+تېما يوللاش
UCHKUN يوللانغان ۋاقتى:2018-1-3 00:23 2346 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UCHKUN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-3 00:25  

ياخشىمۇ سىلەر ئالىپ تورىدىكى بارلىق تورداشلار! يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن(گەرچە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ)
كومپىيوتور يېڭى بارلىققا كەلگەندە كىشىلەر  DOS دەپ ئاتىلىدىغان سېستىمىنى ئىشلىتەتتى بۇ سېستىما Windows قا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئېكران قاپقارا يورۇپ تۇرىدۇ. سىز پەقەت بۇيرۇقنى كىرگۈززۈش ئارقىلىقلام مەشغۇلات قىلالايسىز. بۇ چاغلاردا CMD بۇيرۇقلىرى كەم بولسا بولمايدىغان ناھايىتى مۇھىم نەرسە ھىسابلىناتتى. دۇنياغا تونۇلغان نۇرغۇن ئۇلۇغ پىروگىراممىر ۋە كومپىيوتورچىلار DOS ھالەتتىكى سېستىمىنى ياخشى بىلىدۇ.
گەرچە ھازىر ۋىندوۋس بەرپا بولۇپ خېلى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ DOS سېستىمىدا قوللىنىلغان بۇيرۇقلار يەنىلا ئۇنتۇلغىنى يوق.تۆۋەندە CMD بۇيرۇقلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ۋە قانداق ئىشلىتىش توغۇرىسىدا ئاز-تولا بىلىملەرنى يوللاپ قويدۇم.
1:CMDنى قوزغىتىش
بۇنى قوزغىتىش بەكلا ئاسان، WIN كونۇپكىسىغا R نى قېتىپ بېسىپ ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە CMD دەپ باسسىڭىزلام بولدى.
1.PNG
ئەمدى نۇر بەلگىسى بىلەن ھەپىلەشمەيلا بۇيرۇق كىرگۈزۈشنى باشلايمىز
بۇيرۇقلار
1: system info
بۇ بۇيرۇق كومپىيوتورنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىپ بېرىدىغان بولۇپ سىز يېڭى كومپىيوتور ئالماقچى بولغان مۇشۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپلا ھەممە سەپلىملىرىنى كۆرۈۋالالايسىز.
02.png
03.png
04.png
2:winver
بۇ بۇيرۇق سېستىمىنىڭ نەشىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ
05.png
3:dxdiag
بۇ بۇيرۇق DirectX ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش كۆزنىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ
06.png
4:devmgmt.msc
بۇ بۇيرۇق ئۈسكىنە باشقۇرغۇچىنى ئېچىپ بېرىدۇ
07.png
5:shutdown -s -t 3600
بۇ بۇيرۇق كومپىيوتورنى ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۈرۈش بولۇپ ئاۋۇ ئارقىدىكى 3600 سىكونت بولۇپ 60 قا ئۆزگەرتسىڭىز 1مىنۇتتىن كىيىن ئۆچىدۇ دىگەن گەپ
08.png
6:shutdown -a
بۇبۇيرۇق ئۈستىدىكى بۇيرۇقنى توختىتىدۇ يەنى ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۈرۈش بۇيرىقىنى قوزغۇتۇپ قويۇپ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز مۇشۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ!

