+تېما يوللاش
alijan110 يوللانغان ۋاقتى:2017-12-26 00:13 1690 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
   بۈگۈن بىر كۈن قىلغان ئىشىم خاتىرە كومپىيوتىرىمغا سېستىما قاچىلاش ۋە لازىملىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش.
   بەلكىم سېستىما ۋە يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا بىر كۈن ۋاقىت كېتەمدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن . توغرا، بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئويلايتتىم. ئادەتتە سېستىما قاچىلىغاندىن كېيىن قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچلىرىنى تەكشۈرۈپ، تونىمىغانلىرىنى تونۇتۇپلا ئىشلىتىشنى باشلاپ كېتەتتىم. يۇمشاق دېتاللارنى ھاجىتىم چۈشكەنسىرى قاچىلايتتىم.
   بۈگۈن بىر ئاز بىكار بۇلۇپ قالغاچقىمىكىن ئادىتىم بۇيىچە سېستىما ۋە قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچلىرىنى قاچىلاپ، سېستىما بىلەن بىللە قاچىلانغان ئەخلەت دېتاللارنى ئۆچۈرۈپ بۇلۇپ، يۇمشاق دېتاللارنى تەرتىپ بۇيىچە قاچىلاشقا باشلىدىم.
   كىنو قويغۇچ، ناخشا قويغۇچ، تور كۆرگۈچ، QQ، ئۈندىدار دېگەندەك بىر قىسىم دېتاللارنى قاچىلاپ Corel Draw غا كەلگەندە Net Framework 4.5 نى قاچىلاشنى ئەسكەرتتى. دەرھال توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈشكە باشلىدىم. چۈشۈرۈپ بۇلۇپ قاچىلايدىغان يەرگە كەلگەندە قوش چەكسەم مائۇس بىر چۆرگىلەپ قويۇپلا قاراپ تۇرىدىغان گەپ. نۇرغۇن قېتىم ئۆچۈرۈپ ئاچتىم، ئىنكاس يوق. توردىن باشقا نەشىرلىرىنى، باشقا نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈپ ئاچتىم، ئىنكاس يوق.  ئاخىرىدا كومپىيوتېرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن كىرسەم قاچىلاش كۈرۈنمە يۈزى چىقىپ تۇرىدۇ.  شۇنداق قىلىپ ئۇنىمۇ قاچىلىۋالغان بولدۇم. نۆۋەت photoshop قا كەلگەندە يېڭى نەشىرىنى ئىشلەتكۈم كېلىپ، Photoshop cc 2018 نىڭ 精简版 سىنى تېپىپ قاچىلىدىم،  قاچىلاندى. ئاچتىم، ئېچىلمىدى. VC++ 2015 نى قاچىلاشنى ئەسكەرتتى(كومپىيوتىرىمغا ئالدىن VC++ 2015 قاچىلاپ بولۇنغان).  ئامال يوق توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم، يەنە ئېچىلمىدى. ئاچچىقىمدا يەنە بىرنەچچە نەشىرىنى چۈشۈرۈپ بىراقلا قاچىلىۋەتتىم. ئۇف ئاخىرى ئېچىلدى.      
   قولۇمنىڭ قىچىقى كېلىپ ئېكراننى پاكىزە ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن، ئېكراندىكى سىنبەلگىلەرنى بىر-بىرلەپ ئۆچۈرۈشكە باشلىدىم. ھەممىنى ئۆچۈرۈپ Internet Explorer غا كەلگەندە كۈچۈم يەتمىدى. ئۆچۈرۈشنى باسسام جىمجىت، مىدىرلاپ قويايمۇ دېمەيدۇ.  توردىن ئىزدىدىم، نۇرغۇن ئۇسۇللار چىقتى. بىر-بىرلەپ سىنىدىم، 注册表 نى ئۆزگەرتتىم، ئۆچمىدى. 本地组策略编辑器 دىن Internet Explorer نى يۇشۇرۇشقا تەڭشىدىم، ئۆچمىدى. يەنە نۇرغۇن ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە شۇ 注册表دىكى بىر تىزىملىكنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆچۈرۈپ ئۈستەل يۈزىنى كۆڭلۈمدىكى پاكىزە ھالەتكە ئەكەلدىم.


   تۈۋەندە Internet Explorer نى ئۈستەل يۈزىدىن ئۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قوياي. ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن دوسلار بىھۇدە تورلارنى ئاختۇرۇپ ۋاختى ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمىسۇن.

