+تېما يوللاش
komsar يوللانغان ۋاقتى:2017-12-27 22:18 5411 قېتىم كۆرۈلدى 21 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
  ئالدىنقى يازمىدا مايۈننىڭ ئۈچ قىتىملىق قىزىل بولاق تارقاتقىنىنى دىگەن ئىدۇق، ئۇ تىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ، بۇ قىتىم مايۈن يەنە پائالىيەتنىڭ ۋاقتىنى بىراقلا 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 31غىچە ئۇزارتىپ يەنە 100مىليون يۈەن قوشۇپ تارقاتىپتۇ، ئالدىنقى قىتىمقى يازمىنى كۆرۈپ نۇرغۇن كىشىلەر پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ تېلفۇنىنىڭ سۆزلىشىش ھەققىنى بولسىمۇ چىقىرۋالدى، بىراق يەنە بەزىلەر قىزىل بولاقنى ئېلىپ بولۇپ خەجلەيدىغان ئورن تاپالماي بىكاردىن يوق قىلىۋەتتى، ئىككى ئۈچ يۈزمىليون دېگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ پۇلدار مايۈنگە نىسبەتەن ھېچقانچە كۆپ يۇل ئەمەس، بۇنىڭدىن ئاۋالقى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلار ھەقىقەتەن مەنپەئەتىنى كۆردى، قاتناشقانلىكى ئادەمگە پۇل بەردى ئەمەسمۇ، سىز بۇ پۇل بىلەن باي بولۇپ كىتەلمەيمىز بىراق ھېسابلاپ كۆرۈڭ كۈندە 1يۈەندىن 99يۈەنگىچە قىزىل بولاق بىكاردىن بىكار سىزگە كىرىۋاتسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3ئاي 90كۈندە 900 يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىسىز، بۇنىڭ بىلەن باي بولۇپ كىتەلمىسىڭىزمۇ ئۆيېڭىزنىڭ توك، گاز تېلفۇن پۇلى مۇشۇنىڭدىن چىقىپ قالىدۇ. ئەمدى نەق گەپكە كىلەيلى
پائالىيەتكە قاتنىشىش تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلىساق بىزگە 1 يۈەندىن 99 يۈەنگىچە قىزىل بولاق بىرىدىكەن، بۇنى چوقۇم 3كۈن ئىچىدە خەجلەپ بولىشىمىز كېرەككەن، بولمىسا ئىناۋەتسىز قىلۋېتىدىكەن. قوش 12دە ۋە تىنچلىق كىچىسى دېگەن بايرىمىدا بەزىلەرگە بەزىلەرگە 200يۈەندىن ئارتۇق قىزىل بولاق چىققىنىنى ئاڭلىدۇق(لىكىن ماڭا ئۆزەمگە چىققىنىدىن سىرت3.6يۈەن قوشۇلۇپتۇ)،  بۇ پائالىيەتتە قىزىل بولاق چىقىش  نىسبىتى 100%بولۇپ چىقىدىغان پۇل 1يۈەندىن 99 يۈەنگىچە ئىختىيارى بولىدۇ،  كۈندە پەقەت بىر قىتىملا قىزىل بولاق ئالالايسىز، قىزىل بولاق ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودىنى ئالىپايدا سىكانىرلاڭ
微信图片_20171228100800.jpg
ئالغان پۇلنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالىپاي支付宝 ئەپ دىتالىدىن كارتا قاپچۇقى卡包 نى باسسىڭىز پائالىيەت مەزگىلىدە ئىرىشكەن پۇلنىڭ سوممىسى چىقىدۇ
03.jpg
بۇ پۇلنى خەجلەش ئۈچۈن چىققان قىزىل بولاقنى باسىمىز
بىر  كۆزنەك  ئېچىلىدۇ  ئوتتۇرىدىكى سىكانىرلاشنى بېسىپ  قارشى  تەرەپنىڭ پۇل تاپشۇرۋېلىش دىگەننى بېسىپ سىكانىرلايسىز  كىيىن  چىققان  قىزىل بولاق پۇل سانىنى  باسىسىز
04.png
يەنە بىرى بۇنى پەقەت دۇكاندارلار تەمىنلىگەن تەستىقتىن ئۆتكەن پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودى ئارقىلىق(تىجارەت كىنىشكىسى ۋە دۇكاننىڭ رەسىمىنى يوللاپ تەستىقلىتىدۇ) سىكانىرلارپ ھېسابات قىلساق بولىدۇ، ھازىر كۆپ ساندىكى ماگزىنلاردا ئىشلىتىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسى تەستىقتىن ئۆتكەن ئىككىلىك كود، شۇڭىلاشقا ئۆيىڭىزدىن چىقىپ ئالىپايدا ھېسابات قىلىشنى قوللايدىغان ھەرقانداق دۇكانغا كىرىپ مال سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئوخشاش ھېچقانداق رەسمىيىتى كەتمەيدو، سىزگە 15 يۈەن چىقىپ 17 يۈەنلىك نەرسە سېتىۋالسىڭىز سىزدىن 2يۈەنلا پۇل تۇتىدۇ دېگەن گەپ.

