+تېما يوللاش
MAHMUDJAN2764 يوللانغان ۋاقتى:2018-1-10 15:32 2685 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خەيرى خوش Windows 8.1! مىكروسوفىت 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاساسلىق مۇلازىمەت قوللىشىى ئاخىرلاشتى.
   
ITئائىلسى خەۋرى .2018-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مىكروسوفىت Windows 8.1 مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ئاساسلىق قوللاش مۇلازىمىتىنى ئاياغلاشقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. بۈگۈندىن كىيىن كىڭەيتىلمە قوللاش ھالىتىگە ئۆتىدۇ، باشىقىچە قىلىپ ئىيتقاندا بۇندىن كىيىن Windows 8.1 مەشغۇلات سىستىمى قەرەرلىك ھالدا يىڭى ئىقتىدار ۋە بىخەتەرلىك يىڭىلىنىشىغا ئىرشەلمەيدۇ،پەقەت نىشانلىق ۋەياكى ئىغىر BUG كۆرۈلگەندىلا ئاندىن تىخنىكىلىق ياردەم ۋە ئوڭشاشقا ئىرشەلەيدۇ.
ئىگىلنىشچە ، كىڭەيتىلمە قوللاش 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىىگىچە. بىراق Windows 7 كىڭەيتىلمە قوللاش 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
[/
ھازىر، مىكروسوفىت ”ياردەمچى مۇلازىمەت“ ئورگان توربىىتىدىن Windows 7 ھەم Windows 8.1 يەنىلام ھەقسىز 10 Windows غا كۆتۈرگىلى بولدىغانلىقىنى بايقايسىز.كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى  يەنى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمى ئاياغلىشىدۇ ، مەشغۇلات سىستىمىسى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقۇملۇقى ئۈچۈن ،ھەرقايسىڭلارنىڭ تىزراق كۆتۈرۋىلشىڭلىنى تەۋسىيە قىلمەن.
  ئورگان توربىتى

20180110_122715_741.png
    Windows 8.1 مەشغۇلات سىستىمىسى  2013-يىلى 10-ئايدا ئىلان قىلىنغان ،Windows 8 دىكى بىزى بىر قاتماللىقلار چىقىرۋىتىلگەن، Windows 7 گە قارغاندا سىغدۇرۇشچانلىقى ياخشى(يەكلەشچانلىقى تۆۋەن)،قوزغۇلشى تىز، بىر ئەۋلات كىلاسسىك  مەشغۇلات سىستىمىسىدۇر،2017-يىلى 12-ئايغىچە ،Windows 8.1 نىڭ ئىگەللەش نىسبىتى يەنىلام %10 ئەتراپىدا.
10 Windows غا ھەقسىز يىڭىلاش دىتالى: چۈشۈرۈش
بىر چىرايغا ئاشىق بولساڭ مىڭ چىرايغا قارغۇ بولىسەن.

10ئادەم ئىنكاس يازدى

ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-1-10 16:10:54
win xp ھەم win7 غا قارىغاندا 8.1 نى قوللاش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالدىمۇ نىمە ؟ قارىغاندا win10 نى خىلى ئۇزاق ئىشلىتىدىغان ئوخشايمىز
رۇھ ۋاقتى: 2018-1-10 16:30:51
Microsoft يانفۇنغا بەك كۈچەپ كەتمىگەن ئۇخشايدۇ. ۋىندۇۋىسفۇن تۇغرىلۇق خەۋەرلەر ئۈزۈلۈپ قالدى.
ITboss ۋاقتى: 2018-1-10 19:50:01
win10ھەقىقەتەن ياخشى ،لىكىن دۆلەتلىك كومپىيوتىر دەرىجە ئىمتىھان دىگەنلەرنىڭ سېستىما ھالىتى يەنىلا win7ئىكەن،ھەم دەرسلىك سۆزلىنىدىغان ماتىرىياللارمۇwin7ئاساس قىلىدىكەن ،شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر win7نى ئىشلىتىپ كەگەنتىم، win10نى ئىشلەتسىمۇ جېق پەرقى يوقمىدۇ ئالىپداشلار
baxtax ۋاقتى: 2018-1-10 22:48:56
ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-10 16:10
win xp ھەم win7 غا قارىغاندا 8.1 نى قوللاش ۋاقتى بەك قىسقا بول ...

بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەبنى مەن مۇنداق ئاددىيلاشتۇرۇپ چۇشەندىم، win7 بولسا win xp نىڭ يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن مۇكەممەل نۇسخىسى، 8ۋە 8.1  بولسا بۇلۇت ھىسابلاش تېخنىكىسىغا مايىللاشتۇرۇش دەسلەپكى پىلانىدىكى سىناق نۇسخا، 10 بولسا مىكروسوفىتنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش نۇسخىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن نۇسخىسى
margan65 ۋاقتى: 2018-1-10 23:07:44
يېڭىلاش  بېتى  نورمال لىكىن،يېڭىلاشنى  باسساق  توربەت  ئېچىلمايدىكەن
bulbulla ۋاقتى: 2018-1-11 12:30:24
مەن ۋىن7نى مۇۋاپىقىيەتلىك يۇقۇرى كۆتۈرگەن ئەمما قۇزغىتىدىغان چاغدا ئاچقۇچ نومۇرى تەلەپ قىلىدىكەن ئاچقۇچ نومۇرىنى كىزگۈزمىسە ئەسلىدىكى سېستىمىدا قوزغىلىدىكەن يۇقۇرى كۆتۈرگەن سېستىمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالغان ئاچقۇچ نومۇرىنى كۈرگۈزۈش كېرەككەن
ئىقرار ۋاقتى: 2018-1-12 00:28:16
WINDOWS 10 نى  كومپيۇتېرغا قاچىلاش ئۈچۈن كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى قايسى ئۆلچەمدە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مېنىڭ كومپيۇتېرىم ۋىندوۋس ، ئېكىس پى. ۋىندوۋىس يەتتە Windows سەككىزنى قوللايدۇ.ئەمما ۋىندوۋس ئون نى قاچىلىسام.  قاچىلاش يۈزى تاماملىنىپ سىستېمىنى يايدىغان ھالەت كەلگەندە قارا ئېكران بولۇپ  سىستېما يېيىلمايدۇ ، نۇرغۇن قېتىم سىناپ باقتىم ، ئامال قىلالمىدىم. كومپيۇتېرىم ئوتتۇز ئىككى بىتلىق سىستېما قوللايدۇ. ئوتتۇز ئىككى پبىتلىق Windows سىستېمىنى قاچىلاپ باقسام نورمال  قاچىلانمىدى؟ سەۋەبى نېمە؟ مەن ئادەتتە سېستىما قاچىلىسام توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايتتىم. سېستىما ئاكتىپلاشھەقلىق سېستىما دېگەنلەرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقمىغان،  كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمە تۆۋەن كېلىپ قالدىمۇ  ئۇقمىدىم.
Blu_Wolf ۋاقتى: 2018-1-13 22:58:07
ۋىن 10 كۈرۈنمە يۈزى يەنلا ۋىن 7 دەك يېقىشلىق ئەمەس ، بىر خىل قوپال ، سىرىتقى كۈرىنىشى  ئىقتىدار تىزىملىكى يەنلا ۋىن 7 نىڭ كۆركەم مەجبۇرى ۋىن 10 كۈچىرمىز  دىمەي  ۋىن 10 نىڭ سېستىما تەلپىنى تۆۋەنلىتىپ  ،  ئىجرا سىغمى 1G ياكى 2G كومپىيۇتېرلامۇ راۋان سۆرىيەلەيدىغان قىلسا ئابۇنىتلار ۋىن 10 غا ئۆزلىكدىن كۆتىرىدۇ ، ھازىر  تۆۋەن سېستىما تەلپى ئىجرا سىغمى 4G ، ۋىن 10 پىروگىرامما سىنبەلگىسنى سەل كىچىكلىتىپ DPI ئىقتىدارنى  قوشماپتۇ يا ، شۇڭا سىرىتقى كۈرىنشى سەت چىقىپ قالغان نىمە ئۇنىڭ  ،  XP نىمۇ يېڭلاش مۇلازىمىتىدىن توختىتۋەتكىلى نىكەم ھازىرمۇ نورمال ئىشلەۋاتمامدۇ ، ۋىن 7 يېڭلاش مۇلازىمتىدىن توختىسمۇ يەنلا ئىشلىتىمىز ،  ۋىن 10 تاكى مۇكەممەللىشىپ ئىقتىدار ۋە سىرىتقى كۆرىنشى ۋىن 7 نى بېسىپ چۈشكىچە بەش ئون يىل ، مەن ۋىن 10 نىڭ 7 يىللىق كومپىيۇتېرغا ماسلاشقىننى ئەمەس 3 ~ 5 يىللىق كومپىيۇتېرلاغىمۇ ياخشى ماسلىشىپ يىنىك سۆرىگەننى كۆرمىدىم ،
alkamjon ۋاقتى: 2018-1-17 12:15:35
ئويۇن ئويناشقا win7 ياخشاراق دەپ ئويلايمە
subat118 ۋاقتى: 2018-1-20 01:43:32
ھېي  باللا  1/2G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ  نېمىگە يېتىدۇ ؟  ئويلاپ بېقىڭلا  تېلىفۇننىڭمۇ 4G ھازىر يۇقىرسى 8G  ، م300/200 كويلارغا بېرىىپ قالا  4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچنى شۇنى ئىشلىتىڭلا ، باشقىلاردىن ئاغرىنماي ئۆزەڭلاردىنمۇ ئىزدەپ  بېقىڭلا  سەۋەپنى  & hellip;
مېنىڭ كومپىيوتىرىمدا 8G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ با ، win7 نىڭ 64 بىتلىقىنى ئىشلىتىمە win10  غىمۇ كۆتۈرەپ سىناپ  باقتىم شۇنداق  نورمال ، لېكىن ئويۇن ئويناش ئۈچۈن ھازىرچە   win 7 نىڭ  64 بىتلىقى ئەڭ ياخشى دەپ  قارايمە مەن ئەمدى ئۆزەمچە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部