+تېما يوللاش
كىروس يوللانغان ۋاقتى:2018-1-11 13:29 11841 قېتىم كۆرۈلدى 49 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھازىر ئۈندىدار سالونلاردا ئايدا 30 يۈەن تۆلىسە چەكسىز تورغا چىققىلى بولىدىغان لېكىن ئۇچۇر يوللاپ تېلفۇن سۆزلەشكىلى بولمايدىغان ، كارتا ئارقىسىدىكى 6 تال نومۇر ئارقىلىق مۇناسىپ سالون ئارقىلىق ھەق تاپشۇردىغان بىر كارتا ئەۋىج ئالدى . مەنغۇ بۇنداق كارتىلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيتىم . لېكىن ئۆيۈمدىكى تورنى ئېلىۋېتىش ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ قېلىش ، يېڭى فىلىملەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى سەۋەپلىك ئاخىرى ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا ھېسياتىم ئەقلىمنىڭ گېلىنى بوغۇپ تۇرۇپ كارتىدىن بىرنى ئالغۇزدى. (ھازىر ھېسياتىم ئەقلىمنىڭ ئالدىدا ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ ئولتۇرىدۇ)
كارتىغا كەلسەك كارتىنىڭ ئۆزى 138يۈەن شۈنفىڭ تېز يەتكۈزۈشتىن سېلىش ئۈچۈن 6 يۈەن ، قوزغىتىش ئۈچۈن 30 يۈەن جەمئىي174يۈەن بىلەن تورغا چىقىدىغان بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىكەن . باشقىلىرىنىڭمۇ بارمىش . كارتىنى تاپشۇرۋېلىپ تېلىفۇنغا سېلىپ 30 كوي تۆلەپ ، باغلاپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ قوزغاتتىم . نورمال تورغا چىقتى ، تور سۈرئىتىمۇ ئادەتتىكى بىرلەشمىنىڭ كارتىسىدەك تېز . شۇنداق خوش بولدۇم ، خىيالىمدا سىمسىز تورنىڭ ئورنىدا بىر نەرسە چۈشۈرۈپ كىنولارنى كۆرۈپ بىر ئايدا 30 يۈەن تۆلەپ پۇخادىن چىقىدىغان بولدۇم دەپ شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كەتتى .ئەپسۇس بۇ خۇشاللىقىم نەچچە كۈنگە بارمىدى . نەچچە كۈن ئۆتۈپلا تور سۈرئىتى 62 كىلوبايتتىن ئاشمىدى . قىلمىغان ئامالىم قالمىدى . ساتقۇچىنى ئىزدىسەم مېنىڭ تېلفۇنۇم مەن تۇرۋاتقان رايونغا ئارتىپ قويۇپ قاراپ تۇردى . ئۇنىڭدىن كارتا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقانلارنى يىغىپ بىر توپ قۇرۇشنى شۇنىڭدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك مەسىلىمۇ ياكى يەككە مەسىلىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام تۇتامغا چىقمايدىغان باھانە سەۋەپلەر بىلەن رەت قىلدى ، دېمەك بۇ ئەھۋالغا يولۇققىنى يالغۇز مەن ئەمەسكەنمەن . شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئەپەندىم تىللانى يەرگە تېرىسا ئۈنىدۇ دېسە ئۆيىدىكى ھەممە تىللانى ئېلىپ چىقىپ يەرگە كۆمگەن باي غوجامدەك ھېس قىلىپ قالدىم. شۇڭا بۇ كارتىغا قىزىقىۋاتقانلار ئوبدان ئويلىشىڭلار ، ساتقۇچىلار مېنى تىللاپ كەتمەڭلار ، مەن پەقەت ھەقىقەتنى سۆزلىدىم . سېتىۋېلىپ مەسىلە چىقمىغانلار ئۆزۈڭلارنى بېشىمغا ھۇمايۇن قۇشى قونۇپتۇ دەپ بىلىڭلار .
تامام

