+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-12-25 18:38 2245 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى قانداق بىر ياخشى تۈر، ياخشى مەھسۇلات بولسا تېڭشۈن قول تىقماي قالمايدۇ. مەيلى ئويۇن بولسۇن، مەيلى ئىجتىمائى ئالاقە دېتالى بولسۇن.. تېڭشۈن ئۇلارنى باشقىلارنىڭكىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن.
ما خۇا تېڭ ئىلگىرى «كۆچۈرۈش داۋامىدا ياخشىلاش ، ئەڭ ياخشى يېڭىلىق يارىتىشتۇر» دېگەن.
a95455d657b268cb72a65eeabe59c74fx640x329x42_jpeg;,3,jpegx;3,700x.jpg

QQ ئەسلى ICQ دىن كۆچۈرۈلگەن

th.jpg

تېڭشۈننىڭ كوزېر مەھسۇلاتى بولغان QQ نىڭ ئەسلى ئىسمى OICQ ؛ ئىسرائىلىيەنىڭ ICQ دېتالىدىن دوراپ ياسالغان. ئۇ ئەسلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە دېتالى بولۇپ، 1996-يىلى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدە ئومۇملىشىپ، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارقالغان. كېيىن ئۇنى ئامېرىكا سېتىۋالغان. ئىشلەتكۈچى سانى 10 مىليوندىن ئاشقان. شۇ ۋاقىتتا بۇ قالتىس نەتىجە ئىدى. ئۇ چاغدا جۇڭگونىڭ تور ئىشلىرى ھازىرقىدەك تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ، ما خۇا تېڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يىتىپ، ICQ نىڭ ئالدىغا O نى قوشۇپ، OICQ دەپ ئاتاپ جۇڭگوغا ئېلىپ كىرگەن. ھەمدە مۇشۇ دېتال ئارقىلىق تېڭشۈننىڭ ئىجتىمائى ئالاقە جەھەتتىكى ئورنىنى تىكلىگەن.
كېيىن OICQ نام ھوقۇقى داۋاسىغا چېتىلىپ قېلىپ، ئىسمىنى QQ غا ئۆزگەرتكەن.

تېڭشۈن ئويۇن سۇپىسى 浩方,VS平台,联众游戏 قاتارلىق ئويۇن سۇپىلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن.

66052cda720289c24c1b1fa20f5ec1c8x640x540x63_jpeg;,3,jpegx;3,700x.jpg

تور ئويۇنى تېڭشۈننىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىنىڭ بىرسى. CF, LOL  قاتارلىق ئويۇنلارنى ياشلارنىڭ ئىچىدە بىلمەيدىغانلار يوق دېيەرلىك.
دەسلەپتە تېڭشۈننىڭ ئويۇنلىرى يوق ئىدى. 盛大 نىڭ تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇملاشقىننى كۆرۈپ، ئويۇنغا يۈرۈش قىلدى. ئاۋال QQ游戏 سۇپىسى ئارقىلىق شاھمات، قارت قاتارلىق ئويۇندىن يۈرۈش قىلىپ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تور ئويۇنى سۇپىسىغا ئايلاندى. تېڭشۈن ئويۇن سۇپىسى دەسلەپتە دۆلەت سىرتىدىكى تور ئويۇن سۇپىلىرى ۋە  浩方,VS平台,联众游戏 قاتارلىق ئويۇن سۇپىلىرىدىن دوراپ ياسالغان. 浩方,VS平台 ئويۇن سۇپلىرى تېڭشۈننىڭ ئالدىدىلا كۆلەم ھاسىل قىلغان. كېيىن تېڭشۈننىڭ بېسىمى بىلەن تەدرىجىي بازاردىن سىقىپ چىقىرىلدى.

