+تېما يوللاش
kerindax يوللانغان ۋاقتى:2019-7-10 14:24 2371 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kerindax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-7-10 14:55  

top_logo.gif

بىر يىلدىن ئارتۇق ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان «كۆۋرۈك پىراۋا ئىمتىھانى سىستېمىسى» رەسمىي ئېلان قىلىندى، مەزكۇر سىستېما پىراۋا ئالماقچى بولغان كۇرسانتقا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر سىستېمىغا 2019-يىللىق ئەڭ يېڭى سوئال ئامبىرى قوللىنىلغان، سوئال-جاۋابلارنىڭ ئىملاسى پۈتۈنلەي قايتىدىن توغرىلانغان، سوئالدىكى قىستۇرما رەسىملەر ئۈچۈن ئەڭ سۈزۈك مەنبە ئىشلىتىلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقلىدىي ئىمتىھان، تېز مەشىق سوئاللىرى، ئەمەلىيەت قىسىمىدىكى ھەر قايسى ئىمتىھان تۈرلىرىنىڭ ئۈلگە سىنلىرى، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ ئۆلچەملىرى، تەقلىدىي چىراغ ئىمتىھانى ۋە يول ئىمتىھانى ئاۋازلىق بۇيرۇقلىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭدىن سىرت ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ قوللىنىشچان تاكتىكىلىرى ئۈزلۈكسىز تەمىنلىنىپ تۇرۇلىدۇ.
kowrukq_xqm.png

يۇقارىقى چاچما كودنى ئۈندىداردا سكاننېرلاپ ئىشلىتىشكە باشلاڭ

ئەپچاق ئىزدەش نامى: Kowruk驾考

«كۆۋرۈك پىراۋا ئىمتىھانى سىستېمىسى» نى يانفونغا چۈشۈرۈش ھاجەتسىز، ئۈندىدار ئىچىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەرۋاقىت ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي. بۇ سىستېمىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى بار:

1.png

پۈتۈن سىستېما ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قوش تىللىق بولۇپ، ئىككى تىلدىكى مەزمۇن تەڭ قەدەمدە يېڭىلىنىدۇ، كۇرسانتلار ئۆزى بېرىدىغان ئىمتىھان تىلىغا ئاساسەن خالىغانچە تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

2.png

2019-يىللىق ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ تولۇق سوئال ئامبىرى قوللىنىلغان، ئاتالغۇلار بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئىملاسى ۋە لوگىكىسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن، سوئالنى بىر ئوقۇپلا مەقسەتنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. رەسىملەر ۋە بەلگىلەر ئۈچۈن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مەنبە ئىشلىتىلگەن.

3.png

نەزەرىيە قىسىمى (بىرىنچى ۋە تۆتىنچى تۈر) غا نىسبەتەن تەرتىپلىك مەشىق، ئىختىيارى مەشىق، تۈرلەر بويىچە مەشىق ۋە ئالىي ئەزالارغا خاس تەمىنلەنگەن مەشىق قاتارلىق كۆپ خىل مەشىق شەكىللىرى تەمىنلەنگەن. كۇرسانتلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن مەشىق شەكلىنى تاللاپ نىشانلىق كۈچەيتىش ئېلىپ بارالايدۇ.
ئەمەلىيەت قىسىمى (ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تۈر) غا نىسبەتەن ھەر قايسى ئىمتىھان تۈرلىرىنىڭ سىنلىرى، قائىدىسى، مەيدان تەكشىلىك رەسىمى، تەقلىدىي چىراغ ئىمتىھانى ۋە يول ئىمتىھانى ئاۋازلىق بۇيرۇقلىرى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن، ئۆگىنىش جەريانىدا پايدىلىنىشقا بولىدۇ، قائىدىلەر بىلەن ئالدىن تونۇشۇپ چىقىپ ئىمتىھانغا ياخشى ئاساس سالالايسىز.

