+تېما يوللاش
alkuqar يوللانغان ۋاقتى:2017-12-25 18:06 5288 قېتىم كۆرۈلدى 24 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شىياۋمى پەن- تېخنىكىسىنىڭ باش مۇدىرى لېي جۈن ئامېرىكىدا كۇۋالكۇمنىڭ سىنەپدراگون 845 نى تارقىتىش يىغىنىغا قاتناشتى، ھەم شىياۋمىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد بايراقدار يانفۇنىغا سىنەپدراگون 845 نى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇ يانفۇننىڭ شىياۋمى 7 ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
180611grez2zpldt6rbclh.jpg
يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىياۋمى 7 چوڭ- كىچىك ئېكرانلىق ئىككى خىل (شىياۋمى 7 ۋە شىياۋمى 7 پىلاس) نۇسخىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ئىككى خىل يانفۇنغا 5.65 ۋە 6.01 دىيۇملۇق OLED ئېكران سەپلىنىپ، 18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكران ۋە قوش ئەينەكلىك يانفۇن گەۋدە لايىھەسى قوللىنىلىدۇ، ھەر ئىككىلىسى سىمسىز توك قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
180616pjra0zia0791huf4.jpg
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىياۋمى 7 ۋە شىياۋمى 7 پىلاسنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە سىنەپدراگون 845 بىرتەرەپ قىلغۇچى سەپلىنىدۇ. شىياۋمى 7 گە يەنىلا 6G رام ئىشلىتىلىپ، كەينى قوش كامېراسىنىڭ سېنزورى ۋە پارامېتىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، باتارىيە سىغىمى شىياۋمى 6 بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بارماق تونۇش جەھەتتە كېلەر يىلى تۇنجى تارقىتىلىدىغان بارماق تونۇش ئىقتىدارى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېكران ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىل ئېكران ئىشلىتىلمىسە، بارماق تونۇش ئىقتىدارى كەينى تەرىپىگە سەپلىنىدۇ.
180620ewooofk1o4z7xaaa.jpg
باھا جەھەتتە، شىياۋمى 7 ۋە شىياۋمى 7 پىلاس بۇ يىلقىدەك 2499 يۈەندىن باشلىنىدىغان باھا ئەندىزىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سىنەپدىراگون 845 سەپلەنگەن ئەڭ ئەرزان باھالىق يانفۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ يانفۇنلارنى كېلەر يىلى 2-، 3-ئايلاردا بازارغا سېلىش مۆلچەرلەنمەكتە. قېنى، كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن؟
خەنزۇچە ئىنتېرنىت پەن- تېخنىكىسى سالونىدىن ئەلقۇچار تەرجىمە قىلدى.
مەنبە ئۇلانمىسى:
http://q.url.cn/abOIrC