8ئادەم ئىنكاس يازدى

qaq ۋاقتى: 2018-1-3 11:31:31
رەھمەت سىزگە.مۇشۇنداق بۇيرۇق بېرىدىغان يەرلىرىنى كۆپرەك چۈشەندۈرسىڭىز.
pinhan ۋاقتى: 2018-1-3 12:28:33
كومپىيۇتېر يېڭى بارلىققا كەلگەندە دوس دېگەن مەشغۇلات سېستىمىسى تېخى مەۋجۇت ئەمەستى ، مىكروسوفىتنىڭ دوس مەشغۇلات سېستىمىسى 80-يىللىرى ئاندىن بارلىققا كەلگەن ، كومپىيۇتېر بولسا 45-يىلى بارلىققا كەلگەن .
ئۇ چاغلاردا دوس مەشغۇلات سېستىمىسىلا ئەمەس لىناكىس ، يۇنىكىس قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرى كۆزنەك شەكلىدە بولمىغاچقا مۇشۇنداق بۇيرۇق ئارقىلىق مەشغۇلات يۈرگۈزۈش ھالىتىدە خىزمەت قىلاتتى ، ھازىرقى بىزنىڭ بىر كۆزنەكنى ئېچىپ، ئىتىشىمىز ياكى كىچىكلىتىشىمىزگە ئوخشاش مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىپ بۇيرۇقلار بىلەن ئەمەلگە ئاشاتتى . بۇ دوسنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتېر ئىشلىتىشكە ئۇستا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى ھازىرقىدەك قولاي كۆزنەكلىك مەشغۇلات سېستىمىلرىنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىك سەۋەبىدىندۇر .
دۇنياغا تونۇلغان ئۇلۇغ پىروگىراممىرلارنىڭ ھەممىسىنى دوس سېستىمىسىنى بىلىپ كېتىشى ناتايىن ، لىناكىس ، يۇنىكىس ، مەك ئوس مەشغۇلات سېستىمىلىردا ئىزچى پىروگىرامما يېزىپ كەلگەن ئەمما مىكروسوفىتنىڭ دوس ، ۋىندوۋىز مەشغۇلات سېستىمىلرىغا يېقىنلىشىپ باقمىغان پىرگىراممىرلار نۇرغۇن .
ھازىرغا قەدەر لىناكىس مۇلازىمىتىر مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان مۇلازىمىتىرلارنى كۆزنەك بىلەن ئەمەس مۇناسىپ بۇيرۇقلار باشقۇرۇپ كېلىۋاتىمىز ھەم باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ . بۇنىڭغا قاراپلا بۇنى دوس دەۋالسىڭىز بولمايدۇ ، چۈنكى دوس بىلەن لىناكىسنىڭ بۇيرۇق توپلىمى ، گىرامماتىكىسى شۇنداقلا پارامىتىرلىرى پەقەتلا ئوخشىمايدۇ . ئىككى خىل مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ فۇنكىسيىسىمۇ ئوخشىمايدۇ .
يۇقارقى سىز قالدۇرغان بۇيرۇقلارنى ۋىندوۋىز مەشغۇلات سېستىمىسى شارائىتىدا مائۇس بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان تۇرۇپ نىمىشقا كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن كوماندا ئۇرۇپ جان قىينايمىز ؟ بۇنى سەۋەبى نىمە ؟ خەققە ئۇستىدەك كۆۈنۈش ئۈچۈنما ؟ بەزىدە ھەقىقەتەن قاتمۇ قات كۆزنەكلەرنى ئېچىشقا ئىرىنىپ CMD بۇيرۇقلىرىنى ئىشلىتىپ قالىمىز . ئەمما بۇ دوسنىڭ ۋىندوۋىزدىن ئىلغار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ . قانداقلا بولمىسۇن دوس يەنىلا كونا نەشىردىكى قولايسىز مەشغۇلات سېستىمىسى .
يەنە بىرسىگە CMD بۇيرۇقلرى دوس مەشغۇلات سېستىمىسىغلا خاس بولماستىن لىناكىس ۋە دوسقا ئوخشاش بۇيرۇق ئارقلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلدىغان مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ئاتىلىشىدۇ .
elbilge ۋاقتى: 2018-1-3 15:03:19
بەزى ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەن cmd بۇيرۇقلىرىنى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولىمىز، زاماندىن قالغان ياكى قولايسىز، ۋاقتى ئۆتكەن سېستىما دىيىشمۇ خاتا، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشلىتىلىش ئورنى بار
nawayi ۋاقتى: 2018-1-3 16:16:06
مۇشۇ مەك ئوس سىستېمىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
UCHKUN ۋاقتى: 2018-1-3 22:16:10
pinhan يوللىغان ۋاقتى  2018-1-3 12:28
كومپىيۇتېر يېڭى بارلىققا كەلگەندە دوس دېگەن مەشغۇلات  ...

مەن يېرىم كېچىدە يازغانتىم تېمىنى شۇڭا بەك مۇلاھىزە قىلىپ يۈرمەيلا يېزىۋىرىپتىمەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت
Acula ۋاقتى: 2018-1-4 21:05:47
CMD بۇيرۇقلىرى سىستېمىنىڭ بىزگە كېرەكلىك فۇنكىسىيەلىرى بىرلا بۇيرۇق بىلەن ئېچىپ بېرىدۇ، قاتمۇقات كۆزنەكلەرنى ئېچىپ(بەزىدە خاتا كىرىپ قېلىپ، باشقىدىن يەنە بىر قاتمۇقات كۆزنەكلەرنى ئېچىپ) ۋاقىت خوراتقانغا قارىغاندا CMD بۇيرۇقلىرى قولايلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ CMD بۇيرۇقلىرىنى يادلىۋالغانلارغا نىسبەتەن شۇنداق. يەنە كېلىپ، مائۇسنى بىرلا چېكىپ، بىرلا كۆزنەك ئېچىش بىلەن يەتكىلى بولىدىغان يەرگە CMD بۇيرۇقىنى ئىشلىتىش ئېنىقلا ئەخمەقلىق.
2635210282 ۋاقتى: 2018-1-5 15:19:47
مەن شىئاۋمى تېلفۇنغا 9008ئارقىلىق سېستىما   يازغاندا  مۇشۇ  CMD دىن پايدىلانغان ،ياخشى مەشخۇلات سېستىمىسى بۇ.
iskender933 ۋاقتى: 2018-1-18 04:08:52
2635210282 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-5 15:19
مەن شىئاۋمى تېلف ...

cmdبۇ. دىگەن مەشغۇلات سىتىمىسى ئەمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部