+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2017-11-7 19:05 5026 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-11-8 12:14  

تىشلىقمۇ بۇرادەرلەر،
ئالدىنقى قىتىم بىز MD5 توغۇرلۇق ئازراق جۆيلۈپ باققان، بۇ قىتىم ساندان توغۇرلۇق ئازراق بىلجىرلايمىز.
ئالدىنقى يازمىدا باللا يەنە جۆيلۈپ تۇرۇشۇمنى دەپتىكەن، جۆيلىۋەسەم ئوقۇتۇپ قويىلى دەپ قوپماڭلا شۇڭا بىلجىرلاشنى قارار قىلدىم ھى ھى ھى


ئالدىراشلىق، ئەلەي بەلەي، تاراق تۇرۇق ئىشلار بىلەن ھىچ بىر تېما يىزىپ باقمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن،
ماۋۇ RDBMS نىڭ Trigger توغۇرلۇق بىلجىرلاي دەپ ئويلىغان، ئويلاپ باقسام يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن مەۋھۇم سۇئاللار بارمىش(بىزنىڭمۇ شۇنداق تىڭىرقاپ سوراي دىسەك سورىغىدەك ئەدەم يوق سويما ۋاقىتلىرىمىز بولغان ئەمەسمۇ  ئەمدى پروگراممىر دىگەن يىغلىمايدۇ ھە؟ شۇنداققۇ؟ سويما دەپ قويسام ژىغلىماڭلا، سويما بومماقمۇ ئاسانمۇ ھە؟ )
بىز Trigger توغۇرلۇق جۆيلۈشتىن بۇرۇن كاللىمىزدا ئىنىق بولمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى،

سىز يىڭى پروگرامما بىلەن تونۇشۇپ بىرەر مۇرەككەپرەك پروگرامما يازسىڭىز ساندان دىگەن ماۋۇ نەرسىگە ئۇچرايسىز،
ئۆزىڭىز ئۈگىنىۋاتقان پروگرامما تىلىدىن قىينىلىۋاتقىنىڭىز ئاز كەلگەندەك تىخى ئۈگىنىشكە تىگىشلىك بىرمۇنچە يىڭى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز...
ئاھ Sql... ئاھ ساندان... بىرمۇنچە Sql جۈملىلىرى...
ۋاي ئۆلگۈر... نەدىنمۇ پەيدا بولدى بۇ ساندان دىگەن نىمە...
ئەمەلىيەتتە ساندان دىگەن ئاجايىپ چوڭ ساھە، نۇرغۇن ئۇلۇغ نەرسىلەرنىڭ تۈۋرۈكى، جان تومۇرى، ساندان باشقۇرۇش دىگەن بۇ ئۇقۇم ھىساپتا مۇستەقىل بىر كەسىپ سۈپىتىدە قارىلىدۇ،نۇرغۇن كىشى ھەتتا بارلىق پروگراممىرلىق ھاياتىنى ساندانغا ئالاقىدار ئىشلارغا بىغىشلايدۇ،
سىزنىڭ ئۇچرىغانلىرىڭىز چىرايلىققىنە بىر باشلىنىش، لىكىن ئەنسىرمەڭ، زىرىكىشلىك ئەمەس، كۈندىن كۈنگە ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ ئىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىسىز،
نىمىشقا بىز ساندان ئىشلىتىمىز؟

بىز پروگرامما يازغاندا پروگرامما كودىدا يازغان ئۆزگەرگۈچى مىقدار دىگەنلەرگە مەشغۇلات سىستېمىسى ياكى بىز پروگرامما يازغان سۇپا ئىچكى ساقلىغۇچ تەقسىملەپ بىرىدۇ،
بىز مۇشۇ تەقسىملەنگەن ئىچكى ساقلىغۇچتىن پايدىلىنىپ مۇشۇ ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارغا سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلىيالايمىز،
ئەمدى بىز پروگراممىنى ئۆچۈرگەن ۋاقىتتا مەشغۇلات سىستېمىسى ياكى بىز پروگرامما يازغان سۇپا بىزنىڭ پروگراممىمىزغا تەقسىملىگەن ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىلىۋالىدۇ، پروگراممىمىز تاقىلىدۇ،
بۇ ۋاقىتتا پروگرامما ئىچىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ساقلانغان نۇرغۇن ئۇچۇرلار شۇنىڭ بىلەن يوق بولۇپ كىتىدۇ،

مەسىلەن سىز خاتېرە دەپتەرنى ئىچىپ بىرمۇنچە خەت يىزىپ ساقلىماي ئۆچۈرۋىتىڭ، كىيىنكى قىتىم ئاچسىڭىز سىز خاتېرە دەپتەرگە يازغان ئۇچۇرلار يوق بولۇپ كىتىدۇ، چۈنكى سىز ساقلىمىدىڭىزدە.

ئەمدى بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن پروگراممىلار بولىدۇ،
نۇرغۇنلىرى نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ تۇرالايدۇ،

مەسىلەن ئالايلۇق تېلېفونىڭىزدىكى ئالاقىداشلىرىڭىز، تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىك خاتېرە، قاچىلانغان ئەپ...
يەنە مەسىلەن بىز بىر تاللا بازىرى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مىسال قىلىپ باقايلى،
ئاۋال تاللا بازىرى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا شۇ تاللا بازىرىدا بار بولغان ماللارنى كىرگۈزىمىز، ئاندىن ئىشلىتىمىز،
كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ ئاچساقمۇ ياكى سىستېمىنى ئۆچۈرۈپ ئاچساقمۇ بىز كىرگۈزۈپ قويغان مال ئۇچۇرلىرى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ،

سىز چوقۇم بىلىپ بولدىڭىز،
بىز ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قىلىشقا ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىچكى ساقلىغۇچتىن كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا ھۆججەت شەكلىدە يىزىۋالساق، كىيىن پروگراممىنى قايتا قوزغاتقاندا ئاشۇ ئالدىنقى قىتىم ساقلىۋالغان ھۆججەتنى ئوقۇپ ئالدىنقى قىتىم ئۆچۈرۋىتىشتىن بۇرۇنقى ئۇچۇرلارغا ئىرىشسەك بولىدۇ،

بۇ ئىنتايىن ئاددىي مۇلاھىزە،
خوش، ئۇنداقتا بۇ نۇقتا بىزگە ئايدىڭ بولدى،
بىز ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ تۇرىدىغان، ياكى پروگرامما ئۆچۈرۋىتىلسىمۇ ساقلاپ قالىدىغان بەزى ئۇچۇرلارنى ھۆججەت شەكلىدە قاتتىق دىسكىغا يىزىپ ساقلىۋالىمىز، كىيىن لازىم بولغاندا شۇ يەردىنلا ئوقۇپ ئالىمىز، بۇ ئارقىلىق پروگراممىمىزنى ئۆچۈرۋەتسەكمۇ ئۇچۇرلار ساقلىنىپ قالىدۇ،

بىز ساقلاپ قىلىشقا ئىھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ساقلاپ قالساق بولىدۇ، بىز مەقسەتكە يىتىپ بولدۇق.

ئەمسە يەنە نىمىشقا بۇ ئۈگىنىش تەس، ئۈگەنسە ئۈگەنسە يەنە چىقىۋىرىدىغان، قاخشاپ تۇرۇپ ئىشلىتىدىغان بۇ ئوقەتنى ئىشلىتىمىز؟
ساندان ئىشلەتمەي بىرە پروگرامما يازغىلى بولمامدا؟ چوقۇم پروگراممىدا ساندان ئىشلىتىش كىرەكمۇ؟ ساندان ئىشلەتمەي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ باشقىچە ئامالى يوقما؟

ساندان ئىشلەتمەيمۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بىراق...


جاۋاپ: ئەلۋەتتە ساندان ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ، ساندان ئىشلىتىش چوقۇم كىرەك ئەمەس،
ياخشى جاۋاپ، ئۇنداقتا بولدىلا،
ئۈگىنىش تەس، ئاۋارچىلىقى تولا ساندان دىگەن نەرسىنى ئىشلەتمەي بەزى مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى ئۆزىمىز تىپىپ ھەل قىلىپ باقامدۇق؟

ئۇنداقتا بىزنىڭ ئالدىمىزغا بىر ئىھتىياج كەلدى دەپ تۇرىلى،
مەسىلەن بىز ئىنتايىن ئاددىي بىر ئىھتىياجنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئەمەلىي مەسىلىگە يۈزلىنەيلى،


كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممىمىز سودا قىلىمىز،
كۈندە نۇرغۇن نەرسە سىتىۋالىمىز، سودىگەر بولساق نۇرغۇن نەرسە ساتىمىز،
سودا رىتىمى تىز، مۇرەككەپ، شەكلى ھەر خىل بولۇشقا ئەگىشىپ سودىگەرگە نىسبەتەن سودا جەريانىنىڭ توغۇرلۇق نىسبىتى، تىز ئاستىلىقى قاتارلىقلار مۇھىم نەرسىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى،

سىز سودىگەر بولسىڭىز قايسى ماللارنى ئەڭ كۆپ ساتقىنىىزنى، قانچىلىك پايدا ئالغىنىڭىزنى، قايسى قانداق كۈندە ئەڭ كۆپ سودا بولىدىغىنىنى، قايسى خىرىدار ئەڭ كۆپ نەرسە سىتىۋالىدىغىنىنى بىلگىڭىز كىلىدۇ،

بۇ يەردە مۇشۇ ئاددىي ئىھتىياجنى پروگراممىرلىق كاللىمىز بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئىزدىنىمىز،

ئۇنداقتا سىز دەرھاللا كاللىڭىزدا ئويلىيالايسىز، بىز مۇشۇ ھەممە ئۇچۇرلارنى پروگراممىدا بىر تىكىست ھۆججىتىگە يازىدىغان قىلىپ ساقلاپ شۇنىڭدىن ئوقۇيدىغان قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرساق بولىدۇ،

مەسىلەن بىز بىر مەھسۇلات ئۇچۇرىنى ساقلىماقچى بولساق بىر ھۆججەتكە مۇنداق يىزىۋالىلى