ئەگەر ئەتراپىڭىزدا دۇكان يوق  ياكى دۇكانغا چىقالماي پۇلىڭىزنى خەجلىيەلمەي قالسىڭىز، مەن سىزگە دۇكاندارلىق ئىككىلىك كودۇم ئارقىلىق پۇلىڭىزنى نەخلەپ بەرسەم بولىدۇ، لىكىن پائالىيەتكە ساختىلىق ئىشلەتتى دەپ  ئىككىلىك كودۇمنى توڭلىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن چوقۇم  ئۆز يېنىڭىزدىن 2مودىن بىر كوي غىچە سوممىدىكى پۇلنى قوشۇپ يوللاڭ ، مەسىلەن سىزگە 11.5يۈەن چىققان بولسا 12يۈەن يوللاڭ ،  مەنمۇ  سىزگە ئۈندىداردىن 12يۈەن پۇلىڭىزنى ساپمۇ ساق قىلىپ يوللاپ بىرىمەن
ئەگەردە 11.5يۈەن چىقىپ ماڭىمۇ 11.5يۈەننى يوللىسىڭىز،  مىنىڭ  ئىككىلىك كودۇم توڭلايدۇ(ئالدىنقى پائالىيەتلەردە ھەقسىز نەخلەشتۈرۈپ بىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ توڭلاپ بولدى) سىز ئىنىقلا ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولىسىز

ئاندىن ئۈندىدارغا مىنى قاچىلاپ ئىسپات رەسىمىنى يوللاپ بەرسىڭىزلا  بولىدۇ،  مەن  ئوقۇغۇچى  ھەم كىچىسى ئۇخلايدىغان ياخشى ئادەتنى ئۆزۈمدە كىچىكىمدىن باشلاپ يىتىلدۈرۋاتىمەن شۇڭا  ۋاقتىدا گەپ قىلالماي قالسام ئۇنداقكەن بۇنداقكەن دىمەي  تۇرۇڭلار،  قولۇم بىكار بولسالا  پۇلۇڭلارنى بىر پۇڭ تۇتىۋالماي نەقلاشتۈرۈپ بىرىمەن، ئۈندىدار نۇمرۇم 723497633

ھەر قەدەمدە مىڭ بەدەل ، ھەر بەدەلدە مىڭ ئەجەل!

