+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2019-1-23 00:52 2276 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ياخشىمۇسىلەر دوسلار،


بۈگۈن دوسلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىمىزنىڭ ماۋزۇسىنى ئۈستىدىن كۆرىۋىلىڭ


نەق ئۆزىگە كەلسەك Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا JetBrains ئائىلىسىنىڭ IDE لىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئىچكى ساقلىغۇچنى كەركىداندەك يەپ كىتىشى ئىنتايىن بىشىمنى قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى،
Linux x64 مۇھىتىدا JVM x64 سۇپىسىدا Android Studio, IntellIJ, Rider دىگەنلەردىن ئىككى تەڭ ئېچىپ قويساملا 8GB فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچ توشۇپ كىتىپ سىستېمام قىتىپ قالايلا دەيدۇ، تىخى خىجىل بولماي قىتىشلىرى بار ھى،(دەردىم جىق )

Windows ئىشلەتكەندە مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ (Virtual memory) دىگەندەك گەپلەرنى چالا-پۇچۇق ئاڭلاپتىكەنمىز، ئەمما ئىچكى ساقلىغۇچ ۋەقەسىگە ئۇچرىمىغاچ دىققەت قىلماپتىكەنمىز،
ئاۋال چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي، مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ دىگىنىمىز قاتتىق دىسكىمىزدىن مەلۇم بىر ئورۇندىن مەلۇم چوڭلۇقتىكى بىر ھۆججەت ھاسىل قىلىپ ئۇنى مەخسۇس بۇيرۇقلار بىلەن فورماتلاپ Swap رايۇنىغا قوشۇپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسى ئاۋال فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىشلىتىدۇ، توشۇپ كەتكەندە مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ،
ئەگەر سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز SSD دىسكا (Solid state drive) بولسا ئۇ ھالدا ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر HDD دىسكا (Hard disk drive) بولۇپ قالسىمۇ سىستېمىڭىز قېتىپ قالغاندىن ياخشى،

DeepinScreenshot_Desktop_20190119210742.png

ئۇنداقتا باشلايلى، (دىققەت، بارلىق جەريانلار root ھوقوقى شارائىتىدا ئېلىپ بىرىلىدۇ، (shell~#: ))
بىز دەۋاتقان مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى Linux مۇھىتىدا Swap دەپمۇ ئاتاپ قويىدىغان ئىشىمىز بار

1. تېرمىنالنى ئىچىپ قاتتىق دىسكىنىڭ مەلۇم ئورنىغا يۆتكەڭ(مەسىلەن /swap)



2. dd بۇيرۇقى ئارقىلىق /dev/zero ئۈسكۈنىسىدىن مەلۇم چوڭلۇقتىكى بايىت سانلار گورۇپپىسىدىكى قۇرۇق سانلىق مەلۇماتنى ئوقۇپ ئېلىپ ھۆججەت شەكلىدە يىزىڭ،



مەسىلەن


  1. dd if=/dev/zero of=/swap/swapFile bs=1048576 count=4096
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
(1,048,576 بولسا 1024 * 1024 نىڭ نەتىجىسى)
پارامىتىر چۈشەندۈرۈلىشى:
  1. if: input file
  2. ئەكىرىش ھۆججىتى
  3. of: output file
  4. چىقىرىش ھۆججىتى
  5. bs: block size (Byte)
  6. بۆلەك چوڭلۇقى (بايىت بىرلىك قىلىنىدۇ)
  7. count: block count
  8. بۆلەك سانى

  9. Total swap volume = bytes of per block * block count
  10. ئومومى مەۋھۇم ساقلىغۇچ سىغىمى = ھەر بىر بۆلەكنىڭ چوڭلۇقى * بۆلەك سانى
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


example: dd if=/dev/zero of=/swap/swapFile bs=1048576 count=4096
(چۈشەنچە، Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا /dev/zero بولسا بىر خىل نۆل ئۈسكۈنە بولۇپ بۇنى ئادەتتە بىز كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش قىممەتلىرى زۆرۈر بولمىغاندا ياكى قۇرۇق سانلىق مەلۇمات لازىم بولغاندا ئىشلىتىمىز، ھۆججەت مەشغۇلاتى قىلسىڭىز مەسىلەن ئوقۇش ياكى يېزىش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز ھىچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، مەسىلەن بۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش ئورنىدىن بىر مىسال: مەندە بىر پروگرامما بار، ئۇ تېرمىنالدا قوزغىلىدۇ، ھەم ئۇ تېرمىنالغا توختىماي نۇرغۇن log يىزىۋىتىشى مۇمكىن (خاتېرە)، ئەمما ھىچقايسىسى ماڭا زۆرۈر ئەمەس، بۇ ۋاقىتتا بىز بۇ تېرمىنالدىكى پروگراممىنىڭ ئۆلچەملىك چىقىرىش ئىغىزى Standart output نى /dev/zero غا بۇرىۋەتسەك بولىدۇ، مەسىلەن xxx > /dev/zero بۇ يەردىكى xxx بولسا پروگرامما)

dd ھۆججەت ئوقۇپ يېزىش بۇيرۇقى،
dev/zero دىن ھۆججەت ئوقۇيدۇ
/swap/swapFile غا يازىدۇ
ھەر بىر 1048576 Byte (بايىت) بىرلىك قېلىپ 4096 دانە بۆلەك ئۇزۇنلۇقتا ئۇچۇر يۆتكەيدۇ،

ئومومى سىغىمى بولسا
  1. 1024 * 1024 * 4096 = 4,294,967,296 (Byte)
  2. 4,294,967,296 byte = 4,194,304 KB = 4096 MB = 4 GB
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


3. mkswap بۇيرۇقى (swap رايۇنى شەكلىدە فورماتلايدۇ ھەمدە مۇشۇ ھۆججەتنى swap رايۇنى شەكلىدە ياسايدۇ)

  1. mkswap /swap/swapFile
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


swap رايۇنى شەكلىدە فورماتلايمىز
4. swapon بۇيرۇقى (بۇ رايۇننى ئىچكى ساقلىغۇچ قېلىپ سىستېمىغا ئۇلايدۇ، كۈچكە ئىگە قىلىدۇ)

swapon /swap/swapFile

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20190119211205.png
DeepinScreenshot_deepin-terminal_20190119211257.png

5. كۈچكە ئىگە بولغان بولمىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن free -m بۇيرۇقىنى يۈرگۈزۈڭ


DeepinScreenshot_select-area_20190122225055.png

DeepinScreenshot_select-area_20190119213419.png


بىر يەلىرى كەمدەك قىلامدۇ؟
ئاۋال بىر مەزگىل كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندا بۇيرۇق يىزىپ كۆنىۋىلىڭ، ئاندىن داۋاملىق كىلەيلى

غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

1ئادەم ئىنكاس يازدى

تەشنا4433 ۋاقتى: 2019-1-23 14:33:47
كۆپ رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部