49ئادەم ئىنكاس يازدى

UYQIN ۋاقتى: 2018-1-11 15:07:36
مەنمۇ ئالدىنقى ئايدا  ئالغانتىم  ھازىر  ئىشلىتۋاتقىلى  ئون  نەچچە  كۈن   بولدى   ،نورمال  تورغا  چىقىۋاتىدۇ  ،بەك  بېسىپمۇ  ئىشلەتمىدىم  كۈنىگە  بىر جى ئەتىراپىدا  ئېقىم  ئىشلىتۋاتىمەن  ، سىزنىڭ  40 جى دىن  ئېشىپ  كەتكەن ئەھۋال  بارمۇ  يا  ،مىنىڭ ھازىرچە نورمال ئىشلەۋاتىدۇ ،ئۇزۇنراق  ئىشلىتىپ باققان  دوسلار  بولسا  ئورتاقلاشساق بۇلاتتى
selqut ۋاقتى: 2018-1-11 15:53:28
مىنىڭ بىلىشىمچە 100جىدىن ئىشىپ كەتسە ئاشۇنداق تور سۈرئىتى ئاستىلايدۇ،  كىيىنكى ئايدا ئەسلىگە كىلىدۇ.  سىز بەك كۆپ ئىشلىتىۋەتكەن ئوخشايسىز.  چەكسىز تور مەۋجۇت ئەمەس  چەكسىز تور 100 جى ئىقىم بىلەنلا چەكلىنىدىكەن.
داۋاڭ كا جۇلا كارتىلارنىمۇ ، ھەقسىز_ھەقلىق ئىقىم بولۇپ  40جىدىن ئاشۇرۋەتسە تورغا چىقمايدىكەن . كىيىنكى ئايدا ئاپتۇماتىك ئەسلىگە كىلىدۇ.
adel7 ۋاقتى: 2018-1-11 15:57:46
مەنمۇ ئالدىنقى ئاينىڭ 21چىسىلادا سىتىۋالغان يېڭى يىل كىرگۈچە دەششەت تىز ئىشلىگەن يېڭى يىل كىرىپلا تور سۈرئىتى 125k/sدىن ئىشىپ باقمىدى .لىكىن باشقا دوسلارغا دىسەم ئۆزىنىڭ كارتىلىرىمۇ  يېڭى يىل كىرگەننىڭياقى سەل ئاستىلاپ قالغانلىىنى دىدى.مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن ھازىر بەك ئاستا.
كىروس ۋاقتى: 2018-1-11 16:01:12
UYQIN يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 15:07
مەنمۇ ئالدىنقى ئايدا  ئالغانتىم  ھازىر  ئىشلىتۋاتقىلى   ...

ياق 40 جىدىن ئېشىپ كەتمىگەن . جىق بولسا 10 جى ئىشلەتكەندىمەن . ساتقان چاغدا 4G سۈرئەتتە 40جى ئېقىم چىقىدۇ . ئۇ تۈگىگەندە 3G سۈرئەتتە چەكسىز چىقىدۇ ، مەملىكەت خەۋەرلىرىنىمۇ ئېقىمغا كۆرىسىز دەپ ساتقان .
كىروس ۋاقتى: 2018-1-11 16:03:01
100 جى ئەمەس ئاران 10 جى ئىشلەتتىممىكى
Studios ۋاقتى: 2018-1-11 16:14:10
مەنمۇ تىگىرافنىڭ كارتىسىدىن بىرنى بىجىرگەن تور سۈرتى پەۋقۇلادە ئاستا 105kb دىن ئاشقىننى بىلمەيمە ئۈرۈمچىدە ئىشلىتىۋاتىمە ئاي بىشى ياكى ئاي ئاخىرى بولسۇن ئوخشاشلا ئاستا
yolwas05 ۋاقتى: 2018-1-11 16:23:06
مىنىڭمۇ ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم مۇشۇ كارتا تىما ئىگىسى دىگەندەك باشتا تورغا خېلى ياخشى چىقتى لىكىن نەچچە كۈندىن كىيىن سۈرئىتى بەك ئاستىلاپ كەتتى. بەزىدە ھەتتا تورنىڭ ئاستىلىغىدىن QQ مۇ ئېچىلمايدۇ . لىكىن مەن بىلەن بىللە كارتا سىتىۋالغان دوستۇمنىڭ خېلى ياخشى چىقىۋىتىپتۇ . نىمە سەۋەبلىگىنى مەنمۇ بىلمىدىم.
bahit ۋاقتى: 2018-1-11 16:36:28
مەن تېلگىراف كارتىسى ئىشلىتىىمەن، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مەنمۇ مۇشۇنداق 30 يۈەنلىك چەكسىز تور كاتىسى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىپ ئىشىنەلمەي ئالمىغان، تېلگىراف زالىغا كىرىپ سۈرۈشتە قىلسام 50يۈئەنگەچەكسىز تور  ئېچىپ بىرىمىز دىدى شۇنداق قىلىپ سېتىۋالدىم ، ئالدىنقى ئايدا 120جى ئەتراپىدا ئىشلىتىپتىمەن .بۇ ئايدا سىمسىز تور تارقىتىپ كومپىيۇتىردا تورغا چىقۋاتىمەن تورغا چىقىشى نورمال بۇرۇن سىمسىز تور ئىزدەپلا يۈرەتتىم ھازىر سىمسىز تور با تەرەپكە ئالىيىپمۇ قارىمايمەن.

