+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-7 11:19 1980 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېخنىكا ئۇچۇر ساھەسىدە تارقالغان بەزى گەپلەر ئەمەلىيەتتە يالغان. تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسملىرى:

1. ئالما Mac كومپىيۇتېرغا ۋىرۇس يۇقمايدۇ.

5af2df6a6de648f5a269c4856a7ce878.jpg
   
ئالما شىركىتى ئىلگىرى تەشۋىقاتىدا مۇنداق دېگەن : بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىز Windows كومپيۇتېرغا ئوخشاش ئاسانلا ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمايدۇ ، لېكىن 2012 - يىلى بىر ياغاچ ئات ۋىرۇسى نەچچە مىڭ دانە Mac كومپيۇتېرنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى ، ئارقىدىن ئالما شىركىتى تېز سۈرئەتتە سىستېمىنىڭ ئېغىزىنى ئۆزگەرتى، ھەمدە ئالما كومپيۇتېرىنىڭمۇ يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتالنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

2. ئارقا سۇپىدىكى ئەپلەرنى تاقىۋەتسە باتارىيەنىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.

46ea88d73abb410c89ff4ea32d21f96e.jpg

    يانفون باتارېيەسى توغرىسىدا نۇرغۇن قاراشلار بار ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ تارقالغىنى شۇكى ، ئارقا سۇپىدىكىنى تاقىۋەتسە باتارېيەنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ . لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئېتىۋېتىلگەن ئەپلەرنىڭ يانفون باتارېيەسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا ھېچقانداق ياردىمى يوق .
    2016 - يىلى ، بىر ئالما مەستانىسى CEO تىم كۇكقا بىر پارچە ئېخەت ئەۋەتىپ ، ئەپنى تاقاش ئارقىلىق باتارىيەنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سورىغان.  ئالما يۇمشاق دېتال قورۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى Craig Federighi كوكنىڭ ئورنىدا بۇ مەسىلىگە جاۋاب بەرگەن ، ئۇ ئەپنى تاقاش بىلەن باتارىيەنىڭ كۈتۈش ۋاقتىنىڭ مۇقەررەر ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن .

3. يانفونغا توكنى تولۇق توشقۇزۇش ھەمدە توك تولۇق تۈگىگەندىن كېيىن زەرەتلەش

191a92c497e9485192c7c928596aa736.jpg

بۇ كۆپ ئۇچىرايدىغان خاتا قاراش. ئالما شىركىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : سىز ھەر ۋاقىت يانفونىڭىزغا توك قاچىلىسىڭىز بولىدۇ ، باتارىيە مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . «  % 100 توك قاچىلاپ توك تۈگىگىچە ئىشلەتسىڭىز بىر زەرەتلىنىش دەۋرى تاماملىنىدۇ»

4. پىكسېل قانچە يۇقىرى بولسا يانفوننىڭ رەسىم تارتىش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

003ee11097544b9dbf7bea90ab8ed220.jpg

يانفون كامېراسنىڭ پىكسېل سانى ئېلان تەشۋىقاتتىكى ئاساسلىق نۇقتا. ئەمما پىكسېلنىڭ يۇقىرى بولۇشى رەسىم ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە فوتو ئاپپاراتنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ . چوڭراق پىكسېل تېخىمۇ كۆپ نۇرنى سۈمۈرەلەيدۇ ، نۇر سەزگۈچ سېنزورنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئەمەلىيەتتە پىكسېل سانىدىن مۇھىم .

5. يانفون راك پەيدا قىلىدۇ.

7513514cb8a843338006c25211502d2e.jpg

    ئامېرىكا راك كېسىلى جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر يان تېلېفون ئىشلىتىش بىلەن راك كېسىلى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقى ئىسپاتلانمىدى.
    لېكىن بۇ تەشكىلات يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ھازىرقى تەتقىقات نەتىجىسى بىر قانچە ئامىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ :  ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى تەتقىقاتلار پەقەت قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىتىلغان. بالىلار بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس.
    دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، كۆپچىلىكنىڭ يانفون ئىشلىتىش قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، بەزى يوشۇرۇن ئاپەتلەرمۇ كۆرۈلدى :
    يانفونغا بەك تاينىۋالسا مەشغۇلات ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛
    بۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ؛
    يانفوننىڭ رادىياتسىيەسى ۋە ئېكراننىڭ چاقنىشى كۆزگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ؛
    ئۇزۇن مۇددەت تىڭشىغۇچ ئىشلىتىش قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛   يانفونغا خۇمار بولىدۇ ، يانفوندىن ئايرىلسا بىئارام بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部