+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-3 15:27 5787 قېتىم كۆرۈلدى 22 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپايدىكى 蚂蚁借呗 ۋە 花呗 ئالىپاي بايرىقى ئاستىدىكى چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ (蚂蚁金融) بىر خىل ئىنتېرنېت تورى ئىناۋەت مەھسۇلاتى. ئىشلەتكۈچىنىڭ 芝麻信用分 كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرى 600 دىن يۇقىرى بولسا 蚂蚁借呗 ئېچىلىدۇ. كېپىلسىز، رەنىسىز قەرز ئالغىلى بولىدۇ. جىددىي پۇل لازىم بولغاندا بىرەرسىگە سارغايماي دەرھال قەرز ئالالايسىز. ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي. 蚂蚁借呗 نىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسىنى سىستېما ئىشلەتكۈچىنى ئونۋېرسال باھالاپ بېكىتىدۇ. يەنى ئىشلەتكۈچىنىڭ كۈندىلىك ئىناۋىتى، ئىستىمال خاتىرسى، قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئونۋېرسال باھالايدۇ. 蚂蚁借呗 دىن قەرز ئالغان پۇل بىۋاستە بانكا كارتىڭىزغا كىرىدۇ.
5973f30f420ab-hiapk_autow600-.jpg
خۇابېي 花呗 مۇ بىر خىل ئىناۋەت پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتى. تاۋباۋ، تىيەنماۋدا ياكى تەستىقتىن ئۆتكەن ئەمىلىي دۇكانلاردا مال سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىكى پۇلنىمۇ قەرز ھېسابىدا ئالدىن خەجلەپ مال سېتىۋالىسىز. مۇددىتى توشقاندا قايتۇرسىز. جىيې بېي غا ئوخشىمايدىغىنى خۇابېيدىكى پۇلنى پەقەت مال سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىسىز. بانكا كارتىسىغا چىقىرۋالغىلى بولمايدۇ. (توردا خۇابېيدىكى پۇلنى نەقلەشتۈرۈپ بېرىمىز دەيدىغان ئېلانلار بار، خۇابېيدىكى پۇلنى نەقلەشتۈرۈش جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ، شۇڭا بۇنداق ئىشتىن يىراق تۇرۇڭلار)
يېقىندا بەزىلەرنىڭ خۇاۋېبي، جىيې بېيسى تاقىلىپ قالدى. ئۇنداقتا  蚂蚁借呗 ۋە 花呗 نېمە سەۋەبتىن تاقىلىپ قالىدۇ؟
2016112093799199.jpg
1. خۇابېي، جىيې بېي ئېچىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمىسە سىستېما سىزنى قەرز پۇلغا ئېھتىياجى يوقكەن دەپ قاراپ تاقىۋېتىدۇ.
2. ئىناۋىتى ناچار بولسا تاقىۋېتىدۇ. قانداق بولسا ئىناۋىتى ناچار بولىدۇ؟
تاۋباۋدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئىناۋىتى بولۇپ قالماي يەنە سېتىۋالغۇچىلارنىڭمۇ ئىناۋىتى بولىدۇ. مال سېتىۋېلىپ، پۇل تۆلەشنى كەينىگە سۆرىسە، مالغا ئىسپاتسىز ناچار باھا بەرسە، مال قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ساتقۇچى پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسىمۇ مالنى سېلىپ بەرمىسە... بۇ خىل ئىشلار ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، خۇابېي، جىيې بېي تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
3. قەرز قايتۇرۇش قەرەلى ئۆتۈپ كەتسە. بۇنى چۈشەندۈرمىسەكمۇ كۆپچىلىككە ئايان؛ مەيلى ئەمىلىي بانكىدىن، تۇنۇشلىرىڭىزدىن قەرز ئېلىڭ، ياكى توردىكى جىيې بېي، خۇابېي ... دىن قەرز ئېلىڭ قەرەلى توشقاندا چوقۇم قايتۇرۇشىڭىز كېرەك.
4. ئالغان قەرزنى بۇرۇن قايتۇرۋەتسە.
قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسىغۇ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتسۇن، ئەمدى بۇرۇن قايتۇرۋەتسىمۇ جىيې بېي تاقىلىپ قالسا قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ دەل شۇنداق. ئالىپايدىن 12 ئايلىق مۆھلەتتە قەرز ئالغان بولسىڭىز 8 ئاي بولغاندا قەرزنى قايتۇرۋەتسىڭىز ئالىپاي ئۆسۈمىدىن زىيان تارتىدۇ. بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرسە جىي بېي نى تاقىۋېتىدۇ. نۆۋەتتە جىي بېي تاقىلىپ قالغانلارنىڭ %70 ى مۇشۇ سەۋەبتىن تاقىلىپ قالدى.
5. 蚂蚁借呗 ، 花呗 نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار، ساختىلىق قىلدىغان قىلمىشلار، مەسىلەن يۇقىردا دېگەندەك خۇابېيدىكى پۇلنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن چىقىرۋالدىغان... دېگەندەك قىلمىشلار سىستېما تەرىپىدىن بايقىلىپلا قالسا خۇابېي، جىيې بېي تاقىلىپ قالىدۇ.