oylan111 ۋاقتى: 2018-1-11 16:41:25
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ دىگەن  شۇ،سىز چەكسىز چىقىشنى  ئۆمىد قىلسىڭىز دىمەك شىركەت ئۆمۈدىڭىز بويىچە  چەكسىز چىقىشقا ئامال قىلدى (تور ئاستىلاپ 40gbدىن ئاشۇراممايسىز ،دىمەك بۇ چەكسىز)،كونىلارنىڭ  گىپى بويىچە سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق ،ئوتى بار يەرنىڭ  سۈيى  يوق قىلىپ  قۇيۇپتۇ.شۇڭا ئەڭ ئەقەللىسى بىكار ۋاقتىڭىز بولسا ئۇنداق ئىسراپ  قىلماي ئۈگىنىش قىلىڭ،(باشقىلار قانداق ئويلىدى بىلمەيمەن،بۇمىنىڭ شەخسىي قارىشىم )،ئەگەر راستىنلا كەچكىچە كىنو كۆرۈپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان بولسىڭىز ئۈگىنىش قىلىڭ،خەنزۇتىلى ئۈگىنىڭ (ئەپ ئىچىشنى ئۈگىنىڭ )ئىشقىلىپ نىمىلا  قىلىڭ  ئۈگىنىش قبلىڭ .
んì丫ǎしíℳ ۋاقتى: 2018-1-11 16:53:03
كۆزنەك ئەپ دىتالىدا كىنو كۆرسە ئېقىم ھىساپلىمايدىغان ئايلىق ئىجارە ھەققى19يۈنلىك جۇلا شاھ كارتىسىنى ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ ؟ مەن تۈنۈگۈن ئىلتىماس قىلىپ قويغانتىم باشقىلار ئۇنداق چىقامىكىن بۇنداق چىقامىكىن دەپ قورقۇتۇپ يۇرۇيدۇ  ئىشلىتىپ باققانلار چۈشەنچە بەرسەڭلار. ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-1-11 16:56:17
مەنمۇ بۇ كارتىنىڭ ئىلانىنى كۆرگەندە  ھازىرقى كارتامنى تاشلاپ قويۇپ ئاشۇ كارتىدىن بىرنى ئالماق بولۇپ ساتقۇچىدىن سورىسام ئۇ : بۇ كارتىنى بەك تەۋسىيە قىلمايمەن ، تەرەقىياتى بىزگە قاراڭغۇ ، ئالمايلا قويۇڭ دىگەنتى  توختاپ قالغان ، 50 يۈەنگە 100g لىق كارتا ئوغۇل بالىدەك كارتىكەن ، مەن ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىرىم يىل بولدى ، تور سۈرئىتى ھازىرمۇ
شۇنداق تىز ، سۆزلەشكىلى بولمىغان بىلەن ئۇچۇر يوللىغىلى بولدۇ ، ئەپسۇسلىنارلىقى  بۇنداق كارتىنى سىتىشتىن
توختىتىۋەتتىدە ، رىقابەت كەسكىنلىشىپ ماڭغانسىرى بىر خەۋەرلىشىشتىن چىقمىسا يەنە بىرىدىن چىقار !
abdureim ۋاقتى: 2018-1-11 18:46:08
んì丫ǎしíℳ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 14:53
كۆزنەك ئەپ دىتالىدا كىنو كۆرسە ئېقىم ھىساپلىمايدىغان  ...

