+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-2 11:26 2745 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلار ئىچىدىكى تېزلىك، ئىقتىدار، سەپلىمە، سىستېما جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بىر يانفوننى تۇنۇشتۇرىمىز.
بۇ يانفون One Plus 7 Pro ، يەنى يىجىيا  7 Pro ؛ بۇ يانفوننى نېمىشقا نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى ئاندرويد يانفون دەيمىز؟
قاتتىق دېتال سەپلىمىسى: بۇ يانفونغا نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار كۇۋالكوم 855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. ئىچكى ساقلىغۇچى 6GB/8GB/12GB ؛ ساقلىغۇچقا UFS 3.0 ئىشلىتىلگەن. ئىلگىرىكى يازمىدا تۇنۇشتۇرغاندەك، يانفوننىڭ تېزلىكىنى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتىن باشقا ساقلىغۇچنىڭ تىپى، سۈرئىتى بەلگىلەيدۇ. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ھەر قانچە تېز بولسىمۇ، ساقلىغۇچنىڭ ئۇقۇش-يېزىش تېزلىكى ئاستا بولسا يانفوننىڭ ئۇمۇمى تېزلىكى ئاستا بولىدۇ. UFS 3.0 نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتىكى ساقلىغۇچ. باشقا ئاندرويد يانفونلارنىڭ ئىلغارلىرى UFS 2.0 نى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

61-oneplus-7_pro_02.jpg

ئېكرانى 6.67 دىيۇملۇق AMOLED ئەگرى گىرۋەكلىك ئېكران. ئېنىقلىقى 3120*1440 يەنى 2K ؛ يۇرۇقلىقى 800nits ، يېڭىلىنىش چاستوتىسى 90Hz ، ئېكرانى بارماق ئىزى تونۇيدۇ، +HDR10 نى قوللايدۇ. چىراي تونۇيدۇ.
كەينىگە ئۈچ كامېرا ئورنىتىلغان، سونىينىڭ 48 مىليون پىكسېللىق IMX 586 سېنزورى بار ، ئۈچ كامېرادا 12 مىليون پىكسېل ئېنىقلىقتا رەسىم تارتقىلى بولىدۇ.  3 ھەسسە فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ.
سېكۇنتىغا 60 فىرام 4K ئېنىقلىقتا سىن ئالغىلى بولىدۇ، سېكۇنتىغا 240 فىرام ئاستىلىتىپ 1080p ئېنىقلىقتا سىن ئېلىشنى قوللايدۇ. ئالدى كامېراسى تارتما شەكىلىدە، پۈتۈن ئېكران نىسبىتى %93
باتارىيەسى 4000mAh بولۇپ، 30W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. 20 مىنۇتتا %48 زەرەتلىنىپ بولىدۇ. سۇيۇقلۇق بىلەن سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى بار.
NFC بار، ئاساسلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئاپتۇۋۇز كارتىسىنى قوللايدۇ. قوش كارتا، قوش تور قوللايدۇ.

20190617213133_8272.jpg

سىستېمىسى: بۇ يانفونغا ئەسلى نەشىردىكى ئاندرويد سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇپ، ئاندرويد ئىگە تەرەپتىن يېڭىلانغاندا ئالدى بىلەن بۇ يانفوندىمۇ يېڭىلىنىدۇ. ھازىر ئاندرويد 10 يەنى Android Q غا يېڭلاندى. ئاندرويد ئەسلى سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەچكە، يۇقارقى قاتتىق دېتال بىلەن ماسلىشىپ ھەقىقىي «راۋان» ئۈنۈمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ يانفوندا «قېتىش» دەيدىغان گەپ يوق. راۋانلىق جەھەتتە ئايفون بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ.
ھازىرقى باھاسى 3999 يۈەندىن باشلىنىدۇ.

20190601_141738_330.jpg

شۇڭا One Plus يانفونلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى نامىمۇ ئىنتايىن ياخشى، چەتئەللىكلەرمۇ تالىشىپ سېتىۋالىدۇ. جىڭدوڭ قاتارلىق سودا سۇپىسىدا 4000 يۈەن دەرىجىسىدىكى يانفونلار ئىچىدە سېتىلىشى بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

3ئادەم ئىنكاس يازدى

新一天 ۋاقتى: 2019-7-2 13:22:58
بىر يىلدىن كىيىن باھاسى چۈشكەندە ئېلىشنى ئويلىشىپ باقسام بولغۇدەك
nurahmat ۋاقتى: 2019-7-2 19:39:42
بۇ تېلېفونلارنىڭ راۋانلىقىدا مەسىلە يوق، مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ one plus 5, لېكىن ئالپ تورىدا مۇشۇ يانفۇنلار توغرىلىق تېما بەك ئاز، ھېچ بولمىغاندا فونت ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا بىرەر تېما يوللانسا بولاتتى
elbilge ۋاقتى: 2019-7-3 13:30:56
بۇ تېلېفوننىڭ باھاسى ئاساسەن چۈشمەيدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部