+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-7-1 11:50 1776 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يۇقىرى قاتلام تەمىنلەش زەنجىرىدىكىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتى يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئايفون چىقارماقچىكەن. ئاساسلىقى جۇڭگو بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئېقىپ كېتىۋاتقان كونا خېرىدارنى تۇتۇپ تۇرۇشنى مەخسەت قىلغان. ھازىرچە بۇ يېڭى ئايفوننىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس.

مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو بازىرىدا 5000 يۈەن باھا بۆلىكىدە ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىركەن. بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر ئالمىدىن ۋاز كېچىپ جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ماركىسىدىكى خۇاۋېي، ئوپپو، ۋىۋو دېگەندەك ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلارنى تاللاشقا باشلىغان.

20190701095636_5415.jpg

iPhone Xs يېڭى چىققاندا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلىپ قىلغان، تېخىمۇ چوڭ ئېكران، قوش كارتا قوللاش ... قاتارلىق ئىقتىدارلىرى جۇڭگولۇق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان ئىدى، ئەمما 6000~10000 يۈەن باھا سېتىۋالماقچى بولغانلارنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قويدى. باھا ئالما بىلەن جۇڭگولۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ چوڭ توساق. 618 تە iPhone XR نىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن شىددەت بىلەن سېتىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
جۇڭگو ئۈچۈن مەخسۇس ياسالماقچى بولغان ئايفوندا بەزى ئىقتىدارلار قىسقارتىلىپ ياكى ئۆزگەرتىلىپ باھاسى ئەرزانلىتىپ جۇڭگو بازىرىغا ماسلاشتۇرۇلماقچى. مەسىلەن FaceID چىراي تۇنۇش ئىقتىدارى قالتىس ئىقتىدار بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلەتمەيدۇ. بارماق ئىزى قۇلپىسىغا كۆنۈپ كەتكەن. شۇڭا جۇڭگو ئۈچۈن مەخسۇس ياسالماقچى بولغان ئايفوندا FaceID چىقىرۋېتىلىپ، ئېكرانى ياكى كەينى تەرىپى بارماق ئىزى تونۇيدىغان قىلىنماقچى.
جۇڭگو ئۇچۇر ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى بازىرىدىكى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 2523 يۈەن بولۇپ، %16.8 ئاشقان. 4000 يۈەنلىكتىن يۇقىرى يانفونلار %13 نى ئىگىللىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى  %30 نى ئىگىللەپ، ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
بۇنىڭغا قارىغاندا 5000 يۈەندىن ئەرزان باھادا مەخسۇس ئايفون ياسالسا جۇڭگودا ناھايتى چوڭ بازار بوشلۇقىغا ئىگە بولالايدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

urum131 ۋاقتى: 2019-7-1 15:20:00
دۆلىتىمىز بازىرى ھەقىقەتەن چوڭكەن جۇمۇ ئالمىنى ئۆزگىرىشكە مەجبۇر قىلغاندىكىن، زادى پايدا-مەنپەئەت دىگەن يامان نەرسىدە.
رۇھ ۋاقتى: 2019-7-2 19:10:58
3000مىڭ يۈەن ئالدى كەينىدە ئالما يانفۇن چىقارسا ئالدىغانلار راستىنلا كۆپ چىقىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部