QQ旋风 شۈنلېينى دوراپ ياسالغان

21b02874431e5c59de97faab1bc608a4x300x192x7_jpeg;,3,jpegx;3,700x.jpg

باشتا دېيىلگەندەك توردىكى ياخشى دەپ قارالغان ھەر قانداق تۈر تېڭشۈننىڭ كۆچۈرۈشى، دوراپ ياسىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. باشقىلار تور دېسكىسى چىقارسا، تېڭشۈنمۇ تور دېسكىسى چىقاردى. باشقىلار مۇلازىمىتىر، بۇلۇت مۇلازىمىتىرى ساتسا، تېڭشۈنمۇ مۇلازىمىتىر ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى. شۈنلېي 迅雷 دېتالى تەرەققىي قىلىۋىدى تېڭشۈنمۇ QQ旋风 نى چىقاردى. ئەمما يېقىندىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان كىنولارنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش، BT كە زەربە بېرىش ئىشلىرىنىڭ سەۋەبىدىن، بۇ يىل 9-ئايدا QQ旋风 تىجارەتتىن توختىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا QQ飞车,拍拍网,腾讯微博 ۋە QQ كىرگۈزگۈچ قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ رىقابەتچىلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ ياسالغان.
ئەلۋەتتە كۆچۈرۈشكە بولۇپمۇ ئەسلىدىكىدىن ياخشى قىلىپ كۆچۈرۈشكە تېخنىكا، مەبلەغ كېتىدۇ. بۇ جەھەتتىن تېڭشۈن ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك.

14ئادەم ئىنكاس يازدى

WANDAY ۋاقتى: 2017-12-25 19:01:36
راس مۇشۇ تېڭشۇننىڭ ئەپلىرى نەگلا قارسا باركەن،لىكىن بازار تېپىپ كەتتى ،
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-12-25 19:05:25
تېڭشۈننىڭ بۇ كۆچۈرمىكەشلىكى جۇڭگولۇقلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلغان بولسىمۇ ، نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى. ئەمما ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان يېرى شۇكى ، بۇ ئىشلارنى تىڭشۈن قىلمىسىمۇ بەرىبىر  باشقا شىركەتلەر قىلاتتى.  تېڭشۈننىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەھسۇلاتى ئۈندىدار بىلەن QQ بولسا كېرەك. چۈشۈرگۈچىسى بازاردىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن شۈنلىيمۇ مازلاشتى ،  بەلكىم ئۇنىڭ كۈنىمۇ ئۇزۇنغا قالمىدى بولغاي.
جودا ۋاقتى: 2017-12-25 19:05:49
راس يامانكەن ما خۇاتىڭ
abduxkur0998 ۋاقتى: 2017-12-25 19:31:43
مۇنداقمۇ ئىش بار دەڭ تېخى
bengbash ۋاقتى: 2017-12-25 19:46:47
ئالى بابا  تاۋباۋ، جىفۇباۋ، تيەنماۋ قاتارلىق سودا ئىشلىرىغا ئائىت دېتالدىن باشقا دېتال ياسىمىغان ئوخشايدۇ.
tegz ۋاقتى: 2017-12-25 21:47:15
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2017-12-25 19:46
ئالى بابا  تاۋباۋ، جىفۇباۋ، تيەنماۋ قاتارلىق سودا ئىش ...

سىز تېخى بىلمەمسىز ؟ تېڭشۈن شۇنداق چوڭ شىركەت تۇرۇپ بىرەر سېستىما ياساپ باققاننى ئاڭلاپ باقمىدىم ، لېكىن ئالى بابا شىركىتىنىڭ  يۈن ئوئەس (yunos نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ) ياساپ چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم .
begmurad ۋاقتى: 2017-12-25 21:47:22
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2017-12-25 19:46
ئالى بابا  تاۋباۋ، جىفۇباۋ، تيەنماۋ قاتارلىق سودا ئىش ...

بەك ئاددىي دەپ قويدىڭىز، ئالى بابا نىڭ قىلۋاتقانلېرى ئەمەلىيەتتە خېلى بار.
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-12-25 22:53:59
ئەلى بابا ياساپ چىققان ئۇ Yun OS رىڭىز شىياۋمىغا ئوخشاش ساۋۇت-قالقاننىڭ ئۈستىگە ھازىرقى زامان كىشىلىرى ياقتۇرىغان كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ قويدى خالاس !!!!
1933315008 ۋاقتى: 2017-12-25 23:13:45
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2017-12-25 19:46
ئالى بابا  تاۋباۋ، جىفۇباۋ، تيەنماۋ قاتارلىق سودا ئىش ...

