+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-1 12:06 4655 قېتىم كۆرۈلدى 42 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپاي (支付宝) دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچۈنجى تەرەپ چىقىم قىلىش (كىرىممۇ قىلغىلى بولىدۇ) سۇپىسى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىن ھالقىپ خەلقئاراغا يۈزلەنمەكتە. ئۈندىدار چىقىمدانىدىن خېلى بۇرۇنلا كۆلەم شەكىللەندۈرگەن. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن تورداشلار ئىشلەتمىگەن ئىدى. يېقىندا ما يۈەن ئالىپايدا 1 مىليارد يۈەنلىك قىزىل بولاق تارقاتقاندىن كېيىن قايتىدىن دىققەتنى قوزغاپ، نۇرغۇن تورداشلار تىزىملىتىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىپاي يانفون تېرمىنالىدا دائىم ئىشلىتىلدىغان ئاساسلىق ئىقتىدارلارنى تونۇشتۇرۇپ بۇ  يازمىنى تەييارلىدۇق.

1. سايىلەش (扫一扫)
بۇ سايىلەش ئالىپاي يانفون تېرمىنالىدىكى ئۈستۈنكى سول تەرەپتە كۆرۈندىغان بىرىنجى ئىقتىدار. بۇنىڭدا تورسىز ھالەتتىمۇ سودىگەرنىڭ ئىككىلىك كودىنى سايىلەپ چىقىم قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالىپاينىڭ قىزىل بولاق ئېلىش ۋە باشقا سايىلەشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىقتىدارلىرى مۇشۇ يەردە.
微信图片_20180101120139.jpg

2. مېمورىئال (转账)
مېمورىئال (پۇل يۆتكەش) ؛ بۇنىڭدا ئالىپايدىكى دوستىغا، ئالىپايغا قوشمىغان باشقىلارغا، بىۋاستە بانكا كارتىسىغا پۇل يۆتكەش دەپ ئۈچ تىزىملىك بار. قارشى تەرەپنىڭ ئالىپاي ھېسابات نومۇرى بولسىلا قوشمىسىمۇ پۇل يۆتكىگىلى بولىدۇ. بانكا كارتىسىغا پۇل يۆتكىگەندە جۇغلانما پۇل سوممىسى 20000 يۈەنگە يەتمىسە مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدۇ.
微信图片_20180101120152.jpg

3. ئىناۋەتلىك كارتا قەرزنى قايتۇرۇش. (信用卡还款)
信用卡还款 نى بېسىپ، ئىناۋەتلىك كارتا ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرۋەتسە ئىناۋەتلىك كارتا قەرزنى قايتۇرغىلى بولىدۇ. قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئەسكەرتىش، ھېسابات تەكشۈرۈش، ئاپتوماتىك قەرز قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. (ئىناۋەتلىك كارتىدىكى قەرزنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ قارا تىزىملىككە كىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دېمەكچى-دە) 微信图片_20180101120159.jpg


4. يانفونغا قىممەت تولۇقلاش (手机充值)
يانفونغا پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ، ئېقىم مىقدارى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
微信图片_20180101120204.jpg


5. قالدۇقدان (余额宝)
قالدۇقدان ئالىپايدىكى پۇلىڭىزغا ئۆسۈم بېردىغان ئىقتىدار. پۇلىڭىزنى مۇشۇ قالدۇقدانغا كىرگۈزۈپ قويسىڭىز %0.42 بويچە ئۆسۈم بېرىدۇ. يەنى 1000 يۈەنگە بىر كۈندە 0.12 يۈەن ئۆسۈم بېرىدۇ. قالدۇقداندىكى پۇلنى خالىغان ۋاقىتتا خەجلەشكە، بانكا كارتىسىغا چىقىرۋېلىشقا بولىدۇ.
微信图片_20180101120211.jpg


