+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-18 12:00 2302 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئالىملار ئەيدىز ۋىرۇسنى يوقۇتۇشتا بۈسۈش خاراكتىرلىك نەتىجە يارىتىپ، چاشقان تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقاتتى. ھازىرچە ئادەم تېنىدە سىناق قىلىنمىغان بولسىمۇ، بۇ نەتىجە كەلگۈسىدە ئەيدىزنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. (بۇ يەرنىڭ چەكسىڭىز شۇ يازما بار)
ئەيدىز ئەڭ دەسلەپتە شىمپەنزىدىن ئىنسانلارغا تارقالغان، ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىرۇسىنى بىرىنچى بولۇپ تارقاتقان ئادەم كىم؟ قانداق قىلىپ شىمپەنزىدىن ئىنسانلارغا تارقالغان؟  
دەسلەپتە ئەيدىز ۋىرۇسى ئافرىقىدىكى بىر قىسىم قەبىلىلەردە تارقىلىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ بىرئەنئەنىۋى قارىشى بار بولۇپ، بۇ قاراش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىكەن، ئۇلار شىمپەنزىنىڭ قېنى بىلەن شىمپەنزىگە ئوخشاش كۈچلۈك بەدەنگە ئىگە بولىدۇ دەپ قارىغان، شۇڭا ئەينى چاغدا ئافرىقىدىكى بىر قىسىم قەبىلىلەردىكى نەچچە مىڭلىغان خەلق شىمپەنزە بىلەن قان ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

微信图片_20190718114232.jpg

تېخىمۇ كۆپ ئافرىقىلىقلار ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى ۋە ۋەھشىيلىكىنى ئىپادىلەش، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئورانگۇتان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، بۇ خىل ئەھۋالدا، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمگە يۇقىدۇ، بۇ كىشىلەر يەنە باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەملەر ئوتتۇرىسدا تارقىلىشقا باشلىغان.
ئەيدىز ۋىرۇسى 1981-يىلدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىپ ئىنسانلارغا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.  ئۇنداقتا كىم ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئافرىقىدىن ئېلىپ چىقىپ، دۇنياغا تارقاتتى؟  
ئۇ بىر كانادالىق ئەر،  ھەمجىنىس. شۇنداقلا بىر پويىز خادىمى،  ئەڭ دەسلەپكى ئەيدىز ۋىرۇسى بار دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئادەم.  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن خەتەرلىك شەخس قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.  سىرتتىن قارىغاندا، ئۇ نورمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش، ئۇ دائىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەمجىنىسلار قاۋاقخانىلىرىدا ھەر خىل ھەمجىنىسلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە كۈچلۈك جەمئىيەتكە قارشلىق ئىدىيىسى بار. ئۇ قولغا ئېلىنغاندا مۇنداق دېگەن: نېمە ئۈچۈن مەن يۇقۇملىنىپ قالدىم؟ مەن باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويسام بولمامدۇ؟

微信图片_20190718114253.jpg

بۇ كانادالىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 ئادەم (ئەر) بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىكى ئوخشاش جىنىسلىق ھەمراھى 2500 دىن ئاشىدىكەن. بۇ كېسەل دەسلەپ تارقالغاندا ئەر ھەمجىنىسلار ئوتتۇرىسىدا تارقالغاچقا ھەمجنىسلار راكى دەپ ئاتالغان. بۇ ئەر 1980-يىلى ئۆزىنىڭ بەدىنىدە مەسىلە چىققاندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق قوغداش تەدبىرى قوللانماي بۇزۇقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. ھەمدە ئىشتىن كېيىن ھەمراھىغا مەندە ھەمجىنىسلار راكى بار، مەن ئۆلسەم سەنمۇ ئۆلىسەن دېگەن. بۇ ئەر 1984-يىلى 31 يېشىدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىشى بۇ ئەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئەرنىڭ ئىشلىرىدىن بەدەندىكى كېسەلگە سېلىشتۇرغاندا پىسخىكىدا كۆرۈلگەن كېسەلنىڭ تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

elbilge ۋاقتى: 2019-7-18 12:14:06
مەنمۇ ھەيران قالغان، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى بىلەن مايمۇن ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش بولمىسا نىمە بوپ مايمۇندىن ئادەمگە كۆچۈپ قالغاندۇ دەپ…ھەي !
tanha02 ۋاقتى: 2019-7-25 12:25:14
ئۇلار نىمىشقا ئۇنداق قىلىدىغاندۇ بىرسى بولسىمۇ ئازلىسۇن دىمەي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部