بىرىنچى خىل ئۇسۇل:组策略 نى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى

  1. باشلاش"开始" تىزىملىكىنىڭ ئىچىدىن ئىجرا قىلىش "运行" دېگەننى ئاچىمىز، ياكى بىۋاستە Windows+R نى باسساق ئاچقىلى بۇلىدۇ.
未标题-1.jpg

   2. كاتەكچە ئىچىگە gpedit.msc دەپ كىرگۈزۈپ Enter ياكى "确定" نى بېسىپ 组策略 نى تەھرىرلەش بېتىگە كىرىمىز.
未标题-2.jpg

   3."组策略编辑器" نىڭ ئىچىدىن "用户配置" دېگەننىڭ ئاستىدىكى "管理模版" دېگەننى بېسىپ، ئىچىدىن "桌面" دېگەن تۈرنى تاللاپ، ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكتىن "隐藏桌面上的Internet Explorer图标" دېگەننى قوش چېكىمىز.
未标题-3.jpg

   4. چىققان كۆزنەكتىن "已启用" دېگەننى تاللاپ مۇقۇمدىۋەتسەك يوقايدۇ.
未标题-4.jpg


ئۈستىدىكى بىرىنچى ئۇسۇلدا يوقىمىسا ئىككىنچى ئۇسۇلنى كۆرۈڭ.


ئىككىنچى خىل ئۇسۇل:注册表 نى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى

  1. باشلاش "开始" تىزىملىكىنىڭ ئىچىدىن ئىجرا قىلىش "运行" دېگەننى ئاچىمىز، ياكى بىۋاستە Windows+R نى باسساق ئاچقىلى بۇلىدۇ.


  2.كاتەكچە ئىچىگە regedit دەپ كىرگۈزۈپ Enter ياكى "确定" نى بېسىپ 注册表 نى تەھرىرلەش بېتىگە كىرىمىز.
未标题-21.jpg

  3.تۈۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە يېيىپ
【HKEY_LOCAL_MACHINE\SOFTWARE\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Explorer\Desktop\NameSpace】
ئىچىدىن
{B416D21B-3B22-B6D4-BBD3-BBD452DB3D5B}
دېگەن تۈرنى تېپىپ، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئۆچۈرۈش دېگەننى بېسىپ ئۆچۈرىمىز.
未标题-22.jpg

未标题-23.jpg

  4. ئەڭ ئاخىرىدا "查看" نىڭ ئىچىدىن "刷新" دېگەننى بېسىۋەتسەك سىنبەلگىنىڭ ئېكراندىن يوقىغانلىقىنى بايقايمىز.
未标题-24.jpg


ئەسكەرتىش: 注册表 سېستىمىنىڭ مۇھىم قىسمى. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ۋە خەت ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن يەردىن باشقا يەرگە چېقىلماڭ. بولمىسا ھەتتا سېستىمىڭىز قوزغالماس بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن .

بۇ يەردە دېيىلگىنى ھەممە كومپىيوتېرنىڭ Internet Explorer نىڭ سىنبەلگىسىنى ئۆچۈرۈش مۇشۇنداق تەس دېگەنلىك ئەمەس. بۇ پەقەت بىر قىسىم سېستىمىلاردا كۆرىلىدىغان مەسىلە.
يەنە باشقا ھەل قىلالمىغان كومپىيوتېر كاشىلىسى بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.

12ئادەم ئىنكاس يازدى

alijan110 ۋاقتى: 2017-12-31 11:37:04
uqkun888 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-27 12:37
ئېكراندىن 我的电脑يوقاپ كەتسە قەيەردىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ...

win7 دا ئېكراندا مائۇس نىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 个性化 دېگەنگە كىرىپ، سول تەرەپتە 桌面图标 دەيدىغان خەت بار، شۇنىڭغا كىرىپ، سىزگە لازىملىق سىنبەلگىلەرگە توغرا بەلگىسى قويۇپ مۇقىمدىۋەتسىڭىز كۆرۈنىدۇ.
1529657456 ۋاقتى: 2017-12-28 15:39:59
Office  دىتاللىرىنىڭ ھەقسىز نەشىرلىرى بولسا ئادرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلا.  2007. نى ئىشلىتەتتىم يېڭىراقلىرىنى ئىشلىتەي دىسەم پەقەت چۈشۈرەلمىدىم 2015 ياكى. 2013. بولسىمۇ بولاتتى
反对过分的 ۋاقتى: 2017-12-27 21:28:09
手动ghoنى قانداق قوزغىتىمىز دەرسلىكىنى قالدۇرۇپ قويساڭلا (مەن بىر كومپىيوتىرغا قوزغىتالماي ئاخىرى سىستىما قاچىلاتتىم )
wen7نىڭ قايسى سىستىما ياخشى 32بىتلىق
يانچۇق سىستىما قاچىلاشنى قالدۇرساڭلا
uqkun888 ۋاقتى: 2017-12-27 12:37:38
ئېكراندىن 我的电脑يوقاپ كەتسە قەيەردىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، مۇشۇنى بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسەڭلا بوپتىكەن
alijan110 ۋاقتى: 2017-12-26 21:40:52
سانغۇن يوللىغان ۋاقتى  2017-12-26 14:20
internet explorer نى ئۆچۈرۈپ نىمىشمۇ قىلاسز؟! ھەممىدىن مۇھىم ن ...

