+تېما يوللاش
qarahan يوللانغان ۋاقتى:2018-12-2 10:49 13541 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
‏      بارلىق ئالىپداشلار ۋە ئۇزلۇق سالونىنىڭ سابىق ئەگەشكۈچىلىرى ياخشىمۇ سىلەر،  ئۇزۇن بولدى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن مۇنبەرگە ياكى سالونغا يېڭى مەزمۇنلارنى يوللاپ بۇلالامىدىم، بۈگۈن تورداشلارغا يېقىندا بىرقىسىم دوستلارنىڭ تېلفۇنىدىكى ئۈندىداردا ئۇيغۇرچە مەزمۇندىكى سالوننى ئاچقاندا ئۇيغۇرچە خەت ئۇلانماسلىق  مەسىلسى كۆرۈلگەن.

1.JPG

      
بۇ مەسىلنى ئۈندىدار توپلاردىمۇ ياكى ماڭا ئايرىم ئېنكاس قىلغانلارمۇ بولدى، راس گەپنى قىلغاندا خىزمەت ئالدىراش ھەم ئۆزەم iPhone ئىشلىتىۋاتقاچمىكى بۇنداق مەسىلە ماڭا يۇلۇقۇپ باقمىدى، ئەمما بۇ كىچىك مەسىلە بولسىمۇ ھازىرقىدەك تور تەرقىياتى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۈندىدار سالونلىرىمۇ كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسىدىن باشقا ھەر خىل تەشۋىقات، خەۋەرلەرنى تارقىتىدىغان تور تاراتقۇسىغا ئايلاندى، بىر قىسىم نۇپۇزلۇق سالونلىرىمىزدا پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزام، سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلدا ئەڭ تېز سۈرەتتە بىز تور ئەھلىگە تەمىنلىمەكتە، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلماقتا، لىكىن ئۈندىدار سالونىدا كۆرۈلگەن ئۇيغۇرچە مەزمۇن نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلسى بىز تور ئابونىتلىرىغا ۋە جاپاكەش سالون باشقۇرغۇچىلارغا بىر قىسىم قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، شۇ سەۋەبتىن بۈگۈن ئازىراق ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئۆزەم بىلگەن ئۇسۇل بۇيىنچە بۇ مەسىلىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلىش چارىسىنى دوستلارغا سۇنماقچى.
     گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن شۇنى دىمەكچى سالوندىكى ئۇيغۇرچە خەت ئۇلانماسلىق مەسىلسى تۆۋەندىكى تۈرلەر بىلەن قەتئىي مۇناسىۋەتىسز(ھازىرچە شۇنداق)
1. فونت(خەت نۇسخىسى)بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مەيلى سىز تېلفۇنىڭىزنى Root لاپ سېستىما تەمىنلىگەن ئەسلىدىكى فونىتنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى ئالماشتۇرماڭ، سالون مەزمۇنىدىكى ئۇيغۇرچە خەت بۇرۇن نورمال كۆرۈنۈپ يېقىندىلا مۇشۇنداق بۇلۇپ قالغان بولسا دىمەك بۇ مەسلىنىڭ فونىت بىلەن ئەسلا مۇناسىۋىتى يوق.
2. تېلفۇنىڭزدىكى قانداقتۇر مەلۇم ۋىروس ياكى تېلفۇندىكى ئەخلەت ھۆججەت، غەملەكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
3. تېلفۇننىڭ تەڭشىكىنى زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى قايتا قوزغۇتۇش بىلەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
4. سېرىق، ياكى باشقا تۈردىكى قانۇنسىز مەزمۇندىكى توربەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز.(لىكىن بۇ تۈردىكى توربەتلەرنى زىيارەت قىلسىڭىز قانۇنى جاۋابكارلىقىڭىز سۈرۈشتە قىلىندۇ)
5. قانداقتۇر ئۈندىدارنىڭ ئىچكى سىنىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.(ئالىپ ئۈندىدار توپىدىكى چاقچاق پاراڭ)
6. ئەخلاقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز(چايخانا ئۈندىدار توپىدىكى چاقچاق پاراڭ، مۇشۇ گەپنى ئاڭلىسام ئاچچىقىم كىلدۇ دىسە)
      ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئۈندىدار ئۆزى بىر مۇستەقىل ئەپ بولسىمۇ سالون ياكى باشقا ئۇلانما زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا تور كۆرگۈچ webkit كە تايىندۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا سالون مەزمۇنى ئۈندىدار ئىچىدىكى تور كۆرگۈچتە ئېچىلدۇ. QQ، QQ تور كۆرگۈچ ۋە ئۈندىدار ئوخشاشلار بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغانلىقتىن ئۈندىدار ئىچىدىكى تور كۆرگۈچ QQ تور كۆرگۈچنىڭ ئىچكى يادىروسى(浏览器内核)سىغا تايىندۇ. شۇڭا ئۈندىدار ئىچىدىكى سالون مەزمۇنى ياكى ئۇلانمىنى ئېچىپ زىيارەت قىلىش ئۈچۈن (QQ浏览器X5内核)يادىرو ھۆججىتىنى ئىشلىتىدۇ.