6. پويىز، ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش (机票火车票)
پويىز، ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. پويىز بېلىتى سېتىۋالدىغان 12306 تېرمىنالىغا قارىغاندا بەزى قولايلىقلارغا ئىگە. مەسىلەن بېلەتنى ئاپتوماتىك سېتىۋېلىش دېگەندەك. (سىز سېتىۋالدىغان بېلەت تۈگەپ كەتكەندە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىشقا تەڭشەپ قويسىڭىز بىرەرسى بېلەت قايتۇرسا ئۇ بېلەتنى سىز شۇ ھامان سېتىۋالالايسىز)
微信图片_20180101120219.jpg


7. توردىن سېتىۋالغان مالغا پۇل تۆلەش
بۇ ئىقتىدارنى تونۇشتۇرمىساقمۇ تاۋباۋ ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، تاۋباۋدا پۇلنى ئالىپاي ئارقىلىق تۆلەيمىز. ئالىپاي ھېساباتىمىزدا پۇل بولمىسا 花呗 دىكى پۇلنى قەرز ئېلىپ خەجلەپ، كېيىن قايتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ.


8. ھەق تاپشۇرۇش (缴费)
ئالىپايدا ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى قوللايدىغان رايوندا ئالىپاي ئارقىلىق سۇ ھەققى، توك ھەققى، گاز ھەققى، سىملىق تېلۋىزىيە ھەققى، مۇقىم تېلېفون ھەققى... قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.
微信图片_20180101120229.jpg


9. قىزىل بولاق (红包)
ئالىپاي قىزىل بولاق پائالىيىتى يېقىندا قىزىپ كەتتى. قىزىل بولاق ئېلىشتىن باشقا يەنە قىزىل بولاق پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىقمۇ ئاز-تولا كىرىم قىلالايسىز. قىزىل بولاقنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن 发红包赚赏金 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
微信图片_20180101120241.jpg

42ئادەم ئىنكاس يازدى

رۇھ ۋاقتى: 2018-1-1 12:31:05
مۇشۇ ئالپايغا قۇل قۇيىمەن. يانفۇن ئالماشتۇرسام بىرىنجى بۇلۇپ قاچىلايدىغىنىم ئالىپاي يانفۇن تىرمىنالى .تۇلىراق يانفۇنغا پۇل قاچىلاشقا ئىشلىتىمەن.
2569 ۋاقتى: 2018-1-1 13:05:47
مەن تېخى يېقىندا تىزىملاتقان ئالىپاينىڭ خۇۋابىدىكى ئۈستىدە چىقىپ تۇرغان سان بىز قەرز ئېلىپ ئىشلەتسەك بولىدىغان پۇل ئوخشىمامدۇ مەن تېخى سوۋغا قىلغان پۇل ئوخشايدۇ دەپتىمەن مۇشۇتوغرۇلۇق ياخشىراق چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار
130546bt9zksu5l666r4l5.png
bayawat ۋاقتى: 2018-1-1 13:19:31
مۇشۇ ئالپايدا قەزىر ئالغاندا پۇلنى ئايغا بۆلەپ تاپشۇردىغان ئىشى بولمايدىكەن ، باشقا يەرلىدە سو يوق
0524 ۋاقتى: 2018-1-1 13:29:45
مېمورىئال؟؟؟  بۇ سۆزنىڭ مەنبەسى قەيەر؟؟؟  ئاممىباپ سۆزلەرنى ئىشلەتسەڭلا بولمامدۇ؟؟؟
nejmi ۋاقتى: 2018-1-1 13:29:50
ئەلى چىقىمدانى بەك ياخشى لېكىن، مۇشۇ ئۈندىدار دېگەنلەر نېمىشقا پۇلنى بانكا كارتىسىغا يۆتكىسە ھەق تۇتىدىغاندۇ دەيمەن، ئەلى چىقىمدانىدەك قولايلىق ياخشى بولسا ئىش باركەن....
nejmi ۋاقتى: 2018-1-1 13:33:02
2569 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-1 13:05
مەن تېخى يېقىندا ...