ھەر ھالدا بوپ قويىدىكەن مەنمۇ يېڭى يىلدىن باشلاپ ئىشلىتىۋاتقان كۈندە بىكا بولسام كۆزنەك تە كىنو كۆرىمەن چ چ، ئۈندىدار ئويناپ دېگەندەك ئىشقىلىپ ھەر ھالدا رازى بولدۇم ھە راس 300 دانە ھەقسىز ئۇچۇرنىمۇ ئېلىۋالدىم نەچچە ئايدا 200 كويدىن ئېشىپ كېتەتتى ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى ماۋۇ ئايدا 100يۈەن يېتىدىغان ئوخشايدۇ
ناندار ۋاقتى: 2018-1-11 19:51:25
مەن مۇشۇنداق كارتلارغا تازا ئىشەنمەيمەن بۇنداق كارتىلارنىڭ چەكسىز ئېقمى راس ئەمما تۈلكە بىلەن تۇرنىنىڭ بىر بىرنى مىھمان قىلغىنغا ئوخشايدۇ
13379759077 ۋاقتى: 2018-1-11 19:59:45
بۇ كارتىدىن مەنمۇ بىر تال سېتىۋالغان كارتا تېخى قولۇمغا تەگمىدى سۈرۈشتۈرسەم بۇ قانۇنسىز كارتىكەن تور يۇچۇقىدىن پايدىلىنىپ شۇنداق ئېچىپ بىرىدىكەن ئالىدىغانلار ياخشى ئويلىشىڭلار
外力江 ۋاقتى: 2018-1-11 22:13:51
んì丫ǎしíℳ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 16:53
كۆزنەك ئەپ دىتالىدا كىنو كۆرسە ئېقىم ھىساپلىمايدىغان  ...

  جۇلا شاخ كارتىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى ماڭىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى ، تور سۈرىتى ياخشى ئىكەن.   تور چەكلىمىسى 40G ئىكەن ، سىز 40G   تورنى  ئىشلىتىپ بولسىڭىز تېلېفونىڭىز تورغا چىقمايدىكەن ، كېيىنكى ئايدا يەنە تورغا ئۇلىنىدىكەن،،،
@بەخىت ۋاقتى: 2018-1-11 22:29:53
جۇلاخان كارتىسنى مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن.بوپ قويدىكەن.تىڭشۈن ئەپلىرنى ئىشلەتسەك ،كۆزنەكتە كىنو كۆرسەك بولدىكەن.بىر كويغا بەشيۈز مىگا ئاپتۇماتىك ئىچىلىپ ماڭدىن بىر ئايدا ئوتتۇز كوي كەتتى ماڭا .ئون توققۇز كوينى ھەر كۈنى ئالتە مودىن تۇتۇپ ماڭىدىكەن.يىدۇڭ كارتامدا ئايدا بىر يۈز يىگىرمە يۈەنگە سۆزلشىپ تور ئىشىپ كىتىپ پۇل تۇتۇپ بەك زىرىككەن.جۇلاخان ئىلىپ خوش بولۇپ قالدىم سۈرئىتى فاھىدا400كىلوبايىتقا چىقىپ كىتىدۇ بىر نەتسە چۈشۈرسەم.سۈرەتلىرمىزنى كىيۇكىيۇ ئالبۇمىغا ساقلىساق ئىقىم خورىمايدىكەن.
يەنە بىرلەشمىنىڭ يانفۇن ئەپ دىتالىدا قايسى توربەتكە قانچىلىك ئىقىم كەتتى تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلغىلى بولدىكەن.
sodigar186 ۋاقتى: 2018-1-11 22:46:09
جۇلا شاھ كارتىسىنى مەن ئىشلىتىۋاتىمەن ئىككى ئاي بولدى تور سۈرئىتى بەك ياخشى توردىن نەرسە چۈشۈرسەم 3m/b ئەتراپىدا ماڭىدۇ لىكىن 40g تۈگىسە قەتئى تورغا چىقمايدىكەن تۈنجى ئايدا ئون كۈندە ئىشلىتىپ بوپتىمەن تورغا چىقمىدى 10010غا تىلفۇن قىلسام 40g تۈگەپتۇ كىلەركى ئايدا ئەسلىگە كىلىدۇ دىدى شۈنداق قىلىپ يىگىرمە كۈن تورغىمۈ چىقالمىدىم كىيىنكى ئايدا ئەسلىگە كەلدى 28كۈن يەتتى ھەقلىق ھەقسىز بولۇپ 40g ئىكەن تىڭشۈن ئەپلىرى ۋە كۆزنەككە ھەقسىز باشقا ئەپلەرگە بىر كويغا 500 مىگابايىت تور بىردىكەن بۇ تور ئۆزى ئاپتۇماتىك ئىچىلىدىكەن لىكىن 60g بولغان بولسا ياخشى بولىدىكەن
18096866959 ۋاقتى: 2018-1-11 23:25:22
بۇ كارتىنى 2ئاي پۇل سالمىسىڭىز نامىڭىزدىن چىكىتىدۇ دەيدىكەن راس چىكىتەمۇ
foxtpdf ۋاقتى: 2018-1-12 00:10:04
UYQIN يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 15:07
مەنمۇ ئالدىنقى ئايدا  ئالغانتىم  ھازىر  ئىشلىتۋاتقىلى   ...