DeepinScreenshot_gedit_20171107110040.png
ئاندىن ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇلارنى String نى يىشىدىغان فۇنكىسىيەلەر بىلەن يىشىپ ئوقۇيلى،
مەسىلەن بىشىدىكى  = نىڭ ئالدىدىكىسى ئىسمى، كەينىدىكىسى قىممىتى،
بىر قۇر ؛ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئىككى مەھسۇلات بوشلۇق بىلەن ئايرىلىدۇ،

مۇشۇنداق شەكىلدە بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلىيالىدۇق،
ئەمدى بۇنىڭدىكى بىرەر قۇر ئانداق مانداق بولاپ كەتسە، ؛ ياكى = ئارلىشىپ قالسا تىخى كۆرىسىز قانداق بولغىنىنى،
شۇڭا خىرىدارغا ؛ بىلەن = غا ئوخشاش شەرىتلىك بەلگىلەرنى ئىشلەتمەسلىك تەكلىۋىنى بىرىڭ،
ما ھۆججەتنى تاپاممايدىغان بىر يەرگە ساقلاپ قويۇڭ،

راستىنى دىسەم مىنىڭ ماۋۇ مەزمۇنلارنى بىرمۇبىر String شەكىلدە يىشىشقا كۆزۈم يەتمىدى، (لىكىن مەن بۇرۇن Json نى مۇشۇنداق يىشىپ باققان ۋاقىتلىرىم بولغان)

ئەمدى مەھسۇلات ئۇقۇمى تۈگىدى، ئەمدى ھەر بىر بولغان سودىنىمۇ مۇشۇنىڭدەك تىكىست ھۆججىتىگە ساقلاڭ،
ئاندىن يەنە يىشىپ ئىلىڭ،
مەسىلەن

DeepinScreenshot_gedit_20171107112746.png

ئەمدى بۇنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا قىلىڭ،

دىمەك قارايدىغان بولساق ئابىدە سودا سۈيىنىڭ 3 قىتىم، ئارمان قۇۋەت تالقىنىنىڭ 1 قىتىم سىتىلغىنىنى بىلەلەيمىز،


ئەمدى سىز باھاسى 8 كويدىن تۆۋەن بارلىق ماللارنى سۈزۈپ ئىلىپ بىقىڭ،

ئۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىسىز؟

Foreach, if else لەر بىلەن بىرمۇبىر ئايلاندۇرۇپ سۈزۈپ ئالامسىز؟


ئامال يوق، شۇنداق ئىپ تۇرۇڭ ئەمدى،

ئەمدى بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ كۆپ سىتىلغان ماللارنى سۈزۈپ چىقماقچىسىز،

Trades.txt نى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئوقۇپ چىقىپ


  1. <font color="#2e8b57">/**
  2. * http://www.aliptori.com
  3. * This is a Example Code
  4. */

  5. import java.util.ArrayList;
  6. import java.util.Calendar;
  7. import java.util.Date;


  8. public class Program
  9. {
  10.     public static Trade[] getExampleTrades(){
  11.         //#region Your code here
  12.         return null;
  13.         //#endregion
  14.     }

  15.     public static void main(String[] Args){
  16.         ArrayList<Trade> filteredTrades = new ArrayList<Trade>();
  17.         Trade[] allTrades = getExampleTrades();

  18.         for (index = 0; index < allTrades.length; index++)
  19.         {
  20.             Trade item = allTrades[index];
  21.             Date from = new Date(2017, 10, 2);
  22.             Date to = new Date(2017, 10, 3);
  23.             Boolean result = item.DateTime.getTime() > from.getTime();
  24.             result &= item.DateTime.getTime() < to.getTime();
  25.             if (result) filteredTrades.add(item);
  26.         }

  27.         //Print All Filtered Trades
  28.     }
  29. }



  30. class Trade{
  31.     public String Product;
  32.     public float Price;
  33.     public Date DateTime;
  34.     public String OrderID;
  35. }</font>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


راستىنى دىسەم يامان ئىچىم پۇشۇپ كەتتى،

نىمدىگەن زىرىكىشلىك كود بۇ...
ئەمدى مىنى تۇتىۋامماڭلار...
ياق... زادى مەن دىگەن...

ھە بوپتا، لىكىن سىز مۇشۇنداق قىلىپ ئەپلەپ سەپلەپ تۈگىتىپ تۇدىڭىز دەيلى،


ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ مۇرەككەپ نەرسە بولۇپ قالسىچۇ؟

سىزگە دەي، زىرىكىپ ھىرىپ ئۆلەپ كىتىسىز ھەي...

سىزنىڭ مەقسىدىڭىز باھاسى 8 كويدىن يۇقىرى 15 كويدىن تۆۋەن بارلىق ئىچىملىكلەر نىڭ تىزىملىكىگە ئىرىشىش بولسا ئانىڭدەك بىرمۇنچە كودلارنى يازىسىز،

قىمماقچى بولغان ئىشىڭىز ماياقتا قىلىپ يازغان ئۇششاق چۈششەك كودلىرىڭىز تولا،


بوپتە، تۈگىدى دەپ تۇرىلى، ئەگەر يىڭى بىر ئىھتىياج چىقسا يەنە يازىسىز ماندا تولا كودنى،


ئەمدى ئابىدە سودا سۈيىنىڭ باھاسىنى ئۆزگەرتىمەن دىسىڭىز ئاۋۇ Product.txt نى ئوقۇپ ئىچىدىكى ئابىدە سودا سۈيىنى ئىزدەپ تىپىپ باھاسىنى ئۆزگەرتىسىز،

دىمەككە ئاسان بولغان بىلەن كود يىزىپ قىپ بىقىڭ، بىلىسىزدە قانچىلىك ئاۋارچىلىقلىقىنى،

ئەمدى ئۆچۈرۈش دەيدىغان ئىھتىياجمۇ چىقىپ قالدىچا ئانچە مۇنچە،

ئەمدى ئۇنىڭغىمۇ يەتتە پاتمان كود يىزىڭ،
ھە بوپتە، مۇشۇنداق يىزىپ تۈگەتتىڭىز دەيلى بىر سىستېمىنى، ئۇچۇرلارنى تىكىست ھۆججىتىگە ساقلاپ،
تىخى تولا String نى تولا يىشىپ چىقىدىغان خاتالىقلارنى دىمەيلا قويايلى،
پروگراممىڭىز شۇنداق مۇقىم ئىشلەپ كەتتى دەيلى،

ئەمدى مانداق بىر ئىھتىياج مەيدانغا كەلدى،
بىر تاللا بازىرىنىڭ كۆلىمى چوڭىيىپ بىرلا ۋاقىتتا 4 كومپىيۇتېردا بىر تاللا بازىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇپ ماللىرىنى ساتىدىغان ئىش چىقتى،
شۇنى دىيەلەيمەنكى ئەمدى ئاۋۇ تىكىست ھۆججىتىڭىز ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە قەتئىي قاملاشمايتۇ،

4 كومپىيۇتېرنىڭ سودىسى، ئۇچۇرلىرى ئورتاق بولىشى كىرەك، بىر بىرى بىلەن ھەمبەھىرلىنىپ تۇرىشى كىرەك،
ياكى 4 كومپىيۇتېر ئىچىدىن بىر كومپىيۇتېر ئاۋۇ تىكىست ھۆججىتىنى ساقلىسا، قالغان 3 كومپىيۇتېر تور ئارقىلىق ئاشۇ بىر كومپىيۇتېردىكى ئۇچۇرنى ئوقۇپ شۇ يەرگە يازسا...
تىخى ماۋۇ كومپىيۇتېر ھۆججەت يىزىۋاتقاندا ئاۋۇ يازالمايدۇ، ئاۋۇ ئوقۇۋاتقاندا ماۋۇ يىزىپ ئۇچۇرلىرىڭىزنى بۇزىدۇ،
ھە ماقۇلە، بۇزۇلمدىى دەپ تۇرايلى،
ئەمدى بىرىپ TCP IP ئۈگىنىپ  كىلىڭ، Socket ئۈگىنىڭ،

ماۋۇغۇ تار دائىرىلىك تور،
ئەمدى ئىنتىرنىتتا ئىشلەتمەكچى،
سىز ئاشۇ سودىنى تېلېفونىڭىزدا تەكشۈرمەكچى، تاللا بازىرىڭىز ئاتۇشتا قالسا سىز خوتەندە سودا تەكشۈرمەكچى،
ئەمدى سىز مۇشۇ ۋاقىتتا تىكىست ھۆججىتىدەك شەكىلدە ساقلاپ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغىنىنى ھىس قىلىسىز،
ئەمدى نەچچە ئون مىڭغا مۇلازىمىتىردىن بىرنى سىتىۋىلىپ بىرنى ئورناتسىڭىزمۇ بولىدۇ،

ماۋۇنى نىم دەيمىز؟
ساندان ئىشلەتمىگەننىڭ ئاقىۋىتى دەمدۇق بۇنى؟

ئەمدى بىز مۇنداق ئويلاپ باقايلىيا،
تولا ھۆججەت مەشغۇلاتى، String يىشىپ ئۆلگۈچە زىرىكتىم، قىلىدىغان ئىشىم ما ياقتا قىلىپ نەدىكى ئاخىرى چىقمايدىغان كودلارنى يىزىپ كەتتىم،
مانداق بىر نەرسە بولسا، مەخسۇس ئۇچۇر ساقلاپلام بەرسە، ئۇچۇرنى توردىكى بىرەر يەرگە ساقلامدۇ، تىكىست ھۆججىتىگە ساقلامدۇ ئىشقىلىپ نەگە ساقلىسا يوقىتىۋەتمەي ساقلاپ بەرسە،
بىز قانداق ساقلاپ قانداق ئوقۇيدۇ دىگەنگىمۇ كۆڭۈل بۆلمىسەك،
ۋاقتى كەلگەندە ماڭا مانداق نىمىسى مانداق بولغان مانداق ئۇچۇرنى ئەپ بە دەپ بۇيرۇق چۈشۈرسەك دەرھاللا شۇ ئۇچۇرنى ئۆزى ئىزدەپ تىپىپ قايتۇرۇپ بەرسە،
مانداق نىمىسى مانداق بولغان ماۋۇ ئۇچۇرنىڭ مانداق نىمىسىنىڭ قىممىتىنى مانىڭغا ئۆزگەرت دەپ بۇيرۇق بەرسەك شۇ بويىچە ئۆزگەرتىپ بەرسە،
مانداق نىمىسى مانداق بولغان ئۇچۇرنى كۆزۈمدىن يوقات دىسەك ئۆزى ئۆچۈرۈپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ بەرسە....
خالىساق توردا، خالىساق يەككە كومپىيۇتېردا خالىساق تورلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولسا...