2018_12_02_09_48_IMG_1349.JPG

     بۇ قېتمقى سالونلاردىكى ياكى قىسمەن تېلفونلارنىڭ(ئاندىرئىد تېلفۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ سېستىما تەمىنلىگەن تور كۆرگۈسىمۇ chorme تور كۆرگۈچنىڭ يادرو ھۆججىتىنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا بىر قىسىم ئاندىروئىد تېلفۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىسىدىمۇ ئۇيغۇرچە خەت نورمال ئۇلانماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلگەن)QQ تور كۆرگۈچمۇ chorme تور كۆرگۈچ ئاساسىدا ياسالغان بولغاچقا ئەڭ ئاساسىي يادرو ھۆججىتى ئوخشاش، شۇڭا بۇ مەسىلە تور كۆرگۈچ ئىچكى يادىرو ھۆججىتى 44425(135507_20181128)نۇمۇرلۇق ياكى يۇقۇرى نەشىردە بۇ مەسىلە كۆرۈلگەن.
      بۇ مەسلىنى بەزى تورداشلىرىمىز ئۈندىدارنى قايتا قاچىلاش ياكى قوش ئۈندىدار ئېچىش ئۇسۇلى ئارقلىق ھەل قىلغان بولسىمۇ بۇ ئىچكى يادىرو ھۆججىتى مۇلازىمىتىر ئارقا سۇپا تەرىپىدىن ئىسسىق يېڭىلىندىغان(热更新)بولغاچقا ئۈندىدارنى قايتا قاچىلاپ(ئۈندىدار قاچىلاش بولاق ھۆججىتى ئىچىدىكى تور كۆرگۈچنىڭ مۇناسىۋەتلىك يادىرو ھۆججەت نەشىرى كونا، نەشىرى كونا يادىرو ھۆججىتىدە نورمال)ھەل بولغاندەك قىلغان بىلەن بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىچكى يادىر ھۆججىتى ئاپتۇماتتىك يېڭلىنىپ تۇرۇپلا يەنە ئۇيغۇرچە خەت ئۇلانماسلىق  مەسىلىسى كىلىپ چىقىدۇ. بۇ دەل يۇقارقى مەسلنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى.
    ئەمدى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ناھايتىمۇ ئاددى بۇلۇپ ھەم بىخەتەر، ئۈندىدارىڭىزنى ھىچقانداق زىيانغا ئۇچىراتماستىن  باشقا يەنە تېلفۇنىڭىزدىن root ھوقوقى تەلەپ قىلمايدۇ، خاتىرجەم سىنىسىڭىز بۇلىدۇ.

http://debugtbs.qq.com


    مەزكۇر توربېكەت تېڭشۈن ئىگە تەرەپ پىروگىرامما ئاچقۇچىلارغا تەمىنلىگەن بۇلۇپ، ئۈندىدار ئىچىدە ئېشلەيدىغان توربەت، ئەپچاق (小程序) ۋە باشقا B/S قا مۇناسىۋەتلىك پارامىتىرلىرىنى سىناشقا ئېشلىتىلدۇ.
دىققەت:ئەگەر سىز پىروگىراممىر بولمىسىڭىز يۇقارقى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سىنىغاندىن باشقا توربەت يۈزىدىكى باشقا ئىقتىدارلارغا تەگمەڭ
   http://debugtbs.qq.com توربەتنى ئۈندىدارنىڭ ئىچىدە ئېچىپ ئاندىن تەڭشەكتىلى بىرىنجى تۈر tbsئىچكى يادىرونى تازلاش(清除tbs内核)تۈرىنى تاللاڭ. (ئۈندىداردا ئاۋۇ ئادېرسنى بىرەرسىگە يوللاپ ئاندىن چەكسىڭىز ئۈندىدارنى ئىچىدە ئاچقان بولىسىز)

