+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-12 11:25 1509 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سۈنئىي ئەقىل «رومان يېزىش، رەسىم، سىزىش، مۇزىكا ئىشلەش، شېئىر يېزىش» قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، بىر قىسىم ئەسەرلەرنى «ئىجاد» قىلدى.، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن شەكىللەنگەن بۇ مەزمۇنلار قانۇندا قانداق بەلگىلەنگەن ؟ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداشقا تەۋە ئەسەرمۇ ؟

e3a3e61a9e694639b866fa9bc513f9f6.jpeg

يېقىندا ، بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ھاسىل قىلغان مەزمۇننىڭ ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسى دېلوسىغا 1 - سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يۇمشاق دېتالىنىڭ ئاپتوماتىك ھاسىل قىلغان مەزمۇنىنىڭ خاسلىقى ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئەدلىيەلىك ئىنكاس قايتۇردى.
دەۋاگەر مەلۇم ئادۋوكاتلىق ئورنى بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىگە بەيدۇنى ئەرز قىلدى، داۋاگەر 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا بىر ماقالە (چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز دوكلاتى) ئېلان قىلىپ، بۇ ھۆججەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.  2018- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، جاۋابكار بەيدۇ سۇپىسىغا بۇ ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ماقالىنىڭ ئىمزاسى، كىرىش سۆزى قاتارلىق قىسىملىرىنى ئۆچۈرۈپ، دەۋاگەر بەھرىمەن بولىدىغان ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى، ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەن ھەمدە ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلغان.  دەۋاگەر سوت مەھكىمىسىدىن جاۋابكاردىن ئەپۇ سوراپ، تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادىي زىيان ۋە مۇۋاپىق خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

dreamwriter.jpg

بىر قاراشقىلا ، بۇ پەقەت كۆپ ئۇچرايدىغان ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسى . لېكىن جاۋابكار بەيدۇنىڭ رەددىيە بېرىشى ناھايىتى قىزىقارلىق ، ئۇلار دېلوغا چېتىشلىق ماقالە ۋە ئۇنىڭدىكى گرافىكنى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىش يۇمشاق دېتالى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىدۇ، دەۋاگەر ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىجاد قىلغان ئەمەس ، ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ ، دەپ قارايدۇ.
بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى : دېلوغا چېتىشلىق ماقالىدىكى گرافىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتال ئاپتوماتىك ھاسىل قىلغان شەكىل بولۇپ ، ھوقۇقى قوغدىلدىغان ئەسەرنىڭ ئىجادىي تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ، دەۋاگەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش تەشەببۇسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ . لېكىن دېلوغا چېتىشلىق ماقالىدىكى يېزىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتالى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرگەن مەزمۇن ئەمەس ، دەۋاگەرنىڭ ئىدىيەسى ، ھېسسىياتىنىڭ ئىجادىي ئىپادىلىنىشى بولۇپ ، يازما ئەسەر ھاسىل قىلىدۇ ، دەۋاگەر ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتال ئاپتوماتىك« ئىجاد» قىلغان مەزمۇن «ئەسەر» شەكىللەندۈرەمدۇ؟ ئەسەر ھوقۇقىنى ھازىرلامدۇ-يوق؟
بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى لۇ جېڭشىن مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يۇمشاق دېتالى ئاپتوماتىك مەزمۇن ھاسىل قىلىش جەريانىدا، يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى (ئىگىسى) بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتى قانۇن مەنىسىدىكى ئىجادىيەت ھەرىكىتى ئەمەس، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىككىسىنىڭ ئىجادىيتى بولالمايدۇ، شۇڭا ئىككىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يۇمشاق دېتالى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلغان مەزمۇنىنىڭ ئاپتورى بولماسلىقى كېرەك، بۇ مەزمۇنمۇ ئەسەر شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، ئەسەر ھوقۇقى ھازىرلانمايدۇ.  

robot_livre.jpg

گەرچە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتال ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىدىغان مەزمۇن ئەسەرنى شەكىللەندۈرمىسىمۇ، لېكىن ئاممىنىڭ ئەركىن ئىشلىتەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  
بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى لى مىڭيۈ مۇنداق دېدى:
«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتال ئاپتوماتىك ھاسىل قىلغان مەزمۇنىغا يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچىلار (ئىگىدار) ۋە يۇمشاق دېتال ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سېلىنمىسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تارقىتىش قىممىتىگە ئىگە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بەلگىلىك ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش كېرەك.  يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى (ئىگىسى) يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ھەققى ئېلىش ئارقىلىق سالغان مەبلەغ قايتۇرۋالالايدۇ.   يۇمشاق دېتال ئىشلەتكۈچىلەر مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتال ئاپتوماتىك ھاسىل قىلغان مەزمۇنىدا ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ»
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部