بىز ئەمدى مەخسۇس سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاكالىتەن ساقلاپ باشقۇرۇپ بىرىدىغان بىر پروگراممىغا ئىھتىياجىمىز چۈشتى،

ئويلاپ باقسام بىز باياتىنياڭقى بولسىكەن دىگەن نەرسە شۇ ساندانكەن ئەمەسما
بىلجىرلىشىم قانداقراق بولۋاتىدۇ؟

ئۆھۆ... ئۆھۆ... ئە. ئى ئىم...

ئەمەلىيەتتە بىز ئەمدى بۇ گەپنىڭ گىپىنى قىلۋاتقان بىلەن قەدىمكى زاماندىكى پروگراممىرلار، چەتئەللىك ئەجنەبىي ئەپەندىلەر بۇ مەسىلىگە دوقۇشۇپ، تولا ئويلىشىپ، ئۆزى مانداق ئاددىيلا ئۇچۇر ساقلاپ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغىنىنى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ بۇ نۇقتىنى تونۇپ يىتىپ ساندان دىگەن بۇ نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپتىكەن،

ھازىرقى پروگراممىرلار نىمدىگەن تەلەيلىك ھە؟
بىز كونىلاردىن ئىبرەت ئالىلى
ئەمدى ساددىلىق قىممايلى ھە(ساددىلىق قىلىۋاتىسەندە نىساخان دىگەن ئىتوتنى كۆرگەنمۇ؟ كۆرگەنلەر قول كۆتۈرۈڭلار!)

ئەمدى بىز ئېشىكىمىزنى ھەممە يەرنى بىر يورغىلىتىپ ئاخىرىدا يەنە ساندانغا قايتىپ كىلەيلۇق، (موزاينىڭ يۈگىرىشى سامانلىققىچە دەمدۇق بۇنى؟)

ساندان دىگەن نىمە؟ ساندان دىگەن قانداق قىلدىغان نەرسە؟


ئەمدى سانداننىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلىشقا باشلايسىز، باشقىلارنىڭ ئىغىز-ئىغىزىدىن چۈشۈرمەي دەيدىغان ساندان دىگەن گەپنىڭ مەنىسىگە يىتىشكە باشلايسىز.
ساندان دىگەن بۇ ئوقەتنى ئىنگىلىزچە DataBase, خەنزۇچە 数据库(shu ju ku), ئۇيغۇرچە "ساندان" دەپ ئاتايمىز،
بەزى يەرلەردە بىۋاستە ئىنگىلىزچە مەنىسى بىلەن "سانلىق مەلۇمات ئامبىرى" دەپمۇ ئاتامدىكىن، لىكىن كۆپۈنچە "ساندان" دەپ ئاتايمىز. (بىلىدىغانلار قازاقچە، قىرغىزچىسىنىمۇ قوشۇپ قويامسىلە؟)

ساندان دىگەن ئۇمۇ بىر پروگرامما، ئۇمۇ ئادەتتىكى بىر پروگرامما،
ساندان ئۇ مەخسۇس سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاكالىتەن ساقلاپ باشقۇرۇپ بىرىدىغان بىر پروگرامما،
(قەدىمكى زامانلاردا دۆلەت خەزىنىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان بەگلەر باركەنتۇق، شۇنىڭغا ئوخشاش، ياكى توي قىلغانلار بولسا ئۆينىڭ مالىيەسىنى كىم تۇتسا شۇ ساندان ساندان بىلەن ئويناشماڭ چاتاق)قىززىقارلىقراق قىلىپ چۈشىنىلى دەپ دەپ قويدۇمدە ئەمدى،


سىز مانداق ئۇچۇرنى بەر دەيسىز، ساقلىغان يىرىدىن ئەپ بىرىدۇ، مانى ساقلا دىسىڭىز ساقلاپ بىرىدۇ، مانداق بولغىنى مانداق قىلە ئانى ئۆچۈرە... سىز پەقەت بۇيرۇق بەرسىڭىزلا قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغىنىنى سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىڭىز ھاجەتسىز،

گەپنى يوغىلاتماي گىپىمىزنىڭ داۋامىغا كەلسەك ساندان دىگەنگە نىسبەتەن كاللىمىزدا قىسقىچە چۈشەنچە ھاسىل قىلۋالدۇق،

ئۆز ۋاقتىدا ساندان سىستېمىسىنى تەتقىق قىلغان كىشىلەر، شىركەتلەر، تېخنىكا ماگىناتلىرى نۇرغۇن، چۈنكى بۇ ئومومىيۈزلۈك مەسىلىدە
شۇ ۋاقىتتىكى ئوخشاش مەسىلىنى تەتقىق قىلغانلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئىددىيەسى، ئىشلەتكەن تېخنىكا، نىشان قىلىنغان قوللىنىش ساھەسى دىگەنلەردە پەرىقلەر بولغاچقا ھازىر بىز ئاڭلاۋاتقان نۇرغۇن خىل، نۇرغۇن تىپتىكى ئوخشىمىغان ساھەلەردە قوللىنىدىغان نۇرغۇن ساندان سىستېمىلىرى بارلىققا كەلگەن،


ئەمدى بىزمۇ ئەمەلىي ئىھتىياجىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ قىلىۋاتقان ئىشىمىز، قايسىسى بىزگە قۇلاي، شۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۆزىمىزنى دەڭسەپ سانداندىن بىرنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىۋىرىدۇ،






ئەمدى ھازىر ئومومىيۈزلۈك ئىشلىتىۋاتقان ساندانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قىسقىچە بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتىۋىەي،


نۆۋەتتىكى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۇنيادىكى بار ساندانلار ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ،

Sql

vs

No Sql

databases.jpeg




بىز ئاۋال Sql ئۇقۇمىنى چۈشىنىۋالايلى،
ئازراق سانداندىن خەۋەلىرى بولسىلا بۇنى ئاڭلاپلا ھىلىققى بىر select * from table_name دىگەندەك جۈملىلەر يادىلىرىدىن كىچىدۇ،
بەرھەق، ئويلىغانلىرى توغرا،
....
نىمە؟ نىمىنىمە؟ نىم دىدىلە؟؟؟
...
مەن تىخى ئويلىمىغان دىدىلىما؟


ماقا ماقا، دەي بۇنىمۇ،
Sql دىگەن Structured Query Language دىگەن گەپنىڭ قىسقارتىپ دىيىلىشى،
ئۇيغۇرچە "قۇرۇلمىلاشقان ئىزدەش تىلى" ياكى "قۇرۇلمىلاشقان تەكشۈرۈش تىلى" دىگەندەكرەك مەنا چىقىدۇ، ئەمدى بىڭسى بالا دەل جايىغا چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلىۋىتەلىسەڭلا ئاستىغا يوللىۋەتسەڭلا ياق دىمەيمىز،
بىز بايام يۇقىرىدا دىگەندەك دەسلەپتە ساندان دىگەن نەرسىنى تەتقىق قىلغانلار ئاز ئەمەس، ئۇلار ھەر خىل ئىددىيە، ھەر خىل تېخنىكا، ھەر خىل ئىھتىياج تۈپەيلىدىن تەتقىق قىلغاچقا نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ياساپ چىققان ساندان سىستېمىسى بىر-بىرىدىن ئاجايىپ پەرىقلىنىدىغان نەرسە بولۇپ چىقتى،
بىرسىنىڭ تەتقىق قىلغىنى يەنا بىرسىگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدۇ،
سىز بىر سانداندىن يەنە بىرسىگە كۆچسىڭىز كىچىك بالىنىڭ قايتا ئايىقى چىققاندەك باشتىن باشلاپ قايتا ئۈگىنىشىڭىز كىرەك،
يەنە بىرىنى ئىشلەتسىڭىز ئۇ ماۋۇ ئىككىسىگە تىخىمۇ ئوخشىمايدۇ...


شۇنىڭ بىلەن بىرە قىتىمدىن ساندانلارغا ئۈسۈپ بىقىپ ساندان ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلار مۇنۇ نەرسىنى ئارزۇ قىلىپ قالدى،
ۋاي، نىمدا تولا نىمە بۇ، مانى ئۈگەنسەم ئاۋۇ مانىڭغا تىخى ئوخشىمىسا، يەنە بىرسى ما ئىككىسىگە تىخىمۇ ئوخشىمىسا، نىم كەگۈلۈك بۇ...
ئىشقىلىپ باشقىسى بىلەن كارىم يوقتى، قانداق تىخنىكا بىلەن بىلەن ياسىسا مەيلى، قانداق ئوي پىكىر بىلەن قىلسا مەيلى، لىكىن ئا ساندانلارنى ئىشلەتكەندە بىرسىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى يەنە بىرسىگە ئوخشىسا، يەنى دىگىنىم مەسىلەن ئۇچۇر ئىزدەش، يىڭىلاش، ئۆچۈرۈش دىگەندەك ئەڭ ئاساسى نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولسا، بىر سانداننى ئىشلىتىشنى ئۈگىنىپ يەنا بىرسىگە كۆچسەك يەنە بىرسىنىڭ باشقا يىرى ئوخشىمىسىمۇ مۇشۇ ساندانغا مەشغۇلات قىلىدىغان يەرلىرى ئوخشىسا بولىتتى...