24ئادەم ئىنكاس يازدى

muzat1970 ۋاقتى: 2017-12-25 18:26:48
شاۋمى پىلاسقا خېرىدار بولاپ قوياي،قانچە پۇل سېتىلار؟
WANDAY ۋاقتى: 2017-12-25 18:59:05
ياخشى بوپتۇ ،بولسا بارماق تونۇش سېنزورى ئېكران ئىچگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا ھەققى ئادەم جەلىپ قىلاتتى ،تېما ئىگسىگە رەھمەت،مۇشۇ بۇرادىرىمىزنىڭ تەرجىمسى بوپ قويدۇ جۇمۇ ،ھەم راۋان ھەم چۈشنىشلىك يېڭى تېخنكلارنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرۇڭ ،ئالىپ تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن،
abduxkur0998 ۋاقتى: 2017-12-25 19:29:18
ھەي مۇشۇ بارماق سىنزورنى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرسا ياخشى بولاتتى،ئارقىغا ئورۇنلاشتۇرسا ئازراق قولايسىز بوپ قالدىكەن
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-12-25 21:08:15
ھېي ياشاپ كەت شىياۋمى مەن شياۋمى 6چىققاندىلا 3000گە ئالغان  يەنە ئالماشتۇرىدىغان بولدۇمدە 7گە
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-12-25 21:53:53
مەن شىياۋمىنى قوللايمەن، مەيلى باھا ۋە  ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن شاۋمى ھەقىقەتەن بولىدۇ.
HUXHUY6002 ۋاقتى: 2017-12-25 22:13:52
شىياۋمى تىلفۇنلارنىڭ ئاپراتى قانداقراق  چىقىدىغاندۇ
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-26 00:10:17
شىئاۋمى  باھاسى ئەرزان  سەپلىمىسى يۇقىرى بۇلۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە،شئاۋمىنىڭ ئورنىدا  ئوپپو   ۋىۋىو بولغان بولسا مۇشۇنداق  سەپلىمىلىك تېلفۇننى  4000دىن تۆۋەن ساتمىغان بولاتتى
elbilge ۋاقتى: 2017-12-26 01:39:54
بارماق تونۇشنى كەينىگە قىلسا ئەڭ قولايلىق،قاچانمۇ كەينىگە يۆتكەر ؟
414459037 ۋاقتى: 2017-12-26 12:50:15
شىياۋمى تىلفۇن شۇنداق ياخشىما دوسلار
shungqar ۋاقتى: 2017-12-26 14:42:55
مەنمۇ مۇشۇ 7 گە ئىشتەي ساقلاپ ئولتۇردۇم ، بۇنىمۇ يەنە تالاشتۇرۇپ ساتىدىغان قىلمىسا بولاتتى ، ئالاي دېگەندە مال يوق دەپ ئادەمنىڭ يامان ئىچىنى سىقىۋىتىدىكەن
جاھاندار ۋاقتى: 2017-12-27 09:11:33
ئالما x سېلشتۇرغاندا پۈتۈن ئېكران يەنىلا چوڭ ئۆزگىرش يوق،
ئەنسارىm ۋاقتى: 2017-12-27 09:39:55
مەن ھازىر  تېلىفۇن ئېلىشنى ئويلىغان،荣耀9青春版بىلەن 荣耀7x نىڭ قايسىنى ئېلىشنى پەقەت بىلەلمىدىم،بۇ  ئىككى تېلفۇننىڭ قايسى ياخشىدۇ،بىلىدىغانلا،مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.
رۇھ ۋاقتى: 2017-12-27 15:20:39
پۈتۈن ئېكران قىلدۇق دەپ ئالدى ئاپراتنى ئاستىغا ئۇرنىتىپ قۇيسا سەل قۇلايسىز بۇلۇپ قالىدۇ شاۋمېي 7گە ئىشتھا ساقلاپ تۇراي
~SaNErKaM ۋاقتى: 2017-12-27 15:40:34
ئەنسارىm يوللىغان ۋاقتى  2017-12-27 09:39
مەن ھازىر  تېلىفۇن ئېلىشنى ئويلىغان،荣耀9青春版بىلەن 荣耀7x نى ...

ئەگەر سىز ئويۇن ئويناشقا ئامراق بولسىڭىز،ھەرئىككىلىسىنى سېتىۋالماڭ،توكى ياخشى ئەمەسكەن،ئىشەنمىسىڭىز بەيدۇدىن ئىزدەڭ
ئۆتمۈش123 ۋاقتى: 2017-12-27 20:50:38
بارماق تونۇش ئالدىغا چىقسا ياخشى بۇلاتتى ،بۇلۇپمۇ ئەينەككە چىقسا بىر خىل كۆركەم چىقاتتىكەن ، تېخى بايا سىنلىق ۋىدىئوسىنى كۆرگەنتىم شۇنداق چىقىپلا قالسا بەك نوچى چىققىدەك ، خېلە جىق ئادەم تېلفۇن ئالماشتۇرغىدەك
abdut ۋاقتى: 2017-12-28 10:04:41
راستنى دىسەم يېڭىلىق يوققۇ
پەقەت شۇ تىزلىگى ئاشۇرلۇپتۇ
ئۆتمۈش123 ۋاقتى: 2017-12-29 10:44:59
~SaNErKaM يوللىغان ۋاقتى  2017-12-27 15:40
ئەگەر سىز ئويۇن ئويناشقا ئامراق بولسىڭىز،ھەرئىككىلى ...