花呗 ئارقىلىق نەرسە سېتىۋېلىش سوممىڭىز 62 يۈەنكەن، ئەسلى 70 يۈەندەك قىلىدۇ، 8 يۈەننى ئىشلەتكەن ئوخشايسىز، 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ...
خۇابېينىڭ سوممىسنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ، مەكتەپ تارىخىڭىز، ئۆي زېمىن، ماشىنا بولسا ماشىنىنى تىزىملىتىپ قويسىڭىز ئۆسىدۇ.. ھەمدە ئائىلە ئېلىكتىر بۇيۇملىرى سېتىۋالسىڭىمۇز تىز ئۆسىدۇ
13139744004 ۋاقتى: 2018-1-1 13:33:28
مەن مايۈن ئاكامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ئالىپايغا مەن بەك ئامراق باشقىسې بىكا ھەقىقەتەن ياخشى ئالىپاي ياشاپ كەت ئالىپاي
دۆتبالا ۋاقتى: 2018-1-1 13:47:25
مەن خوئابى ئىقتىدارىنى ئاچالمايۋاتىمەن، نىمىش تۇ بۇ
muzat1970 ۋاقتى: 2018-1-1 13:50:47
ئاۋۇ قالدۇقداننىڭ ئۆسۈمى بانكا ئۆسىمىنىڭ يىللىققىدىن 0.5% يۇقۇرى ئىكەن، ئەگەر بىخەتەر بولسا پۇلنى بانكىغا قويغىچە ئالىپايغىلام قويسا بولىدىكەن.............
ئىقرار ۋاقتى: 2018-1-1 13:56:27
ئالىپاي ئارقىلىق  قارشى تەرەپكە پۇل  يۆتكىگەندە  ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىمدا  ئەڭ يۇقىرى بولغاندا قانچە پۇل يۆتكىگىلى بولىدۇ،ئالىپاي  ئارقىلىق يۆتكىگەن پۇلدەل ۋاقتىدا قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىغا كىرەمدۇ ياكى  يىگىرمە تۆت سائەت ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىغا كىرەمدۇ؟قارشى تەرەپكە يۆتكىگەن پۇلنى  پۇل چىقىم قىلغۇچى تەرەپ يەنە قايتۇرۋېلىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ مۇشۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.
2569 ۋاقتى: 2018-1-1 14:06:46
   ئەسلى ئىنكاس مۇنداقتى توغرا چۈشەنسەڭلار  بۇ پۇلنى قانداق قايتۇرىمەن  يەنە NFC ئارقىلىق پۇل كىرىم قىلغىلى بولامدۇ چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار  
bengbash ۋاقتى: 2018-1-1 14:35:00
bayawat يوللىغان ۋاقتى  2018-1-1 13:19
مۇشۇ ئالپايدا قەزىر ئالغاندا پۇلنى ئايغا بۆلەپ تاپشۇر ...

ئىككى خىل قايتۇرۇش ئۇسۇلى باردەك قىلاتتىغۇ. ئايغا بۆلۈپ ياكى ئاخىرىدا بىراقلا تاپشۇرىدىغان.
bengbash ۋاقتى: 2018-1-1 14:38:31
bayawat يوللىغان ۋاقتى  2018-1-1 13:19
مۇشۇ ئالپايدا قەزىر ئالغاندا پۇلنى ئايغا بۆلەپ تاپشۇر ...

قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
Screenshot_20180101-143654_01.jpg
bengbash ۋاقتى: 2018-1-1 14:45:44
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bengbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-1 15:32  

مەن پۇلۇمنى قالدۇقدانغا قويۇپ قويدۇم، ھەر كۈنى ئۆسۈم پۇل قوشۇلۇۋاتىدۇ.
قالدۇقدانغا پۇل قويسا بىخەتەرمۇ، كىچىككىنە پايدىنى دەپ مۇشۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا ئەرزىمدۇ، تەجرىبىسى بارلار، پۇل قويۇپ باققان دوستلار كۆزقارشىڭلارنى ەپ باقساڭلار.
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部