شۇنىڭ بىلەن 1986.يىلى 10.ئايدا ئامرىكا خەلىقئارالىق ئۆلچەملەشتۇرۇش تەشكىلاتى SQL نىڭ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى،
SQL دىگەن قانداق نەرسە دىگەندە ئۇمۇ بىر خىل پروگرامما تىلىغا ئوخشاش بىر قاتار مەنىسى بار، قۇرۇلمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر خىل بۇيرۇق، ياكى تىل دىسەكمۇ بولىدۇ،
بۇ مەخسۇس ساندانغا مەشغۇلات قىلىش ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن بۇيرۇق،
تىخىمۇ كونكىرىت قىلساق بىز ساندانغا مۇشۇ Sql ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىمىز،
خۇددى تەرجىمان ئۇيغۇرچە خەتنى خەنزۇچە خەتكە ئايلاندۇرۇپ يازغاندەك بىزمۇ ئانى ئانداق قىل، مانى مانداق قىل دىگەندەك ساندانغا بىرىدىغان بۇيرۇقلىرىمىزنى، قىسقىسى ئىچ سىرلىرىمىز، كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى، يۈرەك باغرىمىزنى مۇشۇ Sql غا ئايلاندۇرۇپ ساندانغا تۆكسەك ساندان بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى چۈشىنىپ بىزنىڭ دىگىنىمىز بويىچە گىپىمىزنى ئاڭلايدۇ،(تەسىرلىكمىكەن؟)


دىمەك بۇ Sql نىڭ ئۆلچىمى بار بولدى دىگەنلىك بۇنىڭدىن كىيىن بىرەسى سانداندىن بىرەنى ياساپ قويسىمۇ قوقمايمىز، شۇنى ياسىغان ئەدەم ئىۋۇ ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن SQL غا بوي سۇنۇپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ياسايدۇ،
باشقا يىرى ئوخشىمىسىمۇ ئەڭ ئاساسلىق ئىشلىتىش ئۇسۇلى پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ،
سىز ماۋۇ سانداندىن ئانىڭغا كۆچسىڭىزمۇ ئۇمۇ SQL ئۆلچىمىدە ياسالغان بولسىلا ئىشىڭىز ئاسان،


دىمەك SQL دىگەن مۇنۇ نەرسە: ئوخشىمىغان ئوي پىكىر، تېخنىكا، قولىنىش ساھەسىدە تۇرۇپ ياساپ چىقىلغان ئوخشىمايدىغان ساندانلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىرلىككە كەلتۈردى،


ئەمدى SQL دىگەن پەقەت بىر خىل جۈملە، يەنى ساندان بۇيرۇقى خالاس،
چۈشەنلىما؟



ئەمدى مۇشۇ ئۆلچەمگە ئاساسەن ياساپ چىقىلغان ساندانلار SQL ئائىلىسىگە تەۋە بولىدۇ، يەنە RDBMS دەپمۇ ئاتايدۇ بۇ يەردىكى RDBMS دىگەن گەپ Relational Data Base Management System نىڭ قىسقارتىلمىسى، يەنى ئۇيغۇرچە دىسەك "مۇناسىۋەتلەشكەن سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سىستېمىسى" ياكى "مۇناسىۋەتكە يۈزلەنگەن سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سىستېمىسى" دىگەندەكرەك بىر مەنا چىقىدۇ، خەنزۇچە 关系型数据库 دەپ ئاتايدۇ،دىمەك سىز ئەمدى بىرە يەردە RDBMS دەپ كۆرسىڭىز Sql ئائىلىسىگە تەۋە ساندان سىستېمىسىكەن دەپ ئويلىسڭىز بولىدۇ.

بۇ يەردە بىر نەچچە كۆپ ئىشلىتىدىغان SQL ئائىلە ئەزالىرىنى بىلجىرلاپ ئۆتەي:


Microsoft SqlServer

sqlserver.jpeg


مىكروسوفىتنى بىلىمىزغۇ ئەمدى،
تېخنىكا ساھەسىدىكى چوڭ كاتتىباش، بۇ شۇنىڭ تەتقىق قىلىپ چىققان ساندانى، قىسقارتىپ MsSql مۇ دەپ قويىدۇ، Sql Server مۇ دەپ قويىدۇ،
ئالاھىدىلىكى:
مىكروسوفىت ئىكىلوگىيەسىدە ئاساسلىق قىلىپ ئىشلىتىدىغان ساندان، ئىقتىدارى كۈچلۈك،
.Net سۇپىسىدا Linq to SQL, EntityFramework لەر بۇ سانداننىڭ ئىشلىتىش پەللىسىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن، ئامما دەششەت سەت قۇلاي ئاۋۇ EntityFramework دىگەن ئوقەت،
باشقا يەردىن مۇشۇنىڭدەك نەرسىدىن ئىككىنچى بىرسىنى تاپالمايسىزدە ئەمما.
يەنە بۇ پۈتۈن دۇنيادا نامى بار، ئىشلەتكۈچىلىرى بار چوڭ تىپتىكى ساندانلارنىڭ بىرسى،  (پىقىرمۇ بۇلارنىڭ ئىشلەتكۈچىسىتىم، يىقىندا يۈزسىزلىك قىلىپ باقاي دەپ كۆچەپ باققان، ئەمما سىغىندىم (ئەسكىنىڭ ئوتى يامان))


كەمچىللىكى: بۇ پەقەت مىكروسوفىت ئىكىلوگىيەسىدىكى بىر مەھسۇلات ئىدى، پەقەت ۋىندوۋس مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاچىلىغىلى بولاتتى، پەقەت ۋىندوۋسقىلا خاس نەرسە ئىدى،
لىكىن نەچچە يىلدىن بۇيان مىكروسوفىتنىڭ ھازىرقى CEO سى بولغان ھىندىستانلىق ئەپەندى ساتيا نادىللا نىڭ باشچىلىقىدا مىكروسوفىت ما ساندانىنىڭ Linux نۇسقىسىنى چىقاردى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە .Net نىڭ .Net Core نۇسقىسىنى چىقاردى، قوشۇپ .Net دىكى يورۇق يۇلتۇزى EntityFramework نى .Net Core غا EntityFramework Core قىلىپ كۆچۈرۈپ ئەكەلدى،
ھازىر Asp.Net Core+ EntityFrameworkCore + SqlServer لەر Linux ئىكىلوگىيەسىدە بار بولدى،
نۆۋەتتە بۇ كەمچىللىكنى نەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلۋەتسەك بولىدۇ، چۈنكى بۇ خەقنىڭ ھازىر ھەممە نىمىسى با، Linux تەرەپتە قىزىل شىلەپە (Red Hat) بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى،


نۆۋەتتە بۇ ساندان كىچىك، ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى تۈرلەر، كارخانىلار ئىشلىتىدىغان كارخانا دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مەھسۇلات.


Oracle MySql

mysql.jpeg


ماۋۇ لارىىي ئىللىسون ئەپەندىنىڭ شىركىتى Oracle نىڭ چىقارغان ساندان سىستېمىسى،
ئالاھىدىكى: ئەسلىدىنلا Linux نى ئاساس قىلىپ چىقارغان، سۇپا ئاتلىغان، ھەقسىز ئوچۇق مەنبەلىك ساندان سىستېمىسى،
ھەم يەڭگىل، قۇلاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىكە،
ھازىر بۇمۇ ئوخشاشلا ئوتتۇرا، كىچىك، ھەتتا چوڭ تىپتىكى تۈرلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ،
ئادەتتە PHP يازىدىغانلىرىمىز دەششەت بەلەن بىلىدىغۇ دەيمەن،
ئەمدى بۇ ساندانمۇ شۇنداق پەچەت ساندان، تەرەققىياتى يامان تىز بولاۋاتىدۇ،


كەمچىلىكى: ئەمدى كەمچىلىكىنى دەي دىسەم ئەمدى كۆچەپ كەلدىم بۇ ساندانغا، كىيىن ئالدىرماي دىيىشىۋالامىز،
بىلجىرلاپ باقىدىغانلار بولسا قارشى ئالىمىز جۇما ئەمما


Oracle DB

oracledb.jpeg


ما ئوقەتمۇ شۇ Oracle نىڭ بايراقدار مەھسۇلاتى،
MySql دىگەننى كىچىكرەك ياكى ئوتتۇرا تىپتىكى تۈرلەر ئۈچۈن، ھەقسىز قىلىپ نىشانلاپ چىقارغان، لىكىن ھازىر MySql مۇ دەششەت يامان بولاپ كەتتىغۇ ئەمدى
ئەمدى ماۋۇ Oracle DB دىگەن نەرسىسى ماۋۇ مەخسۇس كارخانا بازىرى ئۈچۈن چىقىرىلغان مەھسۇلات،
ھەقلىق، باھاسىمۇ يامان ئەمەس با بىژژەلىدە،


Sybase

sybase.jpeg


دەپ بىقىڭلا باللا، ھەممىنى مەنلا دەيمەنما؟:lol
(راستىنى دىسەم كۆپ بىلمەيدىكەنمەن ما توغۇرلۇق)


يۇقارقىلار ھەممىسى يەككە ساندان ئەمەس، يەنى تورلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى قوللايدۇ،


SQLite

sqlite.jpeg



ئەمدى Android, IOS دەك كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋە يەككە ئىشلىتىدىغان ساھەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ساندان بۇ،
ئارتۇقچىلىقى:
سىغىمى كىچىك، ئۆزى چاققان، ئەپچىل،
ھەم Android, IOS دىكى سۈكۈتتىكى ساندان قىلىپ بىكىتىلگەن،
UWP دىمۇ مۇشۇ ئوقەتنى ئىشلىتىدۇ،
ئەگەر بىزمۇ تورسىز ئىشلىتىدىغان، ياكى يەككە ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالساق مۇشۇ سانداننى ئىشلەتسەك بولىدۇ
كەمچىللىكى:
ئەمدى بۇ يەككە ساندان، تور بىلەن تورلاشتۇرغىلى بولمايدۇ،  سىغىمى كىچىك، ئۆزى ئەپچىل (ۋوي... كەمچىللىكىنى دىسە ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ كەتتىممۇيا:lol)
ئاۋۇ باشقا چوڭ ساندانلاردەك كۆپ ئىقتىدارنى قوللاپ كىتەلمەيدۇ، لىكىن ئەڭ ئاساسلىق يادرولۇق ئىقتىدارلىرى ساقلاپ قىلىنغان،
تورلاشتۇرىتتىم دىسىڭىز ئا ئۈستىدىكى بىرمۇنچە ساندانلارنى تىزىپ قويدۇم ئەينا


NoSql



خوش، SQL ئائىلىسى ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمىنى دەپ ئۆتتۇق،


