+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-12-27 16:31 2635 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يىل 8-ئايدا لې شىنىڭ كۆچمە بۆلۈمىنىڭ لېدىرلىقىدىن ئىستىپا بەرگەن ئابلىكىم ئابلىمىت لىيەنشىياڭ (联想) شىركىتىگە كىردى. ئۇ لىيەنشىياڭنىڭ جۇڭگو رايون ئىستراتېگىيەسى ۋە كەسپىنى كېڭەيتىش مۇئاۋىن لېدىرى بولدى. ئۇ لىيەنشىياڭنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئىستىراتىگىيەسىنى پىلانلاش، باشقۇرۇش ۋە يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەمدە لىيەنشىياڭغا ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەيدۇ.
514221_20e29.jpg
ئابلىكىم ئابلىمىت 1981-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ 2000-يىلى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي پەن ئەليۇلئەلاسى سۈپىتىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 2004-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تەبىئىي پەنلەر باكلاۋېرلىقى ئۇنۋانىنى ئالغان، ئارقىدىنلا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش فاكۇلتېتىغا كىرىپ داۋاملىق ئوقۇغان ۋە 2006-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلىرى بويىچە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
لېشى شىركىتى باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئابلىكىم يەنە دۇنيادىكى بەش چوڭ ئىستىراتېگىيە ۋە باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان رولاندبېرگېر (RolandBerger) شىركىتىدە ئىجرائىيە باش نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. رولاندبېرگېر شىركىتىدىكى سەككىز يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئابلىكىمنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان، بۇنىڭغا قارىتا رولاندبېرگېر شىركىتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى: «ئابلىكىم بىزنىڭ شىركەت تارىخىدىكى تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز مۇنەۋۋەر مەسلىھەتچى، تۈر باشلىقى ۋە ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىدىن بىرى» دەپ باھا بەرگەن.

مەنبەسى: 手机之家 تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

10ئادەم ئىنكاس يازدى

bengbash ۋاقتى: 2017-12-27 17:48:50
ۋاھ، قالتىسكەن.
Ãℳℜ❣k❣ℳ ۋاقتى: 2017-12-27 17:50:47
ئىسىل ئېي
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-12-27 18:26:11
بۇ ئابلىكىمجان ئەمدى رايونىمىزغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ  يانفونلىرىغا  ئۇيغۇرچىنى قوشۇۋەتسە تېخىمۇ ناۋاتتەك ئىش بولاتتىدە
foxtpdf ۋاقتى: 2017-12-27 18:36:21
乐视يانفونىغا قوشۇپتىكەنما
oylan111 ۋاقتى: 2017-12-27 19:30:03
بەزىدە خىيالنى كۆپ  قىلىپ  قۇيۇشۇڭلار مومكىن ،ئەمەلىيەتتە ئەگەر سودا پۇرسىتى  ۋە  ئىھتىياجى بولسا ،تەبىيلا  ئۇيغۇرچە قوشۇلىدۇ،ئەگەر ئۇنداق  بولمىسا  قوشۇلامدىكىن دەپ ئۆمۈد كۈتۈش چاجەتسىز،
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-27 20:37:49
يەنە  مۇشۇنداق  كىشىلىرىمىزنىڭ   كۆپلەپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن.
uyghur26 ۋاقتى: 2017-12-27 20:44:33
ئۇيغۇرچە قۇشىدۇ ،پۇل تاپاي دىسە، ئۇنى ئويلىشىش كەتمەيدۇ ،ۋىۋۇ ،ئوپپو قۇشۇپ بوپتۇ ،شاۋمىمۇ قوشتى ،بارغانسىرى ھەممىسى قۇشىدۇ ،
سالچى ۋاقتى: 2017-12-27 22:35:08
مىنىڭ  تىلپۇن ئېلىشتىكى  ئالدىن تاللىشىم ئويغۇرچە  قېتىلغان تىلپۇنلا
1760998027 ۋاقتى: 2017-12-27 23:35:30
مۇشۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ چىقىشنى ئۈمۈد قىلمەن مۇبارەك بولسۇن ئابلىكىم ئاكا
2548063799 ۋاقتى: 2017-12-30 20:12:58
سىلەر ئاجايىپ بەك كۈلكىلىك گەپ قىلىدىكەنسىلەر بالىلار.
تېلېفونلارغا ئۇيغۇرچە قوشۇشتا.
مەلۇم دوستلارنىڭ    تۆھپىسى بار ۋە تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ.
ئۇلار پۇلنى دەپلا ئەمەس
تېلېفون سېتىۋالغىلى بارسا ، ئۇيغۇر تىلى قوشۇلدى ، مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ،  تېلېفوندا سودىگەرلىرىدىن مۇشۇلارنى سوراپ ئاندىن ئېلىش كېرەك. ئۇيغۇر تىلى قوشۇلغانلىقىنى سوراپ تۇرغاندا ئاندىن ئىشلار  ھەل  بولىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ تىلىنى سورىماي ئېلىۋەرسىڭىز ، بۇ ئىشنى كىم ھەل قىلىدۇ؟
كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالى ئۇيغۇرچە بولدى.
بۇنىڭغا مېنىڭتۆھپەم بار. چۈنكى مەن كۆچمە خەۋەرلىشىشكە ئۆز ۋاقتىدا كۈندە تېلېفون قىلىپ نېمە ئىش قا ، ئۇيغۇرچە تىجارەت زالى ئەپ دېتالنى  يوق.
مۇشۇ ئىنكاسىمنى يۇقىرىدىكىلەرگە يوللىساڭلار ، ھەل قىلساڭلار بولاتتى دەپ كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلغان ئىدىم. بۇ ئىشمۇ ھەل بولدى.
2014-يىلى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىكى كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىجارەت  ئەپ دېتالنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلغان ئىدىم.
مۇئەللىم بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۇيغۇرچە ئەپ دېتالىممۇ
ۋۇجۇدقا كەلدى.
دېمەك مۇشۇنىڭدەك ئىنكاسلار لازىم.
دېمەك مۇشۇنىڭدەك تۆھپە قوشۇش لازىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部