مەنمۇ  روڭياۋ v10 دىن بىرنى ئالايمىكىن دەپ تۇرغان، بۇ تېلفۇن قانداقراقتۇ؟ مەسلىھەت بەرمەمسىلە ! ئوپپو ر 11س تىن ياخشىمىدۇ ،ئاۋارە قىلدىم
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-29 12:24:08
باتارىيەسى  3000لىق  دەيدۇ
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-29 12:33:09
مۇشۇ  شىئاۋمى كومپىيوتېرى ئىشلىتىپ باققانلارمۇ بارمۇ ؟ شىئاۋمىنىڭ كومپىيوتېرى قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال جەھەتتە  قانداقراق  چىقار بىر ئىنكاس يېزۋەتسەڭلار.
123306qa8s1122tayoc1o5.png
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2017-12-30 10:20:23
ئۆتمۈش123 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-29 10:44
مەنمۇ  روڭياۋ v10 دى ...

ئەلۋەتتە 荣耀V10ياخشى چىقىدۇ. oppo r11s نى 6-7كۈندەك ئىشلەتتىم. تازا ياقمىدى. كۈندە بىر ئىككى قېتىم ئىنجىقلاپ قۇيىشى بار. يەنىلام شاۋمى 6گە كۈچىۋالدىم. شاۋمى 6 يا  قاتمايدىكەن. يا ئىنجىقلاپ قويمايدىكە. راۋانلىقى بەك ياخشى. بىرلام يىتەرسىز يارىمىغان يېرى كارتا تورى سەل مۇقۇمسىز. بىر كۈندە بىرە قېتىم ياكى 2قېتىم سىگنال ياخشى يەردىمۇ تور ئۈزۈلۈپ يەنە ئەسلىگە كەپ قالدىغان ئىشى بار. بۇنىڭغىمۇ كۈنۈپ قالدىم.
sardar909 ۋاقتى: 2018-1-1 08:17:19
تەرجىمىڭىزغا رەھمەت ، جاپا چىكىپسىز ،  داۋاملىق نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن
186alimjan ۋاقتى: 2018-1-18 05:31:13
شىياۋمى 7 يانفۇنىنىڭ بارماق سىنزۇرى ئىكران تەرەپكە ئورۇنلاشقانمىدۇ ياكى كەينى تەرەپكىمۇ مۇشىنىڭغا قىزىقىپ قالدىم
sardar909 ۋاقتى: 2018-1-30 19:38:23
يەتتىدىن .mix2 قانداراق چىقار ئىشلىتىپ باققانلار تەسىراتىڭلانى سوزلەپ باقساڭلا
binam ۋاقتى: 2018-1-31 18:04:38
شاۋمى max2بۇلدىكەن ،تۇكى يىتىش جەھەتتە بىر كۈن قاندا ئوينىسا شۇندا كەڭ كوشا يىتدىكەن،تور سۈرئىتىمۇ شۇندا ياخشى،دەسلەپ سەل قۇلايسىز تۇيۇلدىكەن،بىر ئىككى كۈن ئىشلەتسە كۈنۈپ كىتدىكەن  ،ئاپراتمۇ بۇلىدىكەن  ،سىناق قىلىپ 王者荣耀ئويناپ باقتىم . 70-230ئەتراپىدا ئىشلىدى،شۇندا راۋان،بۇ تىلفۇننىڭ تۇكى تورغا چىقمىساق پەرزىمچە بەش كۈندىن ئاشقۇدەك بىر توك قاچلىسا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部