+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-12-23 18:26 9133 قېتىم كۆرۈلدى 45 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساغلام تور مۇھىتى يارىتىپ، ئۈندىداردىكى ئالدامچىلىق، قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇش ئۈچۈن ئۈندىدار ئىگە تەرەپتىن ئۈندىدارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقتى. ئۈندىدار ئىشلىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى پېچەتلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۈندىدار ئىگە تەرەپنىڭ بەزى بەلگىلىمىلىرىنى ئىلگىرى يوللىغان ئىدۇق. ئۇ ھەقتىكى تېما بۇ يەردە.

fce558bda6cc7b920c89be1295ce3f15x328x405x20_png;,3,jpegx;3,700x.jpg

12-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئۈندىدار ئىگە تەرەپتىن باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈندىدار نومۇرىنى پىچەتلىۋەتتى.
ئۈندىدار ھېساباتى پىچەتلەنگەنلەر مەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىغان تۇرسام، يا مەن ئۈندىدار سودىگىرى بولمىسام نېمىشقا ھېساباتىمنى پىچەتلىۋېتىدىغاندۇ دەپ ھەيران بۇلۇشماقتا. بۇرۇنقى بەلگىلىملەردىن باشقا يەنە بۇ ئايدىن باشلاپ ئۈندىدار ئىگە تەرەپ تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلار بىلەن شوغۇللانغانلارنىڭ ھېساباتىنىمۇ پىچەتلەۋاتىدۇ. دىققەت قىلغايسىلەر.

a87b93957ea0058ba736cde91bbf4705x480x236x22_png;,3,jpegx;3,700x.jpg


1. ئۈندىداردىكى كۆپ ھېساباتقا ئوخشاش ئىسىم ئىشلەتسە، ئىسىم تەركىبىدە كەسپى سەزگۈر سۆزلەر بار بولسا.
2. كۆپ ئادەمنىڭ ئۈندىدار باش رەسمى ئوخشاش بولسا. باش رەسىمى ئىلگىرى تېڭشۈن تەرەپتىن پىچەتلەنگەن بولسا.
3. بىر IP ئادرېسىدا كۆپ ئۈندىدار نومۇرى ئىشلىتىلسە؛ بىر روتېر تارقاتقان ۋايفايدا كۆپ ئۈندىدار نومۇرى ئېچىلغان بولسا.
4. دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغانلىرىنىڭ ھەممىسنى كۆچۈرۈپ چاپلاۋەرسە، چەمبىرىكىدە يېڭىلىق، ئىجادىيەت بولمىسا.
5. ئۈندىداردىكى ئالاقىداشلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن تىزىملاتقانلار بولسا؛ ئۈندىدار ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولغانلار بولمىسا.
6. ئۈندىدارىدا جەسەتلەر بەك كۆپ بولسا، دائىم تازىلاپ تۇرمىسا.
7. توپتا ئۇزۇن مەزگىل گەپ قىلمىسا.
8. ئۈندىداردا ئۇدا نەچچە كۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىسا. (باشقىلار بىلەن پاراڭلاشمىسا، چەمبىرىكىگە بىر نەرسە چىقارمىسا، سالونلاردىكى يازمىلارنى كۆرمىسە...)
9. ئۈندىداردىكى پائالىيىتى بەك ئاددى بولسا (پەقەت سۆزلىشىپلا باشقا ئىش قىلمىسا)
10. ئۈندىداردا ھەقىقىي ئىسىم دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن بولسا، بانكا كارتىسىنى باغلىمىغان بولسا
11. كومپىيۇتېردا ئېچىۋالغان ئۈندىدار بەك كۆپ بولسا
12. ئۈندىدارنى كۆپ قېتىم ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىدە ئالماشتۇرۇپ ئاچسا
13. ئىگە تەرەپنىڭ ئەمەس ئۈندىدار تېرمىنالىنى قاچىلاپ ئىشلەتسە (ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئۈندىدار، تەرجىمە قىلىنغان ