+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-23 11:31 2274 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ماشىنا تەرجىمە مۇسابىقىسى (CCMT2019)  ‏7- ئاينىڭ 20- كۈنى مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. TEG دىن كەلگەن تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىمە ئۆمىكى بۇلتۇر ئىنگلىزچە-خەنزۇچە تەرجىمە چېمپىيونى بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.  ئۆمەك نەچچە كۈن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئاخىردا مۇسابىقىگە قاتناشقان 30 ئورۇن ئىچىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۈچ مىللىي تىلدىكى « ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە» ، « موڭغۇلچە-خەنزۇچە» تەرجىمە بويچە چېمپىيون بولدى.  بىر ئاي ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ئۆتكۈزگەن كارخانا دەرىجىلىك ماشىنا تەرجىمە سىستېمىسىنى باھالاش (چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان سانلىق مەلۇمات توپلىمى) دا، تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىمە ئۆمىكى ئىككى تۈرگە قاتنىشىپ، زاڭزۇچە-خەنزۇچە تەرجىمە چېمپىيونى (冠军)، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمىدە ئىككىنچىلىكنى (亚军) قولغا كەلتۈردى، بۇ نەتىجىلەر تېڭشۈننىڭ مىللىي تىل تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلدى.  

15- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ماشىنا تەرجىمە مۇسابىقىسىنى (China Conference on Machine Translation, CCMT2019) جۇڭگو خەنزۇ تىلى ئۇچۇر ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ماشىنا تەرجىمە ساھەسىدىكى كەسىپداشلار ئۈچۈن بىر سۇپا ھازىرلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسىپداشلار بىلەن بولغان ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ماشىنا تەرجىمە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇدا 14 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى.  CCMT دۆلەت ئىچىدىكى ماشىنا تەرجىمە ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ۋە باھالاش پائالىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە خەنزۇ تىلى بىلەن مىللىي تىل تەرجىمە تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مىللىي تىل تېخنىكا تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
قاتمۇ قات قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئۇيغۇرچە مۇڭغۇلچە تەرجىمىدە قوش چېمپىيونلۇق تاجىنى كەيدى
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانى، سۈپىتىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى يەنى، NICT، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئورنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھېسابلاش تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى،  بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە - ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇاۋېي، ئوپپو قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 30 نەچچە داڭلىق ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بولۇپمۇ ھەر يىلقى CCMT دىكى ئالاھىدە تۈر − جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئۇيغۇر تىلى، زاڭزۇ تىلى ۋە موڭغۇل تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ يۆنىلىشتە تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسى رىقابىتى ئەڭ كەسكىن بولدى.  بۇ قېتىم تېڭشۈن مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە ئۆمىكى پەقەت مۇشۇ ئۈچ تۈرگە قاتناشقان ھەمدە بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، موڭغۇلچە-خەنزۇچە ۋەزىپىلەردە چېمپىيون بولۇپ، بۇلتۇرقى نەتىجىدىن ھالقىپ كەتتى.  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە سانلىق مەلۇمات توپلاش چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، چوقۇم تەشكىلىي كومىتېت سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ چوقۇم تېخنىكا ئارقىلىق ئەمەلىي كۈچ سىنىشىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.  
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تېڭشۈن مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە ئۆمىكى تېڭشۈن تەرجىمە ئۆمىكى بىلەن بىرلىشىپ، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرى ئۇيۇشتۇرغان كارخانا دەرىجىلىك ماشىنا ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش سىستېمىسىنى باھالاش (چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان سانلىق مەلۇمات توپلىمى) تا، تېڭشۈن شىركىتىگە ۋاكالىتەن ئومۇمىي نەتىجىدە بىرىنچى بولغان.  بۇنىڭ ئىچىدە تېڭشۈن مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە ئۆمىكى ئىككى تۈرگە قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا زاڭزۇچە- خەنزۇچە تەرجىمە چېمپىيون بولغان، ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە تەرجىمە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.  تەرجىمانلار ئەترىتى روسچە، فرانسۇزچە، كورىيەچە، ۋېيتنامچە، ئىنگىلىزچە قاتارلىق تىللاردىكى تەرجىمىدە ئالدىنقى ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، شىركەت ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرگەن.

تۆۋەندىكى جەدۋەلدە بۇ نۆۋەتلىك CCMT مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن خەنزۇ تىلىغىچە بولغان ئالدىنقى 10 سىستېمىسىنىڭ نومۇر ئېلىش ئەھۋالى كۆرسىتىلدى:  
640.webp.jpg
CCMT 2019 ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە باھالاش ئاساسىي سىستېمىسنىڭ باھالاش نەتىجىسى

تۆۋەندىكى جەدۋەلدە بۇ نۆۋەتلىك CCMT مۇسابىقىسىنىڭ مۇڭغۇل تىلىدىن خەنزۇ تىلىغىچە بولغان ئالدىنقى 10 سىستېمىسىنىڭ نومۇر ئېلىش ئەھۋالى كۆرسىتىلدى:
640.webp (1).jpg
CCMT 2019 مۇڭغۇلچە-خەنزۇچە باھالاش ئاساسىي سىستېمىسنىڭ باھالاش نەتىجىسى

ئىزاھات: مۇسابىقىگە قاتناشقان  ئورۇنلارنىڭ ماشىنا تەرجىمانىنى ياساش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، باھالاش نەتىجىسىدە ئورۇن ئۇچۇرى يوشۇرۇلدى.

مىللىي بابىل مۇنارى تىكلەپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلق قەلبىنى ئىللىتتى
بۇ قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن تېڭشۈن تەرجىمە ئەتىرىتىنىڭ بىر ئالاھىدە مەھسۇلاتى تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىمانى بار بولۇپ، بۇ بىر كىچىك پروگرامما بولۇپ، رىئال ۋاقىتلىق ماس قەدەملىك ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش ۋە تولۇق ئاپتوماتىك رەسىم تارتىپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. مۇڭغۇل تىلى، زاڭزۇ تىلى (زاڭزۇچىنىڭ ئۈچ خىل شىۋىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، چاۋشىيەن تىلى، يىزۇ تىلى، جۇاڭزۇ تىلى قاتارلىق كۆپ خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى قوللايدۇ.
بۇ ئەپچە چىقىرىلغان يېرىم يىلدىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر 300 مىڭدىن ئارتۇق ئابونت ئىشلەتتى، ساقلىنىش نىسبىتى ٪18 كە يەتتى.  شىنجاڭدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، تىل ئۆگەنگۈچىلەر، ساياھەتچىلەر ئارىسىدا ياخشى ئالقىشقا ئېرىشتى، شۇنداقلا تەدرىجىي ھالدا ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، نەچچە يۈز مىڭ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ كۈندىلىك  ئالاقە قىلىش، ئىش بېجىرىش، ئۆگىنىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.  
0.jpg

تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچە ئوتتۇرىسىدىكى ماس قەدەملىك تەرجىمە مىسالى



تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە رەسىمگە تارتىپ، رەسىمدىن يېزىق تونۇتۇپ تولۇق ئاپتوماتىك خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىشتىن بىر مىسال. تىل تۈرىنى تاللاشنىڭ، رەسىم يۈنىلىشنى تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق.



بۇ مەھسۇلاتنىڭ كەينىدىكى تېڭشۈن مىللىي تىل-يېزىق تېخنىكىسى نۇرغۇن تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ھەمدە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېخنىكا ۋە كەسىپ مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.  
مەسىلەن: 2018- يىللىق مەملىكەتلىك ئۇيغۇر تىلى سۆز ئايرىش مۇسابىقىسى (MLWS) دە بىرىنجى بولدى؛ 2018- يىللىق دۇنيا ماشىنا تەرجىمە مۇسابىقىسى (WMT18) دە ئىككىنجى بولدى؛ 2018- يىللىق مەملىكەتلىك مىللىيچە خەنزۇچە CWMT تەرجىمە مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولدى؛ 2018- يىللىق دۇنيا شەرق تىلى پەرقلەندۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بولدى؛ 2019- يىلى دۆلەت مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ماشىنا تەرجىمىسىنى باھالاشتا زاڭزۇ تىلى تەرجىمىسىدە بىرىنجى، ئۇيغۇر تىلى تەرجىمىسىدە ئىككىنجى بولدى؛ 2019- يىلى ICDAR كۆپ تىللىق ئوپتىكىلىق پەرقلەندۈرۈش OCR (رەسىمدىن يېزىق تونۇش) مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بولدى.
6-ئايدا جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار باشلىقلار يىغىنى (CAIS 2019) دا، تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىمانى 50 نەچچە تۈرلۈك باھالاشتا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، «زىجىن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

640.webp (2).jpg

بىزگە ئايانكى، مۇسابىقىدە چېمپىيون بولۇش پەقەت AI نىڭ مىللىي تىلدا يىلتىز تارتىشىدىكى بىر كىچىك قەدەم.  تېخنىكا بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ تىل ئېھتىياجى ۋە قىيىن نۇقتىسىنى قانداق قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى مىليونلىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان مەھسۇلات بەرپا قىلىش ئەتىرىتىمىزنىڭ ئىنتىلىشى ۋە ئاخىرقى نىشانى.

مەنبەسى: 腾讯技术工程 سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

8ئادەم ئىنكاس يازدى

elbilge ۋاقتى: 2019-7-23 11:55:12
تېڭشۈن تەرجىمە تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئالى ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز،رەھمەت سىلەرگە
بولسائۇيغۇرچە  ocr  توغرىلىقمۇ تەتقىقات ئىشلىگەن بولسەڭلار
kichikoghul ۋاقتى: 2019-7-23 12:24:53
مەن بۇ تەرجىماننى  ئىشلەتكەندىن بۇيان پەقەت توختاپ قالمىدى.
aliptori ۋاقتى: 2019-7-23 13:09:01
elbilge يوللىغان ۋاقتى  2019-7-23 11:55
تېڭشۈن تەرجىمە تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئالى ئېھتىرامىمى ...

تېڭشۈن تەرجىماننىڭ ئۇيغۇرچە ocr  ئىقتىدارى بار.
Eliyop ۋاقتى: 2019-7-24 20:47:38
تىڭشۇننىڭ ۋىندوۋس مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان كومپىيۇتېرغا قاچىلايدىغان تەرجىمانى ببارمۇ يوق؟
soser ۋاقتى: 2019-7-25 17:01:27
ئاستى تۆۋەن تەرەپتىكى رەسىم بەلگىسىنى چەكسىڭىز .ocr   ئىقتىدارى ئېچىلىدۇ . بىۋاسىتە رەسىمگە تارتسىڭىزمۇ بولىدۇ . ياكى تېلېفوندىكى رەسىمنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ .
doktor8 ۋاقتى: 2019-7-29 00:10:50
تېڭشۈن تەرجىمە تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ۋە باشقا ئۇيغۇر تىلى تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈن  كۈچەۋاتقان  تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىغا  ئالى ئېھتىرام!
2685058938 ۋاقتى: 2019-8-16 00:55:20
تېڭشۈن ئىككىنجى بولغان بولسا بىرىنجى كىم بولدى؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部