21ئادەم ئىنكاس يازدى

dhan ۋاقتى: 2017-12-27 22:54:01
كۆپ رەھمەت سىزگە ،مەن بىر دەسلەپ قىلاي
shuraym ۋاقتى: 2017-12-27 23:07:32
مەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقىلى 1 ئاي بۇلاي دىدى،بىرىنچى قېتىمدا 20 يۈەن چىققان،شۇنىڭدىن كىيىن پۇڭلا چىقىۋاتىدۇ...زېرىكتىم جۇمۇ...
詠遠哋⑧點柈 ۋاقتى: 2017-12-27 23:51:51
مەنمۇ ھەپتىنىڭ ياقى ئىككى ھىسابات نۇمرىدا  يۈز يۈەندىن ئۇشۇقراق كىرىم قىلدىم ،بىر ھىساۋاتىمنىڭ سودىگەر مۇلازىمىتى ئۇچۇقكەنتۇق شۇنۇڭدا نەقلەشتۈرۋاتمەن لىكىن شۇ نۇمۇرغا چىققان قىزىل بولاقنى نەقلەشتۈرەممەي بىكا ۋاقتى ئۈتۈپ كىتىپارىدۇ
bulbulla ۋاقتى: 2017-12-27 23:57:21
بۇ پائالىيەتنىڭ زادىلا تايىنى قالمىدى مەن كۈندە دىگۈدەك ئېلىۋاتىمەن باشتا 4كوي 5كوي چىققانتى نەچچە كۈندىن كىيىن بىرپۇڭغا چۈشۈپ قالدى بايا يەنە ھازىر بىرمو بىر پۇڭ چىقىۋاتىدۇ كاشىلا بولۇپ پائالىيەتكە قاتناشسا موچەن سېنىت چىقىپ يۈرسە راستىنلا زېرىكىپ قالىدىكەن ئادەم
r0998 ۋاقتى: 2017-12-27 23:57:49
ۋاھ ناھايتى ياخشى پائالىيەتكەن بۇ مايۇن ئەپەندىگە بەك رەھمەت مەن 700يۇەن تېپىپ بولدۇم بۇ پائالىيەتتە
970yuksal ۋاقتى: 2017-12-28 00:05:51
ھازىر مېنىڭ خۇڭباۋدىن چىقىم بولماي بانكا كارتىسىدىنلام چىقىم بولۇپ تۇرۋېلۋاتىدۇ
alhux12 ۋاقتى: 2017-12-28 01:34:47
ماڭىمۇ موچەنلا چىقىۋاتىدۇ
izdzan0997 ۋاقتى: 2017-12-28 01:57:35
ھازىر كپنچىلەر ئالدامچىلىق قىلۋاتىدۇ شۇنەچچە كوينى دەپ  نەقلەپ بېرمەن دەپ ئېلىۋېلىپ بەرمەيدىكەن  ياكى نەقلەپ بېردىغانلارنى قەسلەپ ئىككىلىك كودىنى توڭلىتىپ قويدىكەن ،  ئەگەر پۇلنى نەقلىيەلمەي ياكى پالىيەت تەپسىلتىنى چۈشنەلمىگەن بولسىڭىز مىنى  支付宝 دوست قوشۇشقا قۇشۇڭ قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلمەن 18195844553
XAX0998 ۋاقتى: 2017-12-28 09:27:07
پۇڭلۇق پۇللارنى قانداق خەجلەيدۇ
پارىژ11 ۋاقتى: 2017-12-28 10:22:01
رەھمەت ھە ، ئەتىگەندىلا 12 يۈەن ئېلىۋالدىم
uysal ۋاقتى: 2017-12-28 10:26:59
ماڭىمۇ  كۇندە  4~5  يۇەندىن  نەخلەپ  خەجلا ۋاتىمەن    كۇندىن 4 يۇەندىن چىقسىمۇ  ئاي ئاخىردا ، تاما، تاما  كۆل تولار ددەپ تىكەن  
ياسىن. ۋاقتى: 2017-12-28 10:33:10
دەسلەپتە 6-7يۈەنگىچە چىققان كىيىن موغا چۈشتى، شۇنداقتىمۇ 50يۈەندەك پۇل كىردى.
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-12-28 12:06:48
مىنىڭ جىفۇباۋ ھىساباتىم بار بىراق ئېچىپ باقمىدىم،  MIUI نىڭ پائالىيتىدىن 100سوم چىقىپتىكە،  خەجلىيەلمەي بىكار بوپكەتتى
热合曼江 ۋاقتى: 2017-12-28 20:34:34
sadda(boy)006 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-28 12:06
مىنىڭ جىفۇباۋ ھىساباتىم بار بىراق ئېچىپ باقمىدىم،  MIUI  ...