مەن تېلېگراف خادىمىمۇ ئەمەس
220يۈەنگە(  تېلېگراف    1يىللىق) كۆرك قۇتىسىنىڭ سىملىق تېلىۋېزىيە سىنى ئورنىتىڭلا
خوشنام ئورنىتىپتىكەن wifiتارقىتالايدىغان مودېم بىلەن ئۇلاپ بىرىدىكەن، مەنمۇ ئۆيۈمنى چاققانلىق سەۋەبىدىن سىملىق تورسىمى ئۈزۈلۈپ كەتكەچكە ، خوشنامنىڭ wifiغا ئۇلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن ،  ئىشقىلىپ قىشتا ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىكەن ،
نىمە جاپا تېلفۇن كارتىدا تورغا چىقىپ مەن بۇرۇن بىرلەشمە كارتىسىدا ئېقىم ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك 240يۈەن قەرىزگە كىرىپ تۆلىگەن مانا ھازىر بىراقلا  
يىللىق تۆلەپ ئىشلىتىۋاتىمىز  ، مىنىڭچە كۆپ ئېقىم ئاچماي يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىچىدىكى ئېقىمنى سىرتلارغا چىققاندا ئۈندىدار q qلارغا ئالاقە ئىشلىرىغا كىنو كۆرۈش ماتېرىيال چۈشۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا شۇ wifi ياكى سىملىق تورنى ئىشلەتكەن تۈزۈك ، يىللىق تور پۇلىمۇ قىممەت ئەمەس،