ئەمدى يۇقاردا دىيىلگەندەك بولدى،


ئەمدى يىقىننىڭياڭقى سانلىق مەلۇمات ساقلاشقا بولغان ئىھتىياجنىڭ ئۆزگىرىشى (مەسىلەن چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرى)، باشقىچە ئوي پىكىرلەر، ھەر خىل يىڭى تېخنىكىلار سەۋەپلىك باش باشتاقلىق بىلەن خەلىقئارالىق ئۆلچەم تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە بوي سۇنماي ئىسيان كۆتۈرۈپ Exception ھالەتتە ياساپ چىققان بەزى ساندانلار بارلىققا كەلدى،


بۇلار ئۆلچەملىك SQL جۈملىسىنى قوللىمايدۇ،
ماۋۇ ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن چىققان ساندانلار NoSql ئائىلىسىگە تەۋە بولىدۇ
دىققەت، NoSql دىگەن گەپ بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە Not Sql دىگەن گەپ ئەمەسكەن بەلكى Not Only Sql دىگەن گەپمىشلە،
دىمەكچى بۇ Sql ئەمەس ئەمەس پەقەت Sql لا ئەمەس دىگەن گەپكەن (ما گەپنى قايسىڭلا چۈشەندىڭلا؟ قول كۆتۈرۈڭلار:lol)


ئەمدى ما ساندانلارنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ،
ھازىر ئاللىبۇرۇن Google, Amazon, FaceBook دىگەندەك چوڭ چوڭ تېخنىكا ماگىناتلىرى ئاللىبۇرۇن ماۋۇ NoSql ساندانلارغا كۆچۈپ بولدى،


ئەمدى ماۋۇ NoSql نىڭ ئىنىق ئۆلچىمى بولمىغاچقا ئىسمىنى ساندان دەپ ئاتاپ ئىسمى ئوخشايدىغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاجايىپ غارايىپ غەلىتە مەخلۇق ساندانلار با، تىخى چىقىۋاتامدىكى،
ئەمدى ماۋۇ NoSql بىلەن پىقىرمۇ ئىتىشىپ باققان،


NoSql ئاساسلىقى يەنە ئۆز ئىچىدىن بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ،

Column based, key-value based, document based، graph based





nosql.jpeg



ئاۋۇ Column Based دىگىنى (ئىستوننى ئاساس قىلغان) ئۇ Google نىڭ ئىشلىتىدىغان BingTable دا ئىشلەتكەن ساقلاش ئۇسۇلى،


key-values based دىگىنى (ئاچقۇچ-قىممەت، خۇددى جاۋادىكى HashMap, س شارىپ C# دىكى Dictionary غا ئوخشاش Key سىنى بىرىسىز Value سىنى قايتۇرىدۇ) ماۋۇ بىر قەدەر كەڭ ئىشلىتىدىغان ساندان،
بۇنىڭ باللىرىدىن Redis با، لىكىن چوقۇم Key سى ئىنىق بولغاندا ئاندىن Value سىنى ئالالايسىز،


document based دىگىنى ئۇ دوكۇمىنىتنى ساقلاشنى ئاساس قىلغان، ئۇ نەق ئوبىيكىتنى ساقلىيالايدۇ، خۇددى Json غا ئوخشاش قۇرۇلمىلىق ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ، بۇ كىچىك ئۆيگە تەۋە بولغان ساندانلاردىن MongoDB بار،

graph  based دىگىنى نۇقتا بويىچە ساقلايدۇ، Data Structure ئۈگەنگەن بۇرادەرلەر بۇ ئۇقۇمنى ئاڭلاپ باققان،
مەسىلەن بۇنىڭ باللىرىدىن Neo4J, InfoGrid, Infinite Graph لەر بار


تۆۋەندە بىر نەچچىسىنى قەيىت قىلىپ ئۆتەي:


MemCached


memcached.jpeg


ماۋۇ ئالامەت ساندان ماۋۇ، سانداننىڭ سارىڭى
C, C++ دا يىزىپ چىقىلغان،
ساندان دىگەنگە يارىشا ئۇچۇرنى يەرلىكتە ساقلىماي ئۇدۇللا ئىچكى ساقلىغۇچقا ساقلايدىغىنى ماۋۇ
ئىچكى ساقلىغۇچ دىگەندەك ساندان دىگەنلىك،
ئەمدى كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ قامماڭ ئەمما، بولمىسا ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالىسىز(كەتمە... قايسى ناخشا بولغىيىتتى بۇ:lol)


ما سانداننى نەدە ئىشلىتىدىغانلىقى تىپىشماق، ئاستىغا قالدۇرۇپ قوياڭلار.


Redis


redis.jpeg




C, C++ دا يىزىپ چىقىلغان،
ئەمدى ما ساندان ئاۋۇ ئۈستىدىكى ساراڭغا ئوخشاش، لىكىن ماۋۇ ياخشى يىرى ھەممە نەرسىنى ئىچكى ساقلىغۇچقا ساقلايدىيۇ لىكىن قاتتىق دىسكىغىمۇ ساقلىيالايدۇ،
بۇ ساندان ئۇچۇرلارنى يەرلىكتە ساقلايدۇ، ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ ئىشلىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئۇچۇرلارنى ئىچكى ساقلىغۇچقا چىقىرۋالىدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچقا چىقىرۋالغاچقا بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى دەششەت تىز بولىدۇ،
ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۆزگەرتىلگەن ئۇچۇرلارنى مەلۇم ۋاقىتتا قاتتىق دىسكىغا يىزىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كومپىيۇتېر ياكى سانداننى ئۆچۈرگەن بىلەن ھەممە نەرسىنىڭ رەھمەتلىك بولۇپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ(يۆتەلنىڭ ئالدىنى سارىسنىڭ كەينىنى ئالىدۇ دىگەندەكچۇ:lol)
ئۇ ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلار بىلەن يەرلىكتىكى قاتتىق دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى ماس قەدەملەپ تۇرىدۇ،
مەلۇم ئۇچۇرنى ئىزدىگەندە ئاۋال ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئىزدەيدۇ، تاپالمىسا ئاندىن قاتتىق دىسكىدىن ئىزدەيدۇ، مەلۇم ئۇچۇر ئۇزاق ئىشلىتىلمىسە ئىچكى ساقلىغۇچتىن قاتتىق دىسكىغا چۈشۈرۋىتىدۇ،


ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىكۇنىتلىق يىزىش سۈرئىتى 90000 قىتىم، ئوقۇش سۈرئىتى 100000 قىتىمدىن ئىشىپ كىتەلەيدىكەن، دەششەت تىز دەيدۇ، شۇ چاتاق يىرى پەقەتلا Key-Value ئەمەسما بۇ،
تىخى مەلۇم ئۇچۇرغا مانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ئۆچەپ كەتسە بولىدۇ دەپ بەلگىلەپ قويالايسىز،
Map, String, List, Array, Int دىگەن تىپلارنى قوللايدۇ,


بۇ سانداننىڭ ئورگان تەرەپنىڭ تەمىنلىگەن Windows نۇسقىسى يوق، پەقەت Linux نۇسقىسىلا با، لىكىن Microsoft Foundation مىكى شۇنداقراق بىر خەقنىڭ چىقارغان نۇسقىسى با،
لىكىن دەپ قوياي، سىغىمى دەششەت كىچىك ما سانداننىڭ، ماڭا ئوخشاش چۈشۈرسەڭلا 10 مىگابايىتلىق بىر نىمە چۈشسە چالا چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قايتا ئىزدەپ ژۈمەڭلا(مەن شۇنداق بولغان بىر قىتىم:lol)


ماۋۇنىڭ Linux نۇسقىسىنى چۈشۈرسەڭلار ئەسلى كودى چۈشىدۇ، تىرمىنالدا Make بۇيرۇقى بىلەن Compile قىلىسىلە، ئاندىن ئىشلەيدۇ ماۋۇ،


ماۋۇنى مۇلازىمىتىردا مەن Session ساقلىتايمىكى دەيمە، قايدىغا؟


MongoDB


mongodb.jpeg


C++ دا يىزىلغان،
Node.JS نىڭ سۈكۈتتىكى تىلى،
Document Based شەكىلدە ئۇچۇر ساقلايدۇ، لىكىن ماۋۇ بىر خىل شالغۇت ساندان،  SQL نىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن NoSql نىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ھەممىسى با،
بۇ Sql بىلەن NoSql نىڭ ئوتتۇرسىدىكى مەھسۇلات،  JavaScript نى ساندان بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا ئاساسلىق سىكرىپىت تىلى قىلغان، ئەلۋەتتە باشقا تىللاردىمۇ ئىشلىتەلەيسىز،
ئىزدەش جەھەتتە ئۆزىنىڭ NoSql بولغىنىغا قارىماي ئىسىل ئىزدەش ئۇسۇللىرىنى تەمىنلىگەن، ئەمما پەچەت،
تورلاردا غايەت زور ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا سۈرئىتى MySql غا قارىغاندا ئاندىن پەرىقلىق تىز بولىدۇ دەيدۇ،
يىقىندا خەۋەر كۆرسەم MongoDB نى ياسىغان شىركەتنىڭ ناسىداكتا پىيىنى بازارغا سالغاندا پىيى يامان ئۆسەپتۇ دەمدۇ دەيدىغۇ تاڭ، بىلمىدىم.