نەدىن ئالدىڭلا ئاداش miui نىڭ
追❤_求♣ ۋاقتى: 2017-12-29 01:56:05
ئىككىلىك كودىڭىزنى سىكانىرلىسام پۇل كارتىدىن چىقدىغان يەر  چىقىپلا  تۇردۇ ،  ئالغان بولاقنى كۆرسەتمەي
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-12-30 11:47:03
热合曼江 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-28 20:34
نەدىن ئالدىڭلا &#157 ...

miui نىڭ تەلەي سىناش ئۇيۇنلىرىنى ئوينايتىم،  مۇكاپات تارقاتتى دىگەن كۈنى ئاچسام ھېچنىمە چىقمىغان،  بانكا كارتامنى باغلىسام كارتىنىڭ بىرنىمەكەسپىنىئاچقۇزۇڭدەپ، پۇلمۇ خەجلىيەلمەي،  كارتىنىمۇ ئاجىرتىۋېلىپ،  ئەتىسى يەنە باغلاپ باقاي دەپ ئاچسام خوڭباۋنىڭ رەسىمى چىقتى باسسام 100سوم مۇكاپات چىقىپتۇ،  بىراق شۇ نەچچە كۈن يانفۇنۇم بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئۇ مۇكاپات بىكار بوپكىتىپتۇ،
flyme ۋاقتى: 2017-12-30 15:15:56
ئەگەر پۇلنى نەقلىيەلمەي ياكى پالىيەت تەپسىلتىنى چۈشنەلمىگەن بولسىڭىز مىنى  支付宝 دوست قوشۇشقا قۇشۇڭ قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلمەن15999232193
flyme ۋاقتى: 2017-12-30 17:19:33
詠遠哋⑧點柈 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-27 23:51
مەنمۇ ھەپتىنىڭ ياقى ئىككى ھىسابات نۇمرىدا  يۈز يۈەندىن ...

ئەمسە شۇ ھىساۋاتتىكى پۇلنى مەن نەخلەشتۈرەي سىلە مىنىڭ كىدىكىنى نەخلەشتۈرۈڭلا تەڭ پايدىلانمامدۇق
詠遠哋⑧點柈 ۋاقتى: 2017-12-30 21:01:45
flyme يوللىغان ۋاقتى  2017-12-30 17:19
ئەمسە شۇ ھىساۋاتتىكى پۇلنى مەن نەخلەشتۈرەي سىلە مىنى ...

支付宝نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرڭە ئەمسە
sardar909 ۋاقتى: 2017-12-31 10:13:08
sadda(boy)006 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-30 11:47
miui نىڭ تەلەي سىناش ئۇيۇنلىرىنى ئوينايتىم،  مۇكاپات تا ...

ئاپلا ، بىرنەسە سىتىۋالسىڭىز بولاتتى ئەمەسمۇ ، ياكى مۇنبەردىن ياردەم سورىماپسىز ،
flyme ۋاقتى: 2017-12-31 13:04:33
ئىككىلىك كودى پىچەتلەنگەنلەر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى   تىپىپ چىققانلا بارمىدۇ؟  بەزىلەر خىلى مەككەملا پايدىلانغان بولدى مايۈنمۇ بوش كەممىدى كاساپەت بىلىق تۇتۇش ئۈچۈن يەمنى  ئايىماي تاشلىدى… بەزىلە بىلىپ ئالدى بەزىلە ھازىرمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部