+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-9 10:46 2378 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدار ھەممە ئادەمنىڭ يانفونىدا بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئەپكە ئايلىنىپ قالدى، ئۈندىدارنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسىدىمۇ نۇرغۇن ئالاھىدە ئىقتىدارلار بار بولۇپ، بەزى ئىقتىدارلار يانفون نۇسخىسىدىكىدىن قولايلىق.

1. كۆپ ئۈندىدار ئېچىش
كىشىلەرنىڭ قوش يانفون نومۇرى بولغانغا ئوخشاش، كۆپىنچە كىشىلەر ئىككى ئۈندىدار ئىشلىتىدۇ. ئاندرويد يانفونلاردىكى «قوش ئەپ ئېچىش» ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىككى ئۈندىدارنى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىشقا بولىدۇ. (ئالاھىدە ۋاستە ئارقىلىق ئىككىدىن كۆپ ئۈندىدارنىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئېچىشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇنى تېڭشۈن چەكلەيدۇ)
كومپىيۇتېردا كىيۇكىيۇغا ئوخشاش بىۋاستە كۆپ ئۈندىدار ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەمما ماۋۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتسىڭىز كۆپ ئۈندىدار ئېچىشقا بولىدۇ.
بىر قولدا كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولدا ئۈستەل يۈزىدىكى ئۈندىدار ئايكوننى مائۇستا تېز سۈرئەتتە چېكىۋەرسە كۆپ ئۈندىدار قوزغىلىدۇ. مائۇسنى چەككەن تېزلىك قانچە تېز بولسا شۇنچە كۆپ ئۈندىدار ئېچىلىدۇ.

0.gif

ئېچىلىپ بولغان ئۈندىدار ۋەزىپە رامكسىغا يۇشۇرۇنۇپ قالغان بولسا Ctrl+Alt+W كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تېزلىكتە كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

يەنە بىر ئۇسۇل: ۋىندوۋس 10 غا مىكروسوفت ھېساباتى بىلەن تىزىملىتىپ كىرگەن بولسىڭىز، مىكروسوفت ئەپ دۇكىنىدىن ئۈندىدارنىڭ UWP نەشىرىدىن بىر قاچىلسىڭىز، ئاندىن ئۈندىدارنىڭ ئىگە تەرەپ تور بېتىدىن ئادەتتىكى ئۈندىداردىن بىرنى قاچىلىسىڭىز، كومپىيۇتېردا ئىككى ئۈندىدار قاچىلانغان بولىدۇ. ئىككىسىنى خالىغانچە بىللە ئېچىپ ياكى ئالماشتۇرۇپ ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز.

2. بىرلا ۋاقىتتا كۆپ كۆزنەكنى ئېچىپ پاراڭلىشىش
يانفوندىكى ئۈندىداردا كۆپ ئادەم بىلەن پاراڭلىشۋاتقان بولسىڭىز بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ، ئالدىغا قايتىپ، يەنە بىرەيلەننىڭ سۆزلىشىش كۆزنىكىنى ئېچىپ سۆزلىشىسىز. بۇ سەل ئاۋارىچىلىق، بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەم بىلەن سۆزلىشىدىغان ئۈندىدار سودىگەرلىرى، سالون باشقۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. سۆزلەشكەن ئادەمنىڭ كۆزنىكىنى ئالماشتۇرۇپ بولالماي تىنەپ كېتىدۇ.

0 (1).gif

كومپىيۇتېردا بۇنداق ئاۋارىچىلىق يوق. قانچە ئادەم بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بولسىڭىز ھەر بىرسىنى ئايرىم كۆزنەكتە ئېچىپ قويۇپ بىمالال سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ.
يەنى سۆزلىشىۋاتقان ئادەم ياكى توپنى مائۇستا بېسىپ يانغا سۆرەپ قويسىڭىز ئايرىم كۆزنەكتە ئېچىلىدۇ. كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئېكرانىغا پاتسا قانچىلىك كۆزنەك ئېچىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

1000.webp.jpg


3. نەقىل ئېلىش
ئۈندىدارنىڭ كومپىيۇتېر نەشىرىدە نەقىل ئېلىش (引用) ئىقتىدارى بار.
توپتا كۆپ ئادەم بىلەن سۆزلەشكەندە بىرەرسىنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرماقچى بولسا دەل شۇ سۆزنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرسا چۈشىنىشمەسلىك، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۈندىدار كومپىيۇتېر نەشىرىدە نەقىل ئېلىش ئىقتىدارى بار. توپتىكى نەقىل ئالماقچى بولغان سۆزنى تاللاپ مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسا بىر تىزىملىك چىقىدۇ، تىزىملىكتىكى 引用 نى چەكسىڭىز، نەقىل ئېلىندىغان سۆز، سۆزلىگۈچىنىڭ ئىسمى جاۋاپ قايتۇرۇش كۆزنىكىگە چاپلىنىپ، ئۈزۈك سىزىق سىزىپ بېرىدۇ. جاۋابنى ئاستىغا يېزىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ. خۇددى مۇنبەردە نەقىل ئېلىپ ئىنكاس قايتۇرغانغا ئوخشاش.

0 (2).gif


4. ئۈندىداردىكى تورداشنى تېزلىكتە ئۆچۈرۈش
يانفوندىكى ئۈندىداردا بىرەر تورداشنى ئۆچۈرۋەتمەكچى بولسا ئاز دېگەندە تۆت باسقۇچنى تاماملاپ بىر ئادەمنى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئىككى ئادەمنى ئۆچۈردىغاندا بىلىنمىگەن بىلەن كۆپ ئادەمنى ئۆچۈرۈشتە بەك ئاۋارىچىلىق.

0 (3).gif

كومپىيۇتېردا تورداشنى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسە ئۆچۈرۈش تىزىملىكى چىقىدۇ. ئىنتايىن قولايلىق ھەم تېز.

5. تېزلىكتە ھۆججەت تازىلاش
يانفونغا ئوخشاش كومپىيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئۈندىدارمۇ ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسىرى بىر پاتمان سۆزلىشىش خاتىرىسى، سىن، رەسىم ھۆججەتلىرىنى ساقلىۋېلىپ، كومپىيۇتېر سىغىمىنى ئىگىللىۋېلىپ، تېزلىككە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كومپىيۇتېردىكى ئۈندىداردا خالىغان سىننى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چېكىپ، ئاندىن 打开文件夹 نى چەكسە ساقلىنىپ قالغان بىر مۇنچە سىن، رەسىملەر كۆرۈنىدۇ. شۇلاردىن ئۆچۈرۈشكە تىگىشلىكلىرىنى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

1000.webp (1).jpg

1000.webp (2).jpg


6. خاتىرە

0 (4).gif

كومپىيۇتېر نۇسخىسدىكى ئۈندىدارنىڭ 收藏 نىڭ ئىچىدىكى 新建收藏 نى چەكسە بىر ئاددىي تەھرىرلىگۈچ ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدا تېكىست يېزىپ خاتىرلەشكە، رەسىم كېسىپ چاپلاشقا بولىدۇ. ساقلاش بۇيرۇقى بەرمىسىڭىزمۇ ئۆزى ئاپتوماتىك ساقلايدۇ، ھەمدە يانفوندىكى ئۈندىدار بىلەن ماسقەدەملىشىپ، ئۇ يازغان خاتىرىنى يانفوندا كۆرۈشكە بولىدۇ.

3ئادەم ئىنكاس يازدى

nurahmat ۋاقتى: 2019-7-10 09:28:26
قالتىس ئىقتىدارلاركەن، كۆپ ئۈندىدار ئېچىش ئۈچۈن كود يېزىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقكەنغۇ ئەسلى
Expert ۋاقتى: 2019-7-14 23:51:26
مەن ئالتە ئۈندىدار ئېچىپ باقتىم  بوپقۇيدىكەن ئەمما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部