メaУ︶ㄣDa ۋاقتى: 2018-1-12 00:50:40
10G دىن ئاشقاندا ئاستىلايدۇ  ، ساتقۇچى سىزگە ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن ئوخشايدۇ
HUXHUY6002 ۋاقتى: 2018-1-12 10:12:44
مۇشۇ ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ يىللىق تور ھەققى ھەر قايسى رايۇنلاردا ئوخشامدىغاندۇ مۇشۇ توغۇرسىدا مۇنازىرلىشىپ باقساق
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-1-12 10:33:33
بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەر نىڭ كارتىسى ،، شىنجاڭدا بۇنداق كارتا يوق،
كىروس ۋاقتى: 2018-1-12 11:20:55
قارىغاندا مۇشۇ ئاي ئىشلىتىۋېتىپلا ئىشلەتمىسەم بولغۇدەك بۇ كارتىنى
oylan2008 ۋاقتى: 2018-1-12 12:05:26
تىلگىرافنىڭ سىملىق تۇرنى ئىشلىتۋاتقانلا ،ئەگەر بىر كۈنلەرى تورنى ئىشلەتمەس بوپ قالساڭلا پوچتىخانىدىن ئادەم چىقىپ تور سىمىنى كىسىپ يىغىپ ئەچىقكىتىدىكە ،بىراق سىلەمۇ يەنە پوچيىخانىغا چىقىپ تورنى توختۇتۇش توغرىسدا رەسمىيەت بىجىرمىسەڭلەئاشۇ سىملىق تور نامىڭلىدا قەرىزگە مىڭىۋېردىكە   تورنى ئۈزۈپ سىمنى ئەچىقكەتتى ھەممىە ئىش تۈگىدى دەپ ئولتاساق بولمايدىكە مەن ئاشۇنداق قىلىپ بىكالا 1550كوي قەرىز
sultaneli ۋاقتى: 2018-1-12 17:11:16
بۇ ئەسلى مۇنداق گەپ . چەكسىز كارتا دېگىنىمىز راس ئەمما تورغا چىقىش شەكلى ئوخشىمايدۇ يەنى 40Gنىڭ ئىچىدە تور سۈرئەت(4G)
بى ئۇنىڭدىن ئېشىپ 100Gغىچە(3G)ئۇنىڭدىن ئاشقىنى (2G)ھالەتتە تورغا چىقىدۇ شۇڭا سىزنىڭ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن سىزنىڭ تور سۈرئەتنى ئاستا ھېس قىلغىنىڭىز نورمال ئىش
azapsez ۋاقتى: 2018-1-12 17:23:27
مەن جۇلا پادىشاھ كارتىسنى ئىشلىتۋاتقىلى 2 ئاي بولدى تور سۈرىتى ئىنتايىن تىز توردىن كىنو چۈشۈرسەم ئەڭ تىز بولغاندا 3mb\ s ئەتراپىدا بولدى ئندىداردا پاراڭلاشسام رەسىم يوللساق ناشقىلارنىڭ رەسىمىنى كۆرسەك چچ  دىمۇ شۇنداق پۇل تۇتمىدى ئېقىم ماڭمىدى كۆزنەك كىمۇ مۇشۇ  تېلفۇن نۇمۇرى بىلەن تىزىملىتىپ كىنو كۆرسەم ھەقسىز يەنە  تىڭشۇننىڭ ۋىدىيو دىتالىدا قىسقا فىلىم كۆرسەك مۇ ھەقسىز ئەمما ئۇلانما قىلىپ قويغان باشقا توربەتلەرنىڭ يەنە  يۇكۇ  نىڭ كىنۇسىنى كۆرسەك ھەقىلق كەن
ئۈندىدار چچ  سالون توپلاردا يوللىغان ۋاقتى 10سىكونت تىن ئاشقان ۋىدىئو كىنۇلار نى كۆرسەك ھەقىلق كەن
تىڭشۇننىڭ ئۇيۇنلىرنى ئوينىساق ھەقسىز كەن
بايا دىگەن ھەقلىق دىگىنىم ئاشۇ باشقا توربەتلەردىكى كىنونى كۆرسەك چۈشۈرسەك 1كويغا 500mb ھىساپلاپ پۇل تۇتىپ قالدىكەن، رايۇن ئاتلاش دىگەن گەپ بولمىدى
بىز دائىملا تىڭشۈننىڭ دىتاللىرنىلا كۆرۈپ ئىشلىتىپ ئولتامايمىز دە
بىلگەن ھىسقىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك پايدىلىنىپ قالغايسىلە
RafKat ۋاقتى: 2018-1-12 17:54:28
دوستۇم بەلكىم تېلفۇنىڭىزدىكى مەسىلە ئوخشايدۇ مەنمۇ تېلگىرافنىڭكىدىن ئىشلىتىۋاتىمەن ئايدا 30  يۇەن تۆلەيمەن تېلفۇندا دائىم كىنو كۈرىمەن تور تارقىتىپ كومپىيوتىرىمدا چىقىمەن نۇرمال  تور تارقاتقاندا سەل ئاستىلاپ قالىدىكەن  شۇ   مەن  تېخى مۇشۇنى ئاستا كۈرۈپ بىرلەشمىنىڭكىدىنمۇ بىرنى ئىشلىتەي دىسەم بۇ  سىز  دەرت تۈكۈپ يۈرۈپسىزغۇ ئادەمنىڭ رايىنى ياندۇرۇپ   ئەمما   چەكسىزلىكى  بەك   ياقتى ماڭا
foxtpdf ۋاقتى: 2018-1-12 20:51:39
HUXHUY6002 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-12 10:12
مۇشۇ ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ يىللىق تور ھەققى ھەر قايسى  ...

مەن قاراقاش ناھىيسىدىن بۇلتۇر 1ىنجى ئايدا 600يۈەنگە كۆرك تېلېۋىزىيە قۇتىسى بىلەن سىملىق تورنى ئۆيۈمگە ئەكىرىپ بەرگەنتى ئاكا ئۇكا ىكەيلەن 300يۈەندىن چىقاغانتۇق . كۆرك قۇتىسىدا ئۆيدىكىلەر تېلېۋېزور كۆرىدۇ ،
سىملىق تورنى يانفۇندا كومپيۇتېردا ئىشلىتەتتۇق .
بۇيىل ئېتىبار مۇ بىلمىدىم . تور پۇلىنى تاپشۇرۇش توغرىلىق تېلگىراف ئىدارىسىدىن تېلفۇن قىلدى . تىجارەت زالىغا بارسام
2يىللىقىغا600يۈەن تۆلىسىڭىز بۇلىدۇ ،دېگەنتى شۇندا قىلدىم يىللىقى ماڭا 150يۈەن بولىدىكەن ، ئاكامغا 150يۈەن بولىدىكەن .