SnappyDB
ماۋۇ Android دا ئىشلىتىدىغان Key Value تۈرىگە تەۋە NoSql ساندان،
Sqlite نىڭ ئورنىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ،
بۇنىڭغا جىق پەتۋا بىرەي دىسەم مەن ئۆزەم ئەمەلىي ئىشلىتىپ باقمىدىم،





.jpeg







دەپ قوياي، NoSql نى ئۈگەنسىڭىز Sql نى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ئاندىن ئۈگىنىڭ،
Sql نىڭ تەپەككۇرىدا ئۈگەنمەڭ،
جەدۋەل، قۇر، ئىستون دىگەنلەرنى ياخشىسى ئۇنتۇپ كىتىڭ،


ئەگەر يىڭى ئۈگەنگۈچى بولسىڭىز ياخشىسى ھاياجانلانماي ھازىرچە Sql ئائىلىسىدىكى بىرەر سانداننى ئۈگىنىپ تۇرۇڭ،
چۈنكى ھىلىھەم ھازىرمۇ Sql تۈرىدىكىلەر ئاساسلىق ئورۇندا، بىز ئاساسلىق ئىشلارنى Sql تۈرىدىكى سانداندا قىلىۋاتىمىز،
تىخى ھازىرقى دەقىقىدە NoSql بۇ ئوقەت Sql نىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئالالىشى تەس، ھەم ئىلىپ بولالمىدى، لىكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇمۇ بولۇپ قالا، ئۇنى شۇ ۋاقتىدا بىلجىرلىشامىز،
لىكىن تىخى بۇ ئىككى سانداننى ھەمكارلاشتۇرۇپمۇ ئىشلىتىمىز،


بىز ماۋۇ ئاساسلىق ئىككى سانداننى مۇلاھىزە قىلىشىپ تونۇشۇپ چىقتۇق،
SQl, NoSql


Sql ئائىلىسىدىكى ساندانلارنىڭ ئەۋزەللىكى:
ساندانغا مەشغۇلات قىلغاندا ھەر قانداق جەدۋەلدىكى ھەر قانداق ئىستوندىكى ئۇچۇرنى شەرىت قىلغىلى بولىدۇ

ئىزدەش ئۇسۇلى دەششەت ھوزۇر، ئەمما زە بۇ سانداننىڭ ئەۋزەللىكىمۇ شۇ ئىزدەش،
SQL دەيدىغان بۇ ئۆلچەملىشتۈرۈلگەن نەرسە بار ئەمەسمۇ...
شۇڭا سىز Sql نىڭ ئۆلچىمىدە بىكىتىلگەن ھەممە ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلەيسىز، ئەمما زە ھەقىقەتەن كۈچلۈك بۇ Sql دىگەن ئوقەت.
ئويلاپ بىقىڭ، نى نى چوڭ كارخانىلار، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك Sql ئائىلىسىدىكى ساندانلارنىڭ ئۈستىدە ماڭىدۇ،
ئىشقىلىپ بىرلا ئىغىز گەپ دىيىلىشكە توغرا كەلسە SQL دىسەكلام بولىدۇ (شۇڭا ياخشىسى SQL نى ياخشىراق ئۈگىنىڭ)

كەمچىللىكى:

ھازىرقى دەۋىردىكى چوڭ سانلىق مەلۇماتقا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيىتقاندا چوڭ چوڭ كاتتىباشلار بۇنىڭ تازا ياخشى ماس كىلىپ بولالمايدىغىنىنى ھىس قىلىپ NoSql نى چىقاردى،
نىمىشقا ماسلىشىپ بولالمايدۇ؟
Sql تۈرىدىكى ساندانلار جەدۋال، ئىستون نى ئاساس قىلغان،
بۇ نىمە گەپ دىگەندە بىر سانداننى ئىشلىتىشتىن ئاۋال ئەمەلىي ئىھتىياجقا ئاساسەن مۇلاھىزە قىلىپ سانداننى لاھىيەلەپ چىقىسىز،
قارىماققا بۇ خۇددى Excel دا جەدۋەل لاھىيەلىگەنگە ئوخشايدۇ، بۇ جەريان ساندان لاھىيەلەش دەپ ئاتىلىدۇ،
سانداننى لاھىيەلەپ بولغاندىن كىيىن شۇ سانداننىڭ قۇرۇلمىسىغا چۈشىدىغان ئۇچۇرلارنىلا ساقلاشقا بولىدۇ،
دىمەك بىر ئۇچۇرنى ساندانغا ساقلاشتىن بۇرۇن سانداننى چوقۇم لاھىيەلەشكە توغرا كىلىدۇ،
ساندان لاھىيەلەش دىگەن گەپ ھىساپتا شۇ ئۇچۇرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلىپ شۇ ئۇچۇرنىڭ قىلىپىنى ياساپ چىقىش دىسەكمۇ بولىدۇ،
ئەمدى ئامبۇر بىلەن قايچىنى زاۋۇتتا قىلىپتا قۇيۇپلا چىقىرىدۇ دەپ ئويلىساق قايچىنىڭ قىلىپىغا ئامبۇرنى سالغىلى بولامدۇ؟


شۇڭا Sql تۈرىدىكى ساندانلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇچۇرلارنى ياخشى ئانالىز قىلىپ كىيىنكى ئىھتىياجلارنى بىرمۇبىر قويماي ئويلاپ ئاندىن سانداننىڭ قىلىپىنى بىكىتىپ يەنى ساندان لاھىيەلەپ ئاندىن ئىشلىتىمىز،
ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە پروگراممىنى يىڭىلىغاندا يىڭى ئىھتىياج تۈپەيلى سانداندىكى ئۇچۇرلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىش... كونا ئۇچۇرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سانداننى ئۆزگەرتىش...
ئاشۇ خىرىدار دىگەننىزە... ۋاي ئۇكىمەي، قارا، شۇ بۇ يەردە تەس ئىش يوقكەنغۇ؟ شۇ مىيىرى پەقەت مانداق بولسا بولىتتى شۇ... باشقا ئىش يوق، قىلالايسەنغۇ؟ بەك ئاسانغۇ ھە بۇ؟
ۋاي ۋايسىمىغىنە ھەي، شۇ مىشىيىرىگە مانى قوشاپلا قويساڭ ياكى مىيىرى مانداقلا بولسا بولىدۇ قارا، ئاسان ئۇ،
ماقۇلە شۇنداق بولسۇن... (ئەمدى تويە پروگراممىر بولغانغا... مانداق خىرىداردىن پاناھ بەرسۇن... ئەمما دەردىمىزنى بىز ئۆزىمىزدىن باشقا ئادەم بىلمەيدۇ:lol)


قىسقىسى Sql سانداننىڭ قىلىپى بولىدۇ، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن لاھىيەلەش كىرەك، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە سانداننى قايتا ئۆزگەرتىپ لاھىيەلەش كىرەك،

NoSql نىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:

بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تىز، ئەمما دەششەت تىز، (دىمىسىمۇ بىزنى Sql دىكى نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەرھۇم قىلىپ قويغاندىكىن تىز بولمىسا بومماس شۇنداقمۇ؟)

سانداننى ئالدىنئالا لاھىيەلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسىنى باشقا ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،
يىرىم يولدا ساندانغا ساقلايدىغان ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە ھىچ ئىش بولمايدۇ، كىيىنكىلىرىنى شۇ پىتى ساقلاۋىرىدۇ، بۇرۇنقىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ،


كەمچىللىكلىرى:

Sql دەك ئىسىل نەرسىدىن ئايرىلدۇق،

خام خىيال قىمماڭ، ماۋۇ NoSql دا MongoDB دىن باشقىسىدا خالىغان ئۇچۇرلارنى شەرىت قىلىپ ئىزدىگىلى بولمايدۇ،
سىز سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاۋال مۇلاھىزە قىلمىغىنىڭىز بىلەن لىكىن چوقۇم لىكىن نىمىگە ئاساسەن ئۇچۇر ئىزدەيدىغىنىڭىزنى چوقۇم ئايدىڭ قىلىۋىلىشىڭىز كىرەك، بولمىسا كىيىن چوقۇم ئازاپلىق ئىش يۈز بىرىدۇ،
Sql دەك ئىنىق قۇرۇلمىسى بولمىغاچقا مۇرەككەپ سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلىغاندا Key Value Based ساندانلاردا ئۇچۇرلارنى Key Value شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ بولالماي ھىرىپ قالىسىز،
ھىرىپ قالسىڭىزغۇ بولىتتى، تىخى قانداق ھىرىپ قىلىشنىمۇ بىلەممەي قالىسىز:lol


شۇنداق قىلىپ شۇنىڭ بىلەن بىز ئىككى ساندان بىلەن يۈزەكى تونۇشۇپ چىقتۇق،


Sql نىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ھەممىمىز بىلىمىز،
بىز تۆۋەندە ئەمەلىي بىر قانچە مەسىلە ئارقىلىق NoSql نىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ھىس قىلىپ باقايلى،
NoSql دا مەلۇم ئۇچۇرنى ئىلىش ۋە ساقلاش تىزلىكى ئىنتايىن تىز بولۇش تەلەپ قىلىنىدىغان، ھەمدە سانلىق مەلۇماتلار زىيادە مۇرەككەپ بولمىغان، Key سىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئىنتايىن ئىنىق، ئايدىڭ بولىدىغان، ياكى قىسقا مۇددەت ساقلايدىغان ئەمما زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار، ئىزدەشكە قارىتا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەر خىل ئىزدەش ئىھتىماللىقى بولۇپ قالمايدىغان دىگەندەك ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كىلىدۇ،(لىكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق ئىھتىياج بولۇپ قالسا ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، ئەلۋەتتە قىلغىلى بولمايدۇ دىگەنلىكمۇ ئەمەسقۇ ئەمدى،)


مەسىلەن Android, IOS ئۈسكۈنىلىرىگە Push ئەۋەتىش مۇلازىمىتى،
پاراڭلىشىش قۇراللىرى،
Session ساقلاشقا ئوخشاش ئىشلار،


بۇلاردا ئوخشاشلا ئىنتايىن تىز بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ،
Push دا ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى زور بولىشى مۇمكىن، لىكىن ۋاقىتلىق ساقلانسا بولىدۇ، ھەم يەنە كىلىپ Key سى خىلى ئايدىڭ،
پاراڭلىشىش قۇراللىرىمۇ شۇ، ھەم ئۇلاردا دەماللىققا ئۇنچە مۇرەككەپ شەرىتلەر بىلەن ئىزدەيدىغان ئىھتىياج يوق،


تىخى نۆۋەتتە بۇ ئىككى تۈردىكى ساندان رەسمىي تۈردە بىر بىرىنىڭ ئورنىنى ئىلىپ بولالمىدى، ھەم ئىككىسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىمۇ ئازراق پەرىقلىنىدۇ،
كۈنلەرنىڭ بىرىدە NoSql مۇ تىخىمۇ تەرەققىي قىلىپ قالا،