高德地图,UC浏览器,九游,钉钉,pp助手
bengbash ۋاقتى: 2017-12-26 00:02:02
tegz يوللىغان ۋاقتى  2017-12-25 21:47
سىز تېخى بىلمەمسىز ؟ تېڭشۈن شۇنداق چوڭ شىركەت تۇرۇپ ب ...

راست، ئاڭلىغان ھەئە بىلەتتىم  پەقەت ئېسىمدە يوق، باشقا نامى بار راق تور شىركەتلىرى ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ باقىدىكەن،
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-12-26 14:15:50
چۈشۈرگۈچتە يەنىلا شۈنلىينىڭ بوپقۇيدۇ ، تور سۈرئەت چەكلىمىسى بار نەرسىلەرنى شۈنلىيدىن چۈشۈرسە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ ، شۇڭا شاۋمى مۇ شۈنلى چۈشۈرگۈچنى ئىشلىتىدۇ ئەمەسمۇ ،
shungqar ۋاقتى: 2017-12-26 15:01:46
ماخۇتىڭ شىنجىن ئۇنۋىرسىنتىنى پۈتتۈرگەن، ئۆزىمۇ مۇشۇ ئۇچۇر تىخنىكا ساھەسىدە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان، كىيىن دوستى جاڭجىدوڭ بىلەن بىرلىشىپ تىڭشۈن شىركىتىنى قۇرغان ، دەسلىپىدە ماخۇتىڭ شىركەتكە ئىقساد يىتىشتۈرەلمەي ، تەرەپ- تەرەپتىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە قەرىز ئىلىش ئۈچۈن بانكىلارنى ئىزدىگەن، لېكىن ھەممىسى نەتىجىسىز بولۇپ چىققان، كىيىن شىركەتنى سېتىۋەتمەكچىمۇ بولغان،  ھەممىمىز بىلىدىغان سوخۇ تورى (http://www.sohu.com) شۇ ۋاقىتتا 30 مىڭ يۈەنگە ساتسا شىركەتنى ئۆزىگە قوشىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، كۆڭلىدە پەقەت بولمىسا 300 مىڭ يۈنگە سېتىشنى پىلانلىغان ماخۇتىڭغا بۇ گەپ ناھايىتى ئىغىر كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن چەتئەلنىڭ يۇقرى ئۆسۈملۈك قەرىز شىركەتلىرىنى ئىزدىگەن ، دېگەندەك ئۇلارنىڭ يۇقرى ئۆسۈملۈك مەبلەغىگە ئىرىشكەن ، شۇنىڭدىن كىيىن تىڭشۈن تىمىدا دىيىلگەندەك كۆچۈرۈش ئاقىلىق ناھايىتى تىز باش كۆتۈردى .
بۇ يەردە يەنە دەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى ماخۇتىڭ 2014-يىلى تىڭشۈن شىركىتىنىڭ پەقەت %11 پىيىغا تايىنىپ جۇڭگۇ بويىنچە بىرىنجى بايغا ، جاڭجىدوڭ %4.5 پايغا تاىيىنىپ جۇڭگۇ بويىنچە 5-بايغا ئايلاندى.
ablahat0903 ۋاقتى: 2017-12-26 15:55:43
shungqar يوللىغان ۋاقتى  2017-12-26 15:01
ماخۇتىڭ شىنجىن ئۇنۋىرسىنتىنى پۈتتۈرگەن، ئۆزىمۇ مۇشۇ ئ ...

ماخۇتىڭ  11%  پاي  ئالسا. يەنە بىر  شىرىكى  4%  ئالسا  قالغىنى نەگە كىتىدۇ
volkani ۋاقتى: 2017-12-27 18:41:08
تېڭشۈننىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى خەلقارالىق پايچەك گوروھىMIH بولوپ 33.4%نى 2001-يىلى ئىگەللەپ بولغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部