22ئادەم ئىنكاس يازدى

yasman ۋاقتى: 2018-1-3 15:49:58
مىنىڭ خۇابى ئوچۇق كۈنجۈت نۇمۇرۇم 643 لىكىن نىمە ئۈچۈن 借呗 ئىچىلىمايدۇ ، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت
tog_rak ۋاقتى: 2018-1-3 16:15:35
قايسى كۈنى قەرىزنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ كەچتىلا قارىسام جېبېي تاقىلىپ قېپتۇ   بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ۋاقتى كەلگەندە قايتۇرىتىم
رۇھ ۋاقتى: 2018-1-3 16:58:53
مىنىڭمۇ قەرىز ئېلىش سۇمىسى 8000سۇم چىقىرىپ بىرىپتىكەن. لازىم بۇلغاندا ئالامەن دەپ بۇلغىچە تاقىلىپ قاپتۇ. قايتا ئاچالمىدىم. ئۈسۈمى بەك تۈۋەن دەپ ئاڭلىدىم. ھازىرچە شاۋمېي قەرىز دىتالىدىن ئېلۋاتىمەن9
سال ۋاقتى: 2018-1-3 17:29:32
مېنىڭ كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرۇم  705، 蚂蚁花呗 بۇرۇنلا ئېچىلغان، قەرز ئالغان پۇللارنى ۋاقتىدا قايتۇرىۋاتىمەن، نېمىشقا 蚂蚁借呗  ئېچىلمايدىغاندۇ، مېنىڭ ماتىريالىمدا ئوقۇغۇچى دەپ بولغاچ ئېچىلمامدىغاندۇ يە
abdurusul ۋاقتى: 2018-1-3 17:31:00
تاقىلىپ قالغىنىنى ئاچقىلى بۇلامدۇ؟
nawayi ۋاقتى: 2018-1-3 17:43:58
مەن ئالىپايدىن تېلفۇنغا 80كويچە پۇل قاچىلاپ ئىشلەتتىم لىكىن 余额دىكى پۇلۇم ساپساق بۇ نىمە ئىشتۇ ئىشكەتكىلى ئىككى ئايمۇ بولمىغان تېخى مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار
qainak ۋاقتى: 2018-1-3 18:03:34
مۇشۇ توختاپ قالغانچە توختاپ قالامدۇ ياكى  كېيىن بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېچىلامدۇ. مۇشۇ ھەقتىمۇ ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
ئارتۇچ ۋاقتى: 2018-1-3 18:04:53
借呗نى قايتا ئىچىشنىڭ. ئامالى بارمۇ؟مېنىڭ بۇرۇن بىر قىتىم ئىچىلغان كىيىن  قەرىزگە پۇل ئالماي ئۆزلىكىدىن تاقىلىپ قالغان...ھازىرغىچە پەقەت ئىچىلمىدى
abdurusul ۋاقتى: 2018-1-3 19:01:37
nawayi يوللىغان ۋاقتى  2018-1-3 17:43
مەن ئالىپايدىن تېلفۇنغا 80كويچە پۇل قاچىلاپ ئىشلەتتىم  ...

قەرىزگە ئاچقان ئوخشايسىز
18609033523 ۋاقتى: 2018-1-3 19:15:03
ھۆرمەتلىك تەھرىرلەر ،ھازىر جىفۇباۋ ئىشلىتىش خېلى ئۇمۇملىشىپ كەتتى جىفۇباۋنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولساڭلار تۇلىمۇ خۇشال بۇلاتتۇق  
║$QLA┼A┼0998 ۋاقتى: 2018-1-3 19:26:12
ئارتۇچ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-3 18:04
借呗نى قايتا ئىچى&#158 ...