4.png

رەسمىي ئىمتىھان شەكلىدىكى تەقلىدىي ئىمتىھان ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقلىدىي ئىمتىھان قاتارلىق ئىككى خىل ئىمتىھان شەكلى تەمىنلەنگەن.
ھەقىقىي ئىمتىھان شەكلىدىكى تەقلىدىي ئىمتىھاندا ھەقىقىي ئىمتىھاننىڭ سوئال چىقىرىش قائىدىسى بويىچە تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى چىقىرىلىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقلىدىي ئىمتىھاندا ئىشلەنمىگەن ۋە خاتا ئىشلەنگەن سوئال ئاساس قىلىنىپ تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى چىقىرىلىدۇ، كۇرسانتلارنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

5.png

ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىدىغان ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ قوللىنىشچان تاكتىكىلىرى كۇرسانتلارنىڭ ئىمتىھان ئۆتكىلىدىن ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

6.png

ئالىي ئەزالار ئۈچۈن خاس بولغان مەشىق بېتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پەقەت زۆرۈر بولغان تۈرلەرلا قالدۇرۇلۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئىخچاملاشتۇرۇلغان. ئالىي ئەزالارغا 500 تېز مەشىق سوئالى، قىيىن سوئال توپلىمى ۋە ئاسان خاتالىشىدىغان سوئال توپلىمى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن، مىڭدىن ئارتۇق سوئالنىڭ ھەممىنى كۆرۈشى ھاجەتسىز.
ئالىي ئەزالارنىڭ مەشىق ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالدىن نەتىجىسىنى مۆلچەرلەپ بېرەلەيدۇ.

7.png

1. تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىشلەتكۈچىلەر تەسىراتى يارىتىش ئۈچۈن مەشىق ۋە يازما كۆرۈش بېتىدە خەت نۇسخىسى چوڭلۇقىنى تەڭشەش، كۆز ئاسراش ۋە كېچە-كۈندۈزلۈك ھالەت ئىقتىدارلىرى تەمىنلەنگەن.
2. ئوخشىمىغان رايوندىكى كۇرسانتلار ئۈچۈن ئەتراپىدىكى مەكتەپ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ بېرىلىدۇ.
3. خاتا ئىشلىگەن سوئال ئاپتوماتىك يىغىلىپ تۇرىدۇ، تەكرار مەشىق قىلىش زۆرۈر بولغان سوئالنى يىغىپ ساقلىۋېلىپ نۇقتىلىق مەشىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
4. تىزىملىتىش ھەققىدە، ئۆگىنىش تەرتىپلىرى ۋە قانۇن-نىزام قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلار تەمىنلەنگەن.
5. پىكاپ، يۈك ئاپتوموبىلى، ئاپتوبۇس ۋە موتوسىكلىت قاتارلىق كۆپ خىل پىراۋا تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سوئال ئامبارلىرى تەمىنلەنگەن.
6. نەتىجە خاتىرىسى ۋە نەتىجە قاتارى ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن، كۇرسانتلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئەپچاق كۆرۈنمە يۈزلىرى


IMG_8796.PNG

IMG_8785.PNG

IMG_8786.PNG

IMG_8787.PNG

IMG_8788.PNG

IMG_8789.PNG

IMG_8790.PNG

IMG_8791.PNG

IMG_8792.PNG

IMG_8793.PNG

IMG_8794.PNG

IMG_8795.PNG



يۇقارىقى چاچما كودنى ئۈندىداردا سكاننېرلاپ ئىشلىتىشكە باشلاڭ

ئەپچاق ئىزدەش نامى: Kowruk驾考

2ئادەم ئىنكاس يازدى

Gvllinayli ۋاقتى: 2019-7-11 21:04:36
شۇنداق چىرايلىق چىقىپتۇ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت! قازاقچىنى قوشۇش ئىمكانىيتى بولسا ياخشى بولاتتى.
ئاتەش11 ۋاقتى: 2019-7-13 09:28:54
بولسا مۇشۇ شوپۇرلۇق سېستىمىسنىڭ كومپىيوتېر نۇسقىسىمۇ  بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部