مېنىڭ ئۆچۈرگىنىم يۇمشاق دېتالنىڭ ئۆزى بولماستىن، تېز ئىجرا بەلگىسى. 我的电脑 دىگەنلەرنى ئىشلەتمەكچى بولسام 开始菜单  ياكى 任务栏 دىن پايدىلىنىپ ئاچىمەن. ھېچقانچە پەرقى يوق.  Iternet Explorer  ماۋۇ نەرسىنى ئىشلەتمىگىنىمگە قانچىلىك بولغىنى ئېسىمدە يوق
1933315008 ۋاقتى: 2017-12-26 15:56:55
مەجبورلاش كىسىلىڭىز با ئۇخشايدۇ، تۇرۇپ ئۆزەمنىمۇ شۇنداقمىكىن دەپ قالىمەن، باشقىلار تىلىفۇنۇمنى ئوڭشاپ بەرگىن دىسە سىنبەلگىلەرنىڭ رەتسىز تۇرغىنىنى كۆرسەم ئىختىيارسىز رەتلەپ، ئىشلەتمەيدىغىنىنى ئۆچۈرىۋىتىمەن، كېيىن ئويلاپ ئوڭشاپ بە دىگىنىنى ئوڭشاپ بەرسەملا بولمىدۇ نىمە جاپا دەپ كېتىمەن ئۆزەمگە!
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-12-26 15:52:02
تورداشلار پاكىزە، يېنىك ئىشلەيدىغان سېستىما چۈشۈرۈش ئادىرسى بولسا قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن، كومپىيۇتىرنىڭ.
bengbash ۋاقتى: 2017-12-26 14:24:20
فوتوشوپنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى قاچىلىغىڭىز كەلگەن يەردە نېمىشقا ۋىدوۋسنىڭ يېڭىسى 10نى قاچىلىغىڭىز كەلمىگەندۇ‎؟ (چاقچاق)
10 دا ئۇنداق ئاۋارىچىلىقلار ئازراق بولىشى مۇمكىن ئىدى.
سانغۇن ۋاقتى: 2017-12-26 14:20:17
internet explorer نى ئۆچۈرۈپ نىمىشمۇ قىلاسز؟! ھەممىدىن مۇھىم نەرسە تۇرسا؟! كومپىيۇتېردىكى ئاساسلىق ئىشلەتمىلەر 我的电脑,internet explorer تۇرسا، ئەگەر بۇ نەرسىلەر ئۆچۈپ كەتتى ياكى يوقاپ كەتتى دېگەنلىك كومپىيۇتېر كېرەكسىز نەرسىگە ئايلاندى دېگەنلىك …شۇڭا ئۆچۈرۈش توغرا كەلسە مۇشۇ ئىككىسىدنن باشقىسىنى خالىغانچە ئۆچۈرۋەتسەك بولىۋېرىدۇ…ئىنكاسىم مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى ★★★

باھا سۆز

隐藏桌面图标دىگەننى باسسىڭىز ئېكران پاك پاكىزە بولىدۇ  ۋاقتى: 2017-12-26 17:51
دىمىسىمۇ بۇنچىۋالا جاپا تارتىپ مۇھىم نەرسىنى ئۆچۈرۈپ نىمە قىلامىز؛  ۋاقتى: 2017-12-26 17:49
dostla ۋاقتى: 2017-12-26 13:57:45
تېمىدىن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپباقاي مىنىڭ كومپىيوتىرىم ئىشلىتىپ 15-20مىنۇتلاردىن كىيىن تۇرۇپلا ئېكران قاپقارا بولۇۋالىدۇ مائۇسنى چەكسەم 一锁定دىگەن خەت چىقىپ يانىدۇ ئاندىن كىيىن 1مىنۇتلارچە ئىشلىتىۋاتسام يەنە ئاشىداق بۇلىۋالىدۇ ئۈچىۋالىدىغان ئىشى ئۇخشىمايدۇ بەزەدە1مىنۇتتىن ئاز بەزىدە 1-2مىنۇتتىن جىقراق ئىشلىتەلەيمەن سېستىما win7 ئىدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部