+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-6-23 12:41 1597 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان 5G تورى ئىنتېرنېت ئىنقىلابىنىڭ يېڭى سەھىپىسنى ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتە كەلگۈسىگە مەنسۇپ ئۆزگىرىشىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفون، نەرسە تورى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، توكلۇق ماشىنا... قاتارلىقلار 5G تورى ئارقىلىق يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئەۋلاد ھەجىمى كىچىك، سىغىمى يۇقىرى باتارىيەگە جىددىي ئېھتىياجلىق. يۇقىرى سۈرئەتلىك 5G تورىدا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ توك سەرپىياتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئېنىق.

3849e52d09af4e699a826ac28497d170.jpg

نوكىيا يېقىندا ئىگە تەرەپ تور بېتىدە يېڭى ئەۋلاد باتارىيە ياساپ چىققانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. نوكىيا قارمىقىدىكى بېل تەجرىبىخانىسى بىلەن ئىلغار ماتېرىيال ۋە بىئولوگىيەلىك قۇرلۇش تەتقىقات مەركىزى (Advanced Material + BioEngineering Research) بىرلىكتە بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى باتارىيە تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى. بۇ يېڭى باتارىيە نۆۋەتتىكى باتارىيە تېخنىكىسىنىڭ قائىدىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
نوكىيانىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ باتارىيە يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىيالىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوخشاش ئېغىرلىق، ئوخشاش ھەجىمدىكى نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان باتارىيەگە قارىغاندا توك سىغىمى 2.5 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. بۇ يېڭى باتارىيە تېخنىكىسىغا پاتېنت ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، پات ئارىدا سودىدا ئىشلىتىلىدىكەن.
بېل تەجرىبىخانىسنىڭ بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل خادىمى Paul King مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى باتارىيە ماتېرىيالىنى تېخىمۇ كىچىك بوشلۇققا قاچىلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، 5G دەۋرى ۋە پۈتۈن تور دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

463a3c82551a4598ac2336a069b6a232.jpg

نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان لىتىيلىق باتارىيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى بارلىققا كەلگەن.  1996-يىلى بەشىنجى ئەۋلاد لىتىيلىق باتارىيە ياسىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا باتارىيە تېخنىكىسىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى. يانفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن لىتىيلىق باتارىيەنىڭ ھەجىمىنى چوڭايتىشتىن باشقا ئامال يوق. شۇڭا تەتقىقاتچىلار لىتىينىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا يېڭى ماتېرىيال ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلمەكتە. نانومىتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن گرافىت ئالكېن ماتېرىيالى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. ئەمما گرافىت ئالكېن ئىنتايىن نازۇك بولغان نانومىتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولغاچقا، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىپ سودىدا ئىشلىتىلمىدى.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

kabil001 ۋاقتى: 2019-6-23 18:00:20
تولىمۇ ئەپسۇس،  يەنىلا تېخى تەجرىبىخانىدىن چىقىپ بولالمىغان مەھسۇلات ئوخشايدۇ.  بازارغا تولۇق سېلىنىپ بولمىغۇچە تەلمۈرۈپلا ئولتۇرىدىغان گەپتە شۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部