لىكىن كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان بىر  ھەقىقەت شۇكى سىز بىر نەرسىگە ئىرىشمەكچى بولسىڭىز يەنە بىرسىدىن قۇربانلىق بىرىسىز،
سانداندىمۇ شۇ، مول بولغان ئىزدەشتىن ۋاز كىچىپ ئۇنى تىزلىككە ئالماشتۇرىسىز،  
نۆۋەتتە يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا ئىشلىتىۋاتقىنى Sql ئائىلىسى بولغاچقا سىزگە Sql ئائىلىسىدىكى بىرەر سانداننى تۇتۇپ ئۈگىنىش تەۋسىيەسىنى بىرىمەن،


ئاخىرىدا مەن بىلىدىغان ساندان سىستېمىلىرىنىڭ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قوياي،


RDBMS:
        Sql Server
        MySql
        OracleDB
        Sybase
        Sqlite
        Microsoft Access (ئەسكەرتىش، ماۋۇ سانداننىڭ ئورنىغا ھازىر Sqlite ئىشلىتىمىز، بۇرۇن ۋىندوۋس سۇپىسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن سانداننىڭ بىرى ئىدى، يەنى Microsoft Office ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى)


*********************************************
NoSql:
        Key-Value:
                Redis، Oracle dbd, tokyo Cabinet/Tyrant,
==============================
        Column:
                HBase, Google BigTable
==============================
        Document:
                MongoDB
==============================
        Graph:
                Neo4J
==============================



ساندان لاھىيەلەش، ئىشلىتىشتىكى يادرولۇق تېخنىكائەگەر سىز Sql ئائىلىسىدىكى ساندانلارنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز ياكى ئۇچرىشىپ باققان بولسىڭىز بىلىسىز، مەيلى سىز قانداق ساندان ئىشلىتىڭ بۇ يەردە ھەممىسىگە ئورتاق يادرولۇق بىر مەسىلە بار، يەنى رىئال تۇرمۇشتىكى سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسىنى قانداق قىلىپ سانداندا ئەكىس ئەتتۈرۈش

چۈنكى بارلىق سانلىق مەلۇمات سانداندا ساقلىنىدۇ، دىمەك سانلىق مەلۇماتنى ساندانغا قانداق ساقلاش يادرولۇق مەسىلە، سىز سانلىق مەلۇماتنى قانچىكى ياخشى ئانالىز قىلىپ سانداندا شۇنچە ياخشى ئەكىس ئەتتۈرەلىسىڭىز ئومومى قۇرۇلمىنىڭ سۈپىتى شۇنچە ئىسىل چىقىدۇ،
ساندان لاھىيەلەش ئايرىم تېخنىكا، ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئۈگىنىشكە تىگىشلىك مەزمۇن بار،

رىئال سانلىق مەلۇماتنى قانداق قىلىپ RDBMS نىڭ Table, Column لاردا ئەكىس ئەتتۈرۈش ياكى NoSql دا KeyValue شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرۈش،
بۇ يەردە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 3 خىل ئەھۋالغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ،

1:1
بىرگە بىر ماسلىق
1:*    *:1
بىرگە كۆپ ماسلىق(كۆپكە بىر ماسلىق دىگەنمۇ مۇشۇ شۇ)
*:*
كۆپكە كۆپ ماسلىق

ئەگەر بۇ مۇناسىۋەت شەكىللىرىنى RDBMS دە قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈشكە قىززىقساڭلار ئاستىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار كىيىنكى يازمىمىزدا سۆزلىسەك بولىدۇ.

RDBMS سانداندا RelationShip (ئۇيغۇرچە مۇناسىۋەت دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ) ئارقىلىق قۇلايلىقلاشتۇرىمىز ۋە تىخىمۇ ئىشەنچىلىك قىلالايمىز

ماقۇلە، بۈگۈنكى بىلجىرلاشلىرىمىز مۇشۇ يەرگىچىلىك بولسۇن،
بىلجىرلاشلىرىم يارىغان بولسا ئاستىغا يىزىپ قويغىنىڭىز كىيىنكى قىتىملىق يازما ئۈچۈن ئاساس

ۋاقىت قىس بولۇش سەۋەپلىك بۇ يازمىنى نەچچە كۈنگە بۆلۈپ يازدىم،
بەزىدە نەچچە سائەت ئارىلاپ باشقا ئىشلارنى قىلىپ ئاخىرىنى يازسام بىشىدىكى ھىسيات يوق بولۇپ كىتىپ بەزى يەرلىرى ياخشى چىقماي قالغان بولىشى مۇمكىن

ئەسكەرتىش: پروگراممىرلىق بۇ ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان مۈشكۈل ئەمما ھوزۇرلۇق بىر جەريان بولغانلىقى ئۈچۈن خۇددى دوستۇم بىلەن پاراڭلاشقاندەك ئەركىن ئازادىلىك، قىززىقارلىق تۇيغۇ چىقىرىش ھەم زىرىكتۈرۈپ  قويماسلىق ئۈچۈن بەزى سۆلەردە ئىملا خاتالىقى ھەم ئۆلچەملىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ بولالمىدۇق، ئەگەر مۇۋاپىق بولمىدى دەپ قارالسا كىيىنكى قىتىملىق يازمىلاردا دىققەت قىلساق ئەلۋەتتە بولىدۇ.


تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونىدا تارقاتماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،

بۇ يارمىنىڭ ھوقوقى ئالىپ مۇنبىرىغا تەۋە

http://www.aliptori.com








13ئادەم ئىنكاس يازدى

ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-11-7 20:17:42
تور بېكەت ئېچىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا  سانداننى  زاپاسلىۋالماي  مەلۇم خاتالىق تۈپەيلىدىن ھەممىنى يېڭى باشلىغانلىرىمنى ئويلىسامزە.
لېكىن ھەقىقەتەن قىزىق قان ۋە كۆڭۈللۈك ۋاقىتلار ئىدى.
aslima998 ۋاقتى: 2017-11-7 20:31:12
تىمىڭىزغا راسلا  قول قويدۇم  كۆپ رەھمەت . مەن SQL SERVER بىلەن MySql نىلا ئىشىلتەتتىم ، بۇنداق ئاجايىپ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەمدى بىلدىم . ۋاقتىڭىز بولسا مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-11-7 21:15:33
كۆپ رەھمەت ھارماي تالماي مۇشۇنچە كۆپ بىلىملەرنى بىزگە سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-11-7 23:22:18
ھە راسلا ياخشى جۆيلىۋاتىسىز،بىر جۆيلۈپ قويسىڭىز خېلى نەرسىلەرنى بىلىۋالىدىكەنمىز،بەزى يەرلەردە خوتەن شىۋىسىدە جۆيلۈپ قويۇپتىكەنسىز كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇقۇپ كەتتىم،ئەمما ماۋۇ تېمىڭىز بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ ئەينا تېما دىگەننى مۇشۇنداق يازسىمۇ بۇتكەنيا ئەسلى بەك قىززىقارلىق ھەم چۈشىنىشلىك
tursunxayar ۋاقتى: 2017-11-7 23:35:31
بولسا كېلەر قېتىم sqlite توغرىلىق جۆيلۈپ باقسىڭىز
tirixqan008 ۋاقتى: 2017-11-8 08:50:57
ئىسل ھەي ! قىزقارلىق قىپ يىزىپسىز تىخىمۇ كۆپ بىلجىرلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
alxir138 ۋاقتى: 2017-11-8 12:02:51
ۋاھ، بىلىم دىگەنمۇ با يەردە باكەن جۇمۇ.....قالتىسكەنسىز

2_71828 ۋاقتى: 2017-11-8 13:49:05
رەھمەت،ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز،ئوقۇپ بولغۇچە كۆزۈم ئاغرىپ چىدىمىدى.بولماي ئارقا كۆرۈنىشىنى قارا رەڭدە قىلىۋىلىپ ئوقۇدۇم.
بۇنچە جىق نەرسىنى يېزىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ۋاقىت كەتكەندۇ ھە
بىلگار ۋاقتى: 2017-11-8 13:49:37
ئىسىل ھېي..مەن بۇرۇنلادا aspغا    microsoft accesساندان بىلەن تولا ھەپىلىشىپ كەتكەن...ھازىر،ئۇلا ئەڭ ئاددىيلىرىكەن...
Asminim ۋاقتى: 2017-11-8 16:50:51
vb6 غا قىزىقىپ قالغان چاغلىرىم access نى ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ تۇرساممۇ يۈزەكى ھالدا ساندان ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتىم. aps ئۆگەندە access بىلەن رەسمىيلا ھەپىلىشىپتىمەن. php ئۆگەنگەندە mysql نى چۈشەندىم. ئاندرويدقا ئەپ ئېچىشنى ئۆگەنگەندە sqllite نى چۈشىنىۋالدىم. ئەمدىكى مەسىلە vb.net بىلەن SQL تۈرىدىكى ساندانلاردىن قايسىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆگىنىشنى بىلەلمىدىم. access نى ئىشلىتەي دىسەم دىتالنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىلا كومپىيوتىرنى تۇلۇق چۈشىنىپ كىتەلىشى ناتايىن. كۆپ ساندىكى كومپىيوتىرلاردا access نى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن microsoft jet 4.0 ole db غا بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا تۇغرا كېلىپ قىلىشى مۇمكىن. MSsql نى ئىشلىتەي دىسەم ئۇنىڭ بىلەن تا ھازىرغىچە ھەپىلىشىپ باقماپتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىمۇ قاچىلاپ تەڭشەيدىغان جايلىرىنى تەڭشىمىگۈچە دىتالدا قوللانغىلى بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن.
مەن ئويلايمەن ئاندىروئىدنىڭ سۈكۈتتىكى ساندانى بولغان sqllite غا ئوخشاش بىز ياسىغان دىتالنى ئىشلەتكۈچى كومپىيوتىرىغا چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسىلا ساندان مۇھىتى ھازىرلانمىغانلىق سەۋەبىدىن قالايمىقان خاتالىقلار چىقمايدىغان ساندان بارمىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە تېكست ھۆججىتىگە ساقلاش ئۇسولى بارغۇ دىيىلىشى مۇمكىن. مىنىڭ مەقسىتىم مەسىلەن: بىز بىر كىتابخانا باشقۇرۇش دىتالىنى تۈزدۇق دەيلى. بۇنى ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئىشلىتىشى مۇمكىن. كىتابخانا ئاچىدىغانلارمۇ ياكى مۇشۇنداق دىتالغا ئىھتىياجى بارلار دىگەندەك. دىتال مەشغۇلات قىلماقچى بولغان ساندان پەقەت شۇ كومپىيوتىردىلا ئىشلىتىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ بەرسىلا بولىدۇ. بىر نەچچە كومپىيوتىر تور ئارقىلىق ئورتاق ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمدىكى مەسىلە دىتالنى قوزغاتقاندا ساندانغا قارىتا مەشغۇلات قىلغاندا شۇ كومپىيوتىردا ئۇنداق ياكى مۇنداق نەرسە قاچىلانمىغان، تىزىملانمىغان دەپ خاتالىق ئۇچۇرلىرى چىقماي نورمال مەشغۇلات قىلغىلى بولىۋېرىدىغان SQL تۈرىدىكى ساندان بارمىدۇ دىمەكچى؟؟؟  ياكى بولمىسا  دىتال ئىچىگە سىڭدۈرىۋەتكەن بىرنەچچە تال dll لارنى دىتالنى ئىشلەتكەن كومپىيوتىرغا قاچىلاپلا نورمال مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان ساندان ياكى مۇشۇنىڭغا يىقىنلىشىدىغان ئۇسول بارمىدۇ دىمەكچى. ئاخىرقى مەقسەت يەنىلا شۇ دىتال ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش. دىتالنى ئۆزىمىزنىڭ ھەممە تەق مۇھىتىدا ياساپ پۈتتۈرۈپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالدىغا بارغاندا تاراڭ-تۇرۇڭ خاتالىق چىقىۋېلىپ ئىشلىتەلمىسە بىلىدىغانلىرىغۇ بىر نىمە قىلىپ ئوڭشاپ ئىشلىتەر. بىلمىگەنلەر ما خەقنىڭ ياسىغان بىرنىمىسى مانا مۇشۇنداق نىمە دەپ پروگراممىرلىرىمىزغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىشى ئېھتىمالغا يىقىن.  ئۇنى-بۇنى دەپ ئىنكاسنىمۇ كۆپ يېزىۋېتىپ ساپتىمەن
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-11-8 18:16:40
Asminim يوللىغان ۋاقتى  2017-11-8 16:50
vb6 غا قىزىقىپ قالغان چاغلىرىم access نى ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ ...