ئىشقىلىپ سىملىك تور ئەرزان توختايدىكەن يىللىقى 300يۈەن
خوشنام كۆرك تېلېۋىزور قۇتىسى ئەكىردى يىللىقى224يۈەن
قىززىق يېرى ئۇلارنىڭ مودېمىدا wifi ئىقتىدارى بار يانفۇننى ئۇلاپ قۇيۇپ  ھەممە تورغا نۇرمال چىققىلى بولىدىكەن .
ئىشقىلىپ تېلگىراف سىملىق تورى ئەرزان بۇپقالدىكەن.
ئېقىمدىن ئەنسىرەش يوق.
qaq ۋاقتى: 2018-1-12 22:07:32
foxtpdf يوللىغان ۋاقتى  2018-1-12 00:10
مەن تېلېگراف خا&#158 ...

كۆرۈك قۇتىسىنىڭ سىمسىز تور تارقىتىش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىدىكەنغۇ ؟تور بىلەن بىللە ئەكىرمىسە تور تارقىتالمايدۇ.
13279793168 ۋاقتى: 2018-1-14 12:13:33
んì丫ǎしíℳ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 16:53
كۆزنەك ئەپ دىتالىدا كىنو كۆرسە ئېقىم ھىساپلىمايدىغان  ...

مەن ئىشىلتىۋاتىمەن جۇلا شاھ كارتىسنى ئايلىق ئىشىلتىش ھەققى 19 يۈئەن بەلگىلەنگەن ئەپلەدىن باشقا ئەپلەگە ئېقىم مېڭىپلا كەتسە ئاپتۇماتىك ھالدا 1 يۈئەنگە 500 مىگابايىت ئېچىلىپ كىتىدىكەن
ABDU89 ۋاقتى: 2018-1-14 14:42:33
bahit يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 16:36
مەن تېلگىراف كار ...

تىلگىرافنىڭ ھەممە كارتىلىرغا ئىچىپ بىرەمدىكەن 50يۈەنگە چەكسىز تورنى
cs1.5 ۋاقتى: 2018-1-15 21:20:47
ABDU89 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-14 14:42
تىلگىرافنىڭ ھە&#1605 ...

شۇنداق تېلگىرافنىڭ ھەرقانداق كارتىلارغا ئېچىپ بىرىدىكەن، باشقىلار دىگەندەك مانچىلىك ئىشلەتكەندىن كىيىن تور سۈرئىتى ئاستىلايدىكەن چەكسىز تور دىگەن گەپكە ئىشەنمەڭ، باشقا خەۋەرلىشىشنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىدىم. تىلگىرافنىڭ بۇ چەكسىز تور كەسپىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قالدىم، تېلگىراف زالىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ
oylan2008 ۋاقتى: 2018-1-15 21:59:14
شايار ناھىيەسىدىمۇ بۇ تىلگىرافنىڭ چەكسىز توركارتىسى يولغا قۇيۇلدى ئايلىقى 49كوي 100مىنۇت سۆزلىشىش ،ۋىلايەت ئىچىدە تور چەكسىز ۋىلايەت سىرتىغا چىققاندا بىر جى دۆلەت ئىچى ئېقىم مىقدارى باكە كونا كارتىلاغا بۇيۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ يوقئۇقمۇدۇم
باشلىق ۋاقتى: 2018-1-15 22:17:57
مەن داۋاڭ كا ئىشلىتۋاتمەن، ئىككى ئاي بولدى تور سۈرئىتدىن رازى بولدۇم گاھى ئىككى ئىمبىدىن ئاشدۇ تۈۋەن بولغاندا ئادەتتە 600kb دىن چۈشمەيدۇ،  بىر ئىككى سائەتلىك كىنو بولسىمۇ قاتماي چىقدۇ،   بۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 19يۈەنلىك تور كارتىسى
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部