2018_12_02_00_15_IMG_1344.JPG
      
مەشغۇلات تاماملانغاندىن كىيىن خېتى نورمال ئۇلانمىغان سالون يازمىسىنى ئاچسىڭىز يازمىنىڭ نورماللاشقانلىقىنى بايقايسىز، ھەم سالون مەزمۇن بېتىدىكى QQ 浏览器X5内核提供技术支持 خېتىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.  

بۇ ئۇسۇل دەل ئاشۇ مەسىلىسى بار يادىرو ھۆججىتىنى تازلايدۇ، ئەگەر بىر مەزگىلدىن كىيىن يەنە ئوخشاشلا سالون مەزمۇنى ئۇلانمىسا يۇقارقى ئۇسۇلنى قايتا سىنىسىڭىز بۇلىدۇ ھەم تەڭشەك ئىچىدىكى 内核未被禁用 تۈرىنى تاقىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ.

2018_12_02_10_40_IMG_1350.JPG

مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى تاماملاندى، تۆۋەندىكى چىپار كودنى سىكانىرلاپ يازما ئاپتۇرىغا كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەڭ.

2018_01_31_16_55_IMG_0018.GIF

12ئادەم ئىنكاس يازدى

ovqi5211 ۋاقتى: 2018-12-2 12:01:46
ناھايتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلكەن ھەل قىلىۋالدىم .
xiabaza ۋاقتى: 2018-12-2 13:01:34
تېمىڭىزغا رەھمەت
uganqi20 ۋاقتى: 2018-12-3 14:31:27
رەھمەت!ئوڭشالدى ھازىر
xirhan9784 ۋاقتى: 2018-12-3 15:26:22
مىنىڭمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى
sats ۋاقتى: 2018-12-4 21:50:37
رەھمەت سىزگە تىلفۇنۇم مۇشۇنداق بولۇپ قالغىنىغا بىر ئاي بولغان بەك ئىچىمنى سىقۋەتگەن ئوھ ئاخىرى ئوڭشالدى
سالماق ۋاقتى: 2018-12-8 23:19:35
بىر قېتىم تازلىغاندا بىر قانچە تور يوللانمىسىنى نورمال كۆرگىلى بولىدىكەن،  ئاندىن كىيىن يەنە ئەسلىگە كەپ قالىدىكەن،  ئامال بارمىدۇ
麦提如则 ۋاقتى: 2018-12-11 20:39:10
ئادىرىسنى ئۈندىدارنىڭ قانداق يىرىدىن ئاچىمىز؟ مەن پەقەت بىلەلمەي قالدىم ،ھەم ئوڭشىيالمىدىم ،
jasur383 ۋاقتى: 2018-12-19 23:20:34
تىما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت،جاپا چەكتىڭىز،
tapik ۋاقتى: 2019-2-23 10:47:10
سالام ئەزىز تورداشلار ، ئۈندىداردا بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە سالون قۇرالايدۇ مۇشۇ توغۇرلۇق تەلىم بەرسەڭلەر بوپتىكەن
baykax ۋاقتى: 2019-7-17 13:19:24
ياخشىمۇسىز؟ مەن سەنشىڭ تېلفۇنۇمنى يۇقارقى ئۇسۇل بۇيىچە سىنىغان ئىدىم، لېكىن خەت يەنىلا ئۇلاشمايۋاتىدۇ. ئۇستازلار تەلىم بەرگەيسىلەر! رەھمەت
begmurad ۋاقتى: 2019-7-18 11:54:28
爱字体 قاچىلاڭ ۋە يانفۇندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ قايتا قوزغىتىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部