VB.Net بولسىڭىز دىمەك سىز مىكروسوفىت ئىكىلوگىيەسى ئىچىدە ئىكەنسىز،
مىكروسوفىت ئىكىلوگىيەسىنىڭ ئىسىل نەرسىلىرى نۇرغۇن،
SqlServer نى ئىشلىتىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن،
EntityFramework, Linq دىگەنلەر بىلەن SqlServer غا ساندان مەشغۇلاتى قىلىش ئىنتايىن قۇلاي، ئەمما ما قۇلايلىقنى ئىككىنچى بىر يەردە ئۇچرىتىپمۇ باقمىدىم،
ئەگەر چوقۇم چوقۇم يەككە بولسۇن دەپ تۇرۋالسىڭىز سىز ھازىر SQLite نىڭ گىپىنى قىلىۋىتىپسىز،
Access نى ئەمدى ئىشلەتمەڭ، ئۇ Linq ئىشلىتىشنى قوللىمايدۇ،
SQLite نى LINQ دا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھەم ئۇنداق كۆپ مۇھىت قاچىلاشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق،
سىز دىگەندەك پروگراممىڭىزغا ئىككى تۆت تال DLL سىنى سىڭدۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز،

ئەمما ئاخىرىدا يەنە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم،
سىز كاللىڭىزدىن ئۈستەل يۈزى ئۇقۇمىنى چىقىرۋىتىڭ،
كومپىيۇتېر ئۈستەل يۈزى ئۆلدى دەپ ئويلىسىڭىزمۇ تامامەن بولىدۇ، بۇنىڭدىن كىيىن ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرىغا ئىھتىياج ئۆرلىمەيدۇ، بەلكىم داۋاملىق چۈشىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىز يوق بولۇپ كەتمەيدۇ،
لىكىن دىمەكچى بولغىنىم، ھازىرقى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئىنتىرنىت ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەر تەرەپكە بولۇۋاتقان بۇ ۋاقىتتا سىز يەنىلا يەككە ھالەتتە ئىشلىتىدىغان ساندان، ئەنئەنىۋى ئۈستەل يۈزى پروگراممىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۋالسىڭىز بولمايدۇ،
ماڭا دەپ بىرىڭ، قانداق ئىشنى تور كۆرگۈچ بىلەن قىلغىلى بولمايدۇ؟

بۇنىڭدىن كىيىنكى يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىڭ،
سىزگە ئىككى تەۋسىيەرىم بار، خالىغىنىڭىزنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ،

1. كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە پروگرامما يېزىش (Android, IOS)
2. مۇلازىمىتىر ئارقا سۇپا پروگراممىسى ئىچىش

كۆچمە ئۈسكۈنىلەر تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، ئەتراپىڭىزغا قاراڭ، كىمنىڭ تېلېفونىدا تور يوق؟ قايسى بىر داڭلىق ئەپ تورسىز ئىشلەيدۇ؟
دىمەك بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق ھالەتتە بولىدۇ،
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ دىگەنلىك نىمىنى بىلدۈرىدۇ دىگەندە ئاشۇ تور بىلەن ئىشلەيدىغان ھەممە ئەپلەر مۇلازىمىتىرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىدۇ دىگەن گەپ،

كۆچمە ئۈسكۈنىلەر، ئىنتىرنىت بىلەن ئۇلىنىدىغان ئەپلەر قانچە تەرەققىي قىلسا مۇلازىمىتىر ئارقا سۇپا پروگراممىلىرىغا بىزنىڭ كۆپلەپ ھاجىتىمىز چۈشىدۇ،

ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇلازىمىتىر ئارقا سۇپا پروگراممىلىرى ئەڭ يادرولۇق، ئاساسلىق ۋەزىپىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن بولىدۇ،
سىز ۋاقتى كەلسىڭىز ئاۋۇ كىتابخانا باشقۇرىدىغان سىستېمىڭىزنى مۇلازىمىتىر ئارقا سۇپا پروگراممىسى قىلىپ يىزىپ چىقسىڭىز ئۇنىغا بىر چاپان كەيدۈرسىڭىزلا تور بەت ھالىتىگە كىلىدۇ، API چىقىرىپ مەقسىدىڭىزنى بىر Android, IOS پروگراممىرىغا دىسىڭىز ئەپتىن بىرنى چىقىرىپ بىرىدۇ،

بۇنى تار دائىرىلىك تور بولامدۇ ئىنتىرنىت بولامدۇ قانداق ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ،
ئۈستەل يۈزىنى ئۇنتۇڭ، ئۈستەل يۈزى ئۆلدى،
چوقۇم ئۈستەل يۈزى يېزىش كىرەك بولسا مەن سىزنىڭ شەرتىڭىزگە دەللا چۈشىدىغان بىر نەرسە تەۋسىيە قىلاي،

Github نىڭ چىقارغان بىر نەرسىسى بار، Electron,
يەنى بۇ Node.JS + Chromium نىڭ بىرىكمىسى،
سىز Node.JS نىڭ كۈچلۈك ئىقتىدارى، مول بولغان ئامبارلىرىنى بىۋاستە ئىشلىتەلەيسىز،
HTML5, CSS3, JavaScript دىن پايدىلىنىپ پۇزۇر پەچەت كۆرۈنمە يۈزلەرنى چىقىرۋىتەلەيسىز،
Windows دەپ قاپسىز، سىز مۇشۇ بىرلا يازغان پروگراممىڭىز Windows, Linux, Mac لەردە ئىجرا بولالايدۇ،

لىكىن سىز تور پروگراممىلىرىنى ئاساسى ئورۇنغا قويمىسىڭىز بولمايدۇ،
تور پروگراممىلىرى بىلەن سىز ئويلىغان ئۈستەل يۈزى پروگراممىلىرى قىلغان ئىشلارنى قىلىپ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۋەتكىلى بولىدۇ،

خالىسىڭىز مۇلازىمىتىر تەرەپتىكى بىرەر تىللارنى ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا Vb.Net بولسا سىز Asp.Net ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،
ئەگەر .Net دىن ۋاز كىچىشنى خالىمىسىڭىز C# نى تەۋسىيە قىلىمەن،
VB.Net دا ئىشلەتكەن نەرسىلىرىڭىز ھەممىسى ئىشلەيدۇ، پەقەت پروگرامما كودىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۆزگىرىدۇ خالاس،
بۇرۇندىن باشلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تېخنىكىلىرىڭىز، ئامبارلىرىڭىزمۇ ئۆزگەرمەيدۇ،

ئاندىن .Net Core سۇپىسىغا يۆتكەلسىڭىز Windows, Linux, Mac سۇپىلاردا سىز بىلىدىغان نەرسىلىرىڭىزنى ئىشلىتەلەيسىز،

ئىشىنىمەنكى سىز نەزىرىڭىزنى مەن دىگەن تەرەپلەرگە ئاغدۇرسىڭىز بۇ تەرەپلەردىمۇ ئىنتايىن ياخشى تېخنىكىلارنىڭ بارلىقىنى، ھەممە نەرسىنىڭ ئاۋالقىدىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.
XAX0998 ۋاقتى: 2017-11-8 22:22:06
ھىېي  ئىسىل  ئىسىل  ئەگەر پۇرسەت ۋاقت ئىقتىزات بولسا بىسىپ ئوتراپ ئۈگەنسەك بولتى   بەك قىزقىمە   ئەپسۇس پۇرسەت بولسا ئىقتىزات يوق  بىرى بولسا بىرى يوق
kitabpurux ۋاقتى: 2017-11-9 11:56:59
بۇ يازمىنى كۆرۈپ بۇرۇنقى مۇنبەرلەر يادىمغا كەپ قالدى.
ئاجايىپ ئېسىل بىلجىرلاشلار  بوپتۇ !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部