جىفۇباۋدىكى خۇۋابى  يەنى قەرىز پۇل  ئىشلىتىپسىز  9چىسلاغىچە تاپشۇرۋەتمىسىڭىز   ئۆسۈم كىلىدۇ
alip ۋاقتى: 2018-1-3 19:27:24

بۇ گەپنى كۆپلىگەن تورداشلار دېدى. ئالىپاي پۇل-مۇئامىلە ئەپ دېتالى. ئۇنىڭغا تىل قوشىدىغان ئىشنى ئىگە تەرەپتىن قىلمىسا بولمايدۇ. باشقىلار تەھرىرلەپ تەرجىمە قىلسا نورمال ئىشلىمەيدۇ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسلىق خەتلىرى مۇلازىمېتىردا، ئۇلارنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ.
13209038919 ۋاقتى: 2018-1-3 20:58:25
مىنىڭ كۈنجۈت نۇمۇرۇم 593 مەن 花呗دىن ئازراق ئىشلەتكەن لېكىن قانداق قايتۇرۇشنى بىلمىدىم. مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار
foxtpdf ۋاقتى: 2018-1-3 23:15:03
社会保障卡توغرىسىدا ئاشراق چۈشەنچە بەرسەڭلا بىلىدىغانلا  
بۇندىن كىيىن كىملىك، بانكا كارتىسى ،داۋالىنىش كارتىسى  قاتارلىقلارغا مۇشۇ ئىجتىمائى كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىمىزمۇ ؟ بۇرۇنقى كىملىكىمىزنىچۇ ؟ مۇشۇ توغرىسىدا
ئىنىقراق تەپسىلى بىر بىلىۋالساق دېگەن ئۈمۈدۈم بار!
foxtpdf ۋاقتى: 2018-1-4 10:19:22
13209038919 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-3 20:58
مىنىڭ كۈنجۈت نۇم ...

支付宝نى ئېچىپ كېيىنكىقەدەمدە
我的نى بېسىپ ئۇنىڭدىن 花呗دېگەن خەتنى باسسىڭىز
مەن ئەۋەتكەن رەسىمدىكىدەك يەر چىقىدۇ شۇنىڭغا
ئاساسەن 花呗قەرزىڭىزنى قايتۇرسىڭىز بۇلىدۇ،
101922x4072bb16rc49ys9.jpg
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-1-4 12:05:20
مىنىڭ كۈنجۈت نۇمۇرۇم ئۆسمىگىلى تۆت ئاي بولدى ، يېقىندا تېخى 淘宝 دىن 4000 يۈەنلىك مال ئالدىم ، مەن تېخى نەچچە نۇمۇر قۇشلۇپ كىتە دەپ خىيال قىلىپ يۈرۈپتىمەن  ئەمما بىرمۇ نۇمۇر بەرمىدى ، يا 借呗 نى ئېچىپ بەرمىدى ، بولمىسا 花呗 دىكى پۇلنى خەجلەپ مېڭۋاتىمەن ، زادى نىمىشقا ئۆسمەيدىغاندۇ ، بىرمۇ نۇمۇر قېتىپ بەرمىدى دىسە ، قانداق قىلساق نۇمۇر ئۈسىدۇ
000@000 ۋاقتى: 2018-1-4 12:17:11
مەن 花呗دىن خىلى پۇل ئىلىپ ئىشلەتتىم لىكىن قەتتى پۇلنى قايتۇرالمىدىم   قانداق قىلسام بولا
SweeT7565 ۋاقتى: 2018-1-4 14:10:40
بۇ نىم بولغىنى قەرىز ئاپ قويمىغاندىمەن ھە ؟؟
141040e1xq4zgntknrvt1g.png
qq740404647 ۋاقتى: 2018-1-4 14:39:40
13209038919 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-3 20:58
مىنىڭ كۈنجۈت نۇم ...

ھەر ئاينىڭ 9-كۈنى ئاپتۇماتىك تۇتۇپ قالىدۇ ، بانكا كارتىسدا پۇل بولۇشى كېرەك ،
属于我。世界只 ۋاقتى: 2018-1-4 19:51:34
ھازىر  蚂蚁借呗تاقىلىپ  ، 网商贷ئېچىلىپتۇ ، 支付宝غا كىرىپ 我的نى  بېسىپ ئاستىغىراق  سۈرسەڭلەر  چىقىدۇ ، 蚂蚁借呗دىكى قەرىز ئېلىشقا  بولدىغان سومما  شۇ يەردە چىقىدۇ
ulker110 ۋاقتى: 2018-1-5 00:38:43
تور ئەھلى مۇشۇ خۇبىينىڭ ئېچىش ئۇسۇنى بىر مەزمۇن قىلىپ يوللاپ بەرگەن بولساڭلا كۆپ باللار سىلەردىن مىننەتدار بۇلاتتۇق نۇرغۇن باللار نىڭ توختاپ قاپتۇ
ababab ۋاقتى: 2018-3-4 06:45:07
花呗。 قەرزىنى بالدۇر قايتۇرسىمۇ بولمامدا.مەن ئۇياقتىن ئىلىپ بۇياقتىن  قايتۇرۋەتكەن .دەرىجەمنى ئۆستۈرۈپ جىقاراق قەرىز ئالاي  دەپ ..خۇابىدىكى قەرز سوممىنى قانداق قىلىپ  يۇقىرىلاتقىلى بولىدۇ.؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部