+تېما يوللاش
sirdax095 يوللانغان ۋاقتى:2019-7-25 18:42 1436 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
18-13-03-ceKy01T5ZEKX.jpg
خۇاۋىي بىلەن سەنشىڭنىڭ قاتلىما ئېكرانىلىق يانفونى ئوخشاش ۋاقىتتا يەر شارى بويىچە قاتلىما ئېكرانلىق يانفۇن توغرىسىدا مۇنازىرە پەيدا قىلىدى، شۇنداقلا خۇاۋېي بىلەن سەنشىڭ ئوتتۇرىسىدا كىمنىڭ قاتلانما ئېكرانلىق يانفۇنى تېخىمۇ ياخشى مۇنازىرە پەيدا قىلىدۇ‎؟
18-12-54-cezEeUuDSwL5.jpg
ھەر ئىككىسى رەسمىي سېتىلىشتىن بۇرۇن، شۈبھىسىزكى خۇاۋېي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى، چۈنكى سامسۇڭ Galaxy Fold سېتىش باشلىنىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن باھالاش ئاپپاراتلىرىدا باھالاش ئېلىپ بېرىپ، كۆپ قېتىم كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئېكران ھادىسىسى يۈز بەردى.
18-12-11-ceuklZ2fxMjxE.jpg

ھازىر خۇاۋىي تەرەپتىن رەسمىي سېتىش باشلاندى دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، خۇاۋېي تۇنجى 5G قاتلانما ئېكران يانفونى Mate X رەسمىي تورغا كىرگەن.

18-15-02-cea7IMeW2V1IU.jpg
ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت ئىچى نۇسخىسىدىكى خۇاۋېي Mate X ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىغا 6GB + 128GB، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12GB + 512GB ئىچىكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن.
18-14-52-ceIPIwpWwmA6k.jpg
نۆۋەتتە، خۇاۋېينىڭ ئىككى خىل يانفونى 5G تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى. Mate X خۇاۋېينىڭ 2- بولۇپ 5G تورغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن يانفونى. بىرىنجىسى Mate 20X .
16-37-22-inforec-20190724-1d4be9651edbf52fc347a7776e2fa4f6.jpg
خۇاۋېي MateX دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان قاتلانما ئېكران يان تېلېفونى بولۇپ، ئۇنىڭ ياخشى قاتلانغان ئېكران لايىھەلىنىشى ئەڭ يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.
18-11-50-cemph60PUjavM.jpg
ئېكران ئېچىلغاندا، يانفوننىڭ ئالدى يۈزى بىر پارچە سەككىز ديۇيملىق ئېكران، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى بولسا 2200* 2480؛ قاتلانغان ھالەتتە، يانفوننىڭ ئوڭ تەرەپ ئۆلچىمى 6.6 ديۇيم، پەرق ئېتىش نىسبىتى 1148* 2480، ئارقا تەرەپتىكى قوشۇمچە ئېكران 6.38 ديۇيم، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى بولسا 2480* 859.
18-12-27-ceCf1PpL5noqs.jpg
MateX قاتلانغان ھالەتتە زىچ جىپسىلاشقان بولۇپ، يايغان چاغدا تەكشى ھەم تەبىئىي بولىدۇ.
18-12-59-ceahj40OK5SI.jpg
شەكىل جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خۇاۋېي Mate X سامسۇڭ Galaxy Foldدىنمۇ بەكرەك كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

18-12-42-cerQ9wtYMRMw.jpg
فوتو ئاپپارات جەھەتتە، MateX نىڭ ئارقا كامېراسى 40 مىليون دەرىجىدىن تاشقىرى يورۇقلۇق سېزىش + 16 مىليون ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق + 8 مىليون ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا بولۇپ، ئاي ئەندىزىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى كېچىلىك مەنزىرە قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوللايدۇ، سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.
18-12-44-cezrSTUmJ2DKM.jpg
ئەلۋەتتە قاتلىما ئېكرانلىق يانفوننىڭ باھاسى ئىزچىل كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ، ئاپتورنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خۇاۋېي MateX نىڭ سېتىلىش باھاسى 12999 يۈەن ۋە 14999 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىللىك مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارى تەخمىنەن 100 مىڭ ئەتراپىدا.
18-11-42-ceJtJQF2VECxE.jpg
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، سامسۇڭ Galaxy Fold نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا پات ئارىدا دۆلەت ئىچىدە سېتىلىدۇ، ئىككى خىل قاتلانما ئېكرانلىق يان تېلېفون ئىجابىي جەھەتتىن قارشىلىشىدۇ، سىز قايسىسىنى تاللايسىز؟

ماياك ئۇچۇر تېخنىكا سالونى تەرجىمە قىلدى.(ID:MAYAK IT)

9ئادەم ئىنكاس يازدى

elbilge ۋاقتى: 2019-7-25 21:59:48
خۇاۋېينىڭ قوللايدىغان 5G تورى SA مىكەن NSA مىكەن؟
sirdax095 ۋاقتى: 2019-7-25 23:53:54
elbilge يوللىغان ۋاقتى  2019-7-25 21:59
خۇاۋېينىڭ قوللايدىغان 5G تورى SA مىكەن NSA مىكەن؟

SA/NSA ھەر ئىككىلىسىنى قوللايدۇ
begmurad ۋاقتى: 2019-7-26 12:19:25
ئەمەلىيەتتە بارماق ئىزى تۇنۇش، چىراي تۇنۇش يەنە پۈتۈن ئېكران دىگەنلەر ھەممىسى ئارتۇقچە . ماڭا نىسبەتەن سىگنال ياخشى بولسا ، تورنى ياخشى تارتسا، ئىچكى سىغىمى ۋە ساقلاش سىغىمى بەك تۈۋەن بولمىسا بولدى. ئەمدى قۇپۇپ قاتلىما ئېكران چىقىپتۇ، نىمە كەپتۇ بىرى تىلفۇن ئىلىشتا بەسلەشمىگەندىكى.
sirdax095 ۋاقتى: 2019-7-26 14:07:54
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2019-7-26 12:19
ئەمەلىيەتتە بارماق ئىزى تۇنۇش، چىراي تۇنۇش يەنە پۈتۈن  ...

بۇ قانداقتۇر بەسلىشىش مەسىلىسى ئەمەس ، بەلكى تەرققىيات ، تېخنىكا. ئەگەر ئىپتىدائى ئىنسانلار تاش قوراللارنى ياساپ بولغاندىن كېيىن مۇشۇ بولسىلا بولدى ، باشقىسى ئارتۇقچە دىگەن بولسا ئىنسانلار تەرەققى قىلماي شۇ پېتى تۇرۇپ قالغان بولاتتى.

بىليار ۋاقتى: 2019-7-26 16:34:38
بۇ قاتلىما ئېكرنىنڭ تېخنىكىسى تىخى راۋۇرۇس پىشىپ يىتلمىدى، ھازىر سىېتۋالغانلار ئاساسەن ئۇششاق كاشلىسى بىر قەدەر كۆپ تەجىربە يانفۇنلىرىنى ئالغان ھىساپلىنىدۇ، بىز شۇ يانفۇن شىركەتلىرنىڭ تەجىربە ئاق چاشقىنى بولۇپ بىرمىز خالاس. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ يانفۇنىنىڭ باھاسىنىڭ قىممەتلىكى، شۇڭا ھازىرچە تىخنىكا يېڭىلىقلىرىغا بەك قىزىققۇچى بولمىسا سېتۋالمىغان ياخشى. كىينچە باھاسى خىلى چۈشىشى مۇمكىن. بۇنى سىتۋالماقچى بولغانلارنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ شۇنچە تېخنىكىسى ۋە  ئەمەلىي كۈچى تۇرۇپمۇ نىمىشقا قاتلىما ئېكرانلىق يانفۇن توغرىسىدا بىرەر خەۋىرى ياكى ئىلانىىڭ يوقلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىپ ئاندىن سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
atax0415 ۋاقتى: 2019-7-26 19:24:37
تىما ئىگىسىگە رەھمەت !
arman67 ۋاقتى: 2019-7-27 13:07:00
ئالما  ياساپ مۇپىقيەت قازانسا ئىلان قىلا  دۆلتىمىز نىڭ تېخكىسمۇ يوقىرى ھازىر  خوۋاۋى  تخنكىسى ياخشى ئالما سستىمسدىن باشقا يەرلرى  خوۋاۋى نىڭ خېللا ئارقىدا
ئەسراVIP ۋاقتى: 2019-7-28 23:50:29
ئالمىنىڭ ئەمەلى كۈچى بولغان بىلەن تېخنىكا جەھەتتە خۇاۋېي سامسۇڭنىڭ خېلى كەينىدە قالدى 5g تېخنىكىسىدىمۇ خۇاۋېيدىن كىيىن، ئالمىنىڭ سىسىتىما جەھەتتىلا ئەۋزەللىكى بار قاتتىق دىتالدا يېڭىلىق ئاز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部