+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-6 11:38 2906 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفون ئىشلىتىۋاتقاندىن بۇيان مۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋال بار. ئەگەر تېلېفونىڭىز قەرز بولسا توختاپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز تېلېفونغا ھەق تۆلىشىڭىز كېرەك. لېكىن توختاپ قالغاندىن كېيىن، تېلېفوننىڭ سىگنالى يوقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەق تۆلىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر يېنىڭىزدا WiFi بولمىسا، ئۆلۈك دەۋرىيلىككە كىرىپ قالىسىز. ياكى يېقىن ئەتراپتىكى تىجارەت زالىغا بارماي ئامال يوق.

تۆنۈگۈن ئۈندىدار ئىگە تەرەپ ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش بىلەن بىرلىكتە، مەخسۇس تېلېفونى توختاپ قالغان ئابونىتلار ئۈچۈن توردا پۇل تۆلەش يېشىل كارىدورىنى يولغا قويدى.
تونۇشتۇرلىشىچە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېلېفونى توختاپ قالغاندا، خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىشلەتكۈچىگە بىر تال ئۇچۇر يوللايدۇ، ئۇچۇردا بىر ئۇلانما بار بولۇپ، ئىشلەتكۈچى ئۇلانمىنى چېكىشى ھامان ئاپتوماتىك ھالدا «پۇل تۆلەش يېشىل كارىدورى»غا يۆتكىلىدۇ، شۇ ئارقلىق ئىشلەتكۈچى ئۈندىدار چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرسا بولىدۇ.

20190705_145811_205.png

  ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئۇچۇر قوبۇللىيالمىغان بولسا، ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفوندىكى كۆچمە تور ئۈزچاتى ئوچۇق ھالەتتە بولسىلا، تور كۆرگۈچنى ئېچىپ توربەت زىيارەت قىلماقچى بولغان ھامانلا، «ھەق تاپشۇرۇش يېشىل كارىدورى»نىڭ web بېتىگە يۆتكىلىدۇ. بۇندىن بۇرۇن قەرز ھالەتتە تور كۆرگۈچنى ئاچسا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتى. بۇنىڭدىن كېيىن يانفون قەرز بولۇپ قالسىمۇ ھەق تاپشۇردىغان تور بەتكە ئۇلىنىدۇ دېگەن گەپ.

20190705_145817_662.png

ھەق تاپشۇرۇش جەريانى:

1. ئىشلەتكۈچى تور كۆرگۈچنى ئاچسا ھەق تۆلەش بېتى ئېچىلىدۇ
2. تۆلىمەكچى بولغان سوممىسىنى كىرگۈزۈپ، مۇقۇملاشتۇرىمىز
3. ئاندىن ئۈندىدار چىقىمدانى ئېچىلىدۇ، پۇل تۆلەشنى دەلىللەيمىز
4. ھەق تۆلەش تاماملانغان ئەسكەرتىشى كۆرىنىدۇ

20190705_145732_985.jpg


  نۆۋەتتە ئۈندىدار چىقىمدانى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇش «يېشىل كارىدورى»نى گۇاڭدۇڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى، گۇاڭدۇڭ تېلېگىرافى، خۇنەن تېلېگىرافى، چىڭخەي كۆچمە خەۋەرلىشىشى قاتارلىق خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى يولغا قويدى. يىل ئاخىرغىچە 20 دىن كۆپ ئۆلكە دەرىجىلىك خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بۇ مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، قاپلىنىش دائىرسىنى 100 مىليون ئىشلەتكۈچىگە يەتكۈزىدۇ.

  قوللايدىغان شەھەرلەر تىزىملىكى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگىنىدەك:
20190705_145733_131.jpg

1ئادەم ئىنكاس يازدى

كىيىك ۋاقتى: 2019-7-6 17:53:48
ما تېخنىكا بوپ قويدۇ جۇمۇ، تازا ھالقىلىق پەيىتتە ئەس قاتىدۇ، كوزا كۈندە سۇنمايدۇ كۈنىدە سۇندۇ دەيدۇ ئەمەسمۇ، داۋاملىق تور مۇھىتى بار ئورۇندا يانفۇن توختاپ قالدۇ دىگلى بولمايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部