+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-4-13 12:39 5092 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2016-يىلى كۈز پەسىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، تاۋۇش تەتقىقات ساھەسى بىلەن 13 يىل شۇغۇللانغان خۇاڭشىن (黄申) دوكتۇر، دولبىي تەجرىبەخانىسىدىكى (دۇنيادىكى داڭلىق ئاۋاز ئۈنۈمى تەتقىق قىلىدىغان تەجرىبەخانا) بىر ئوبدان تەتقىقات خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، تىكەندەك يالغۇز تېڭشۈننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق شىركىتىگە كېلىپ TEG مىللىي تىل يېزىق تەتقىقات گۇرۇپىسىنىڭ تۇنجى ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ.

  پاتنېتلىق يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتچىسىدىن، كېچە-كۈندۈز دېمەي ھارماي تالماي ھەربىر ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي تۈر ئىشلەش، خۇاڭشىن دوكتۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بۇرۇلۇش ئانچە ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قارارنى چىقىرىش ئۇنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ.

微信图片_20190413124009.jpg

رەسىمدە خۇاڭشىن دوكتۇر



كىمخاب ئۈستىگە گۈل بېسىشتىن مۇھتاج بولغاندا جانغا ئەسقېتىشقىچە

  خۇاڭشىن دوكتۇر كىچىكىدىن غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايۇندا ياشىغان، ئۆزى خەنزۇ بولسىمۇ، ئەمما كۆزىگە سىڭىپ قالغان بولغاچقا، شۇ جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بارا-بارا ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ھەمدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئورنىنىڭ تاۋۇش تونۇش يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى تاللايدۇ.


  بىر قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭغا تۈر ئىشلىگىلى بېرىپ، ئۇ يەردە خەنزۇ تىلى بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى بايقايدۇ. بىر ئۇيغۇر بوۋاي ئۇنىڭغا قاشتېشى سېتىش ئۈچۈن،  ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ. بوۋاي ئېيتىپ :« مېنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم دەل خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكىم، مەن باللىرىمنىڭ خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.»


  بوۋاينىڭ بۇ سۆزى خۇاڭشىن دوكتۇرغا تولىمۇ تەسىر قىلىدۇ، ئۇ تاۋۇش تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىشنى ئويلايدۇ.


  كېيىن شۇ تۇرغانچە ئۈچ ئاي تۇرۇپ، تاشقورغان ناھىيسى، خوتەن، جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسى، كەشمىر... خۇاڭشىن دوكتۇر ئاساسەن دېگۈدەك شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ ھەر بىر ناھىيە بازارلىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا پۈتۈن شىنجاڭ ، شىزاڭ رايۇنىدا MHK ئىمتىھانىنى تەسىس قىلىدۇ (خەنزۇتىلى سەۋىيەسى دەرىجە ئىمتىھانى)

微信图片_20190413124018.jpg
شىزاڭ ئالى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدە بالىلاردىن تىل ماتېرىيالى يىغىۋاتقان كۆرۈنۈش


  خۇڭشىن دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ:ھازىر AI تېخنىكىسى كىشىلەرنىڭ ئادەم-كومپىيۇتېر دىئالوگى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش، ھەمدە ھەرخىل «كىمخاب ئۈستىگە گۈل باسىدىغان» ساھەلەردە ئەمەلگە ئاشۇردى، لېكىن مەن يەنىلا AI تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ «مۇھتاج بولغاندا جانغا ئەسقاتىدىغان» ئىشلارنى ھەل قىلىشنى خالايمەن.


تېڭشۈنگە كىرگەندىن كېيىن، خۇڭشىن دوكتۇرنىڭ بۇ ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى.


  خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوچۇقسىز ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىل ماتېرىيال ئامبىرى توپلاشتىن باشلىدى.

  2016-يىلى يىل ئاخىرىدا، خۇڭشىن دوكتۇر ئەتىرەت تەشكىللەشكە باشلىدى، نۆۋەتتە ئەتىرەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە چىڭخۇا داشۆنىڭ دوكتۇرلىرى. مىللىي تىل پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى دەل ئىنگىلىز تىلى ، خەنزۇ تىلىغا ئوخشاش نۇرغۇن تىل ماتېرىيال ئامبار مەنبەسىنىڭ بولماسلىقىدا، تۈر تېخى باشلىنا باشلانماي تۇرۇپلا، قىيىنچىلىقلار پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ كېلىشكە باشلىدى.

  ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق مىللىي تىل ماتېرىيال ئامبىرىنىڭ دەسلەپكى توپلاشتىن كەلدى، باشلىنىشتا ئۈنگە ئېلىش ئورنى بېيجىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، لېكىن جەريانى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك گەپ سۆز قىلمايلا ئۈنگە ئېلىش نۇقتىسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىدى، ھەمدە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە تەشۋىقات يىغىنى ئاچتى. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئەتىرەتنى مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

微信图片_20190413124022.jpg
ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەشىقات يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش


  لېكىن مەسىلە يەنە تۈگىمىدى، ئادەتتىكى ئۇيغۇر تىلىنى توپلاش نىسبەتەن ئاسانغا توختىغان بىلەن، خوتەن دېئالېكتى ۋە لوپنور دېئالېكتى توپلاش جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئاخىرىدا، خۇاڭشىن دوكتۇر كۆپچىلىكنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن تاۋۇش توپلىدى.

微信图片_20190413124025.jpg
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تاۋۇش توپلاش خىزمىتىدىن بىر كۆرۈنۈش


  ئۇيغۇر تىلىنى پەقەتلا بىلمەسلىك ئەتىرەتنىڭ يەنە بىر چوڭ قىيىن مەسىلىسى. خۇاڭشىن دوكتۇر ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى سېتىۋېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئېلىپبە، گىرامماتىكا، تەلەپپۇز قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى، ھەر كۈنى ئەتىگەن 维语吧 ئۈندىدار سالونىدا ئاۋاز ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇردى. خۇاڭشىن دوكتۇر ئەتىرەتتىكى بارلىق دوكتۇرلارنى ھەر كۈنى چوقۇم ئۈندىدار سالونىدىن مەزمۇن كۆرۈپ ئۆگىنىشنى ئادەت قىلدۇردى. دەسلەپتە ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەچكە ئۆگىنىشنى ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلاشتىن باشلىدى.

  بىر توپ تاۋۇش تېخنىكىسىغا ئاشىق بولغان دوكتۇر مۇتەخەسىسلەر نۆلدىن باشلاپ بالىلارغا ئوخشاش قېتىرقىنىپ ئۆگەندى.

بىز ھەرۋاقىت يول ئۈستىدە

  شۇنداق قىلىپ ، ھازىر خۇاڭشىن دوكتۇرنىڭ ئەتىرىتى ئالدى كېيىن بولۇپ ئۇيغۇر تىلى، موڭغۇل تىلى، زاڭزۇ تىلىنىڭ تاۋۇش تونۇش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىدى. خۇڭشىن دوكتۇر ئېيتىپ :« پەقەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئالاقە تېخىمۇ راۋان بولغاندىلا، ئاندىن چەت رايۇنلارنىڭ تىل ئەھۋالى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ»

  بۇ بىر يىلدا ئەتىرەت ئالدى كېيىن بولۇپ مەمىلىكەتلىك ئۇيغۇر تىلى سۆز ئايرىش مۇسابىقىسى، CWMT مەملىكەتلىك ماشىنا  ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش مۇسابىقىسى ... قاتارلىقلاردا كۆپ تۈردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، شەرەپ بىلەن خەلىقئارالىق شەرق كۆپ خىل تىل تاۋۇش تونۇش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. يەنە 14- نۆۋەتلىك خەلىقئارالىق ماشىنا ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش مۇسابىقىسىدا 2018-يىلى خەنزۇچە ئىنگىلىزچە تەرجىمە قىلىشتا ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، بۇ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى ئىككىنچىلىكىنى، بۇندىن بۇرۇن ئاساسەن مىكروسوفىت ۋە گوگىل مونوپول قىلىۋالغانىدى.

  خۇاڭشىن دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ:« مۇسابىقىدە بىرىنچى بولۇش بىلەنلا بولدى قىلغىلى بولمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشكە ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشىگە، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك»


微信图片_20190413124029.jpg
خۇاڭشىن دوكتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەتىرەت ئەزالىرى

微信图片_20190413124032.jpg

  تىل يېزىق تەرەپتىكى تەتقىقاتتىن باشقا، ئەتىرەت يەنە OCR ۋە رەسىم تېخنىكىسى ، تېكىست تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى تەرەپلەرگىمۇ كېڭەيدى. پاتنېتلىق يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتىدىن ئەلگە نەپ يېتىدىغان AI تېخنىكىسىنى قوللىنىشقىچە، خۇاڭشىن دوكتۇر ئۆزىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە قايناق ھېسىياتقا تولغان مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىنى تاپتى.

  تېڭشۈندە خۇاڭشىن دوكتۇرغا ئوخشاش ئارزۇسى بار ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر ناھايىتى كۆپ. كەلگۈسىدە، ئۇيغۇر خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ يوچۇقسىز پىكىر ئالماشتۇرغاندا، چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ تېڭشۈننى ماختاپ «سىلەرنىڭ تېخنىكاڭلار ھەقىقەتەن قالتىس!» دېگەن بىر جۈملىنى ئاڭلاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز.


تېڭشۈن ئۇيغۇر-خەنزۇ تىل تەرجىمە سىستېمىسى تەتقىق قىلىپ ياسالدى

  ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭ ، شىزاڭ، ئىچكى مۇڭغۇل بىپايان زېمىنىدا، مىللىي تىل ۋە خەنزۇ تىلىنى تولۇق ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» سىتىراتىگىيىسىنىڭ ئالاقە، ئەسلىھە تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش دەل تېڭشۈننىڭ بۇ سىستېمىنى ياساپ چىقىشتىكى دەسلەپكى مەقسىتى.

  مىللىي-خەنزۇ تىل تەرجىمانى ئۈندىدار ئەپچىسىدە ئاۋاز بويىچە تەرجىمە قىلىشنى قوللايدۇ، ئېلان قىلغان بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا، بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكۈچىلەر سانى ئون مىڭدىن ئاشتى، ھەپتىلىك ئىشلەتكۈچىلەر 18%گە يەتتى. شىنجاڭدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە تىل ئۆگەنگۈچىلەر، ساياھەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. سىز پەقەت ماس تىلدىكى كونۇپكىنى بېسىپ سۆزلىسىڭىزلا ماس قەدەمدە تەرجىمە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز، مەھسۇلات يېقىندا يەنە مىللىي تىلدا تاۋۇش بىرىكتۈرۈش، رەسىمدىكى خەتنى تونۇپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ئاستىدىكى كودنى سايىلەپ ئىشلىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
微信图片_20190413124036.jpg

(مەنبە :تېڭشۈن مەدەنىيتى ئۈندىدار سالونى)
来源:腾讯文化微信公众号​


ئىشلىتىش ئۇسۇلى


微信图片_20190413124040.jpg


  ئۈستىدىكى كودنى سايىلەپ ئۈندىدار ئەپچىسىگە كىرگەندىن كېيىن خەنزۇچە سۆزلەپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن خەنزۇتىلى (汉语) دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆزلەيمىز، سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن كونۇپكىنى قويۇپ بەرسەك تەرجىمىسى ئېكراندا كۆرىنىدۇ. ئۇيغۇرچە سۆزلەپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ھەم ئوخشاش


微信图片_20190413124047.jpg


  تېكىستنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاستىدىكى كونۇپكا تاختىسى سىنبەلگىسىنى چېكىمىز، چەككەندىن كېيىن خەت كىرگۈزۈش رامكىسى ئېچىلىدۇ، ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك

微信图片_20190413124051.jpg

خەت كىرگۈزگەندە خەت كىرگۈزۈش رامكىسىدىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلىڭ، يەنى ئۈستىدىكى رەسىمدىكى ھالىتى خەنزۇچە تېكىستنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ھالىتى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزسىڭىز تەرجىمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ.

微信图片_20190413124059.jpg

بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈستى تەرەپتىكى ئالماشتۇرۇش كونۇپكىسىنى بېسىپ ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرىمىز

  بۈگۈنكى مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. ئەگەر مەزمۇنلىرىمىز يارىغان بولسا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويۇشىڭىزنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمىز ھېچ بولمىسا ئاستىدىكى 在看 نى بېسىپ قويسىڭىز بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ رىغبەت. قوللىغىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.




تېخىمۇ كۆپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز،ئۈستىدىكى چىپار كودنى سايىلەپ سالونىمىزغا ئەگىشىۋېلىڭ


6ئادەم ئىنكاس يازدى

kichikoghul ۋاقتى: 2019-4-13 19:50:50
ئۈستىدىكى كود  يوقكەن. بەيدۇدىن چۈشۈرسەم تەرجىمە قىلىدىغان  تىل تىزىملىكىدە ئۇيغۇرچە يوقكەن.
hopujan ۋاقتى: 2019-4-13 23:36:51
كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ دۆلەت  تىلى سەۋىيىسى چەكلىك بولغاچقا ،  ئەسلى مەقسىتىمىزنى چۈشەندۈرەلمەي . قىينىلىۋاتقان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ . جۈملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . مۇشۇ تەرجىمان ئۈچۈن . كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمىزغا . كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، ئېيتىمەن .
begtash ۋاقتى: 2019-4-14 01:06:29
黄申 دىگەن ئىسىمنى ئەستە چىڭ ساقلىۋالدىم.
QQSANSIZ ۋاقتى: 2019-4-14 08:44:27
بەك ياخشى بوپتۇ لىكىن يانفۇن ئەپ دىتالى قىلىپ ياسىغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى چۇنكى ئۇندىدارنى ئىچىپ ئىشلىتىش سەل قولايسىز يەنە  ھازىر نۇرغۇن تەرجىمە ئەپ دىتاللىرى ئىشلىمەيۋاتىدۇ.بۇ تىڭشۇننىڭ بولغاندىكىن مىنڭچە  ئۇنداق ئىش سادىر بولمايتى. يانفۇن ئەپ دىتالى قىپ ياسىشىنىمۇ ئومۇد قىلمەن.
نۇركۆز ۋاقتى: 2019-4-14 11:49:20
بۇ تىمىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن، بولسا ئەپ دىتالى ياسلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كەچمىش15 ۋاقتى: 2019-4-14 15:17:38
ناھايىتى ياخشىكەن،مەن بەك مىننەتدار بولدۇم،رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部