى DNAدا ساقلاش.

ئالدىنقى يىلى، catalog نىڭ DNAدا ساقلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ يەنىلا مۇشۇ ئۇقۇم ئىدى
18.jpg


  تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئۈچۈن، ئادەملەر A, T, C, G نى 0،1،2،3 لىق تۆتلىك سىستېمىغا ئايلاندۇرۇشنى سىنىدى.

مەسىلەن تۆتلىك سىستېمىدىكى 21130نى ئايلاندۇرساق
19.jpg


  گەرچە تۆتلىك سىستېما سانلىق مەلۇمات ئۇزۇنلىقىنى قىسقارتقىنى بىلەن، لېكىن ئوخشاش ئاساس گۇرۇپپىسى ئارقىمۇ ئارقا كۆرۈنسە، قاتارنىڭ مۇقىمسىز بولۇپ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
20.jpg

  تېخىمۇ يۇقىرى سىستېما ئۈچۈن، تۆت خىل ئاساس گۇرۇپپىسى كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئادەملەر بىر خىل ئۈچلىك سىستېما لايىھىسىنى قوللاندى.  بۇ خىل لايىھە ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندىن باشلاپ كودلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر دانە ئاساس گۇرۇپپىسى ئارقىلىق كېيىنكى خانە بەلگىلىنىدۇ.  ئەگەر ئالدىنقى ئورۇندىكى ئاساس گۇرۇپپىسى A بولسا، كېيىنكىسىدە A نى چىقىرىۋېتىپ، C, G, T ئارقىلىق 0، 1، 2 نى ئىپادىلەيمىز.

21.jpg


  سىناپ باقساق بولىدۇ، بايىقى سانلارنى ئۈچلىك سىستېما ئارقىلىق ئىپادىلىسەك 211101 بولىدۇ.  1-ئورۇندىكى ئاساس گۇرۇپپىسىنى A دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنىڭ ئالمىشىش نەتىجىسى ATCTCGA دىن ئىبارەت.

  ئۇنداقتا بۇ نەتىجە قانداق كەلگەندۇ؟ بىرىنچى ھەرپى A بولغاندا، جەدۋەلگە ئاساسەن، 2 گە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەرپ T، T نىڭ كەينىدە 1 گە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەرپ C، C نىڭ كەينىدە 1 گە ۋەكىللىك قىلىدىغىنى T بولىدۇ، يەنى مۇشۇ بويىچە...

  كود مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەك ئويناپ قويدى، ھەرىكەتچان سۈرەت، ئاۋاز، كىنو قاتارلىقلارنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ DNAغا ساقلاپ باقتى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ DNAغا ساقلىغان Gif رەسىم
22.gif


2017-يىلى، نيۇيورك گېن گۇرۇپپىسى مەركىزى كىنو «پويىز»نى DNAدا ساقلىدى.
23.jpg


  سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدىكى رېكورتمۇ تېز سۈرئەتتە يېڭىلاندى، 2012-يىلىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 650KBلىق رېكورتى ناھايىتى تېزلا MB دەرىجىسى تەرىپىدىن بېسىلىپ كەتتى.

  2016-يىلى 100 مېگابايت دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، مىكروسوفت 200M لىق ئېلېكترونلۇق كىتاب ساقلىغان.

  بۇ يىل مىكروسوفت DNA ئاپتوماتىك ساقلاش سىستېمىسى ياسىدى. لېكىن «Hello» بۇ بەش ھەرپنى ساقلاپ ئوقۇشقا 21 سائەت ۋاقىت كەتتى.

قىممىتى ئون مىڭ  دوللارلىق سىستېما

24.jpg


  ھىم... بۇ دەل DNAدا ساقلاشنىڭ كەمچىلىكى.

مىكروسوفتنىڭ 2016-يىللىق يېزىش سۈرئىتى ھەر كۈنى 20M بولۇپ، جەمئىي 800 مىڭ دوللارلىق بىرىكتۈرۈش خىراجىتى سەرىپ قىلغان. قىممەت بولۇپلا قالماستىن ھەم شۇنداق ئاستا.

  لېكىن DNAغا مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە، DNA تەرتىپى ئۆلچەش يۈز مىليون دوللاردىن مىڭ دوللارغا چۈشتى. بۇ يىل Catalog نىڭ يېزىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 4M غا يەتتى.

  Catalogنىڭ سانلىق مەلۇماتنى DNAدا ساقلاشقا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىسى
25.jpg


  تەننەرخ 100 مىڭدىن بىرىگە چۈشۈپ، يېزىش سۈرئىتى تېز بولدى. بۇ خىل تەرەققىيات كۆلىمى، DNAدا ساقلاش تېخنىكىسىغا بولغان تەقەززاسىنى ساقلاپ قالالايدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، بەلكىم كومپيۇتېردىكى قاتتىق دىسكا بوتۇلكىلىق DNA غا ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.

26.jpg


  بىراق ئەستە ساقلاش بولىكىسى ئىشىنى يەنە ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھېچ بولمىغاندا DNAدا ساقلاش تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئەستە ساقلاش بولكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

  گەرچە DNA ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىدە مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن چوڭ مېڭە DNAدىكى ھەر قانداق ئۇچۇرنى ئوقۇيالمايدۇ.  ئىشەنمىسىڭىز ھازىر DNA دىن سىزنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىڭىزنى ھېس قىلغىلى بولامدۇ يوق سىناپ بېقىڭ.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭ مېڭە بىز بەلگىلىگەن تىزىش قائىدىسىنى پۈتۈنلەي چۈشىنەلمەيدۇ، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل DNA مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن.

27.jpg


  شۇڭا، ئەستە ساقلاش بولكىسىنى ئويلىغاندىن كۆرە، ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. تىرىشسىلا يادلىيالىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئۆمۈر بويى يادلايدىغان نەرسىلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس.

مەنبە: LearnFans سالونى
28.jpg

1ئادەم ئىنكاس يازدى

foxtpdf ۋاقتى: 2019-7-27 20:25:24
DNAزەنجىرىنى دىگەن نەرسىنى كۆرۈپتىكەنمە  ۋاتسى دوكتۇر چىتتى غا   ھېس تۇيغۇ   نى  چىتتىغا چۈشەندۈرۈپ ئۆگىتىئەن دەپ دوسكىغا يازىدۇ     شۇ نەرسە ،ئەسلىدە   DNAزەنجىرى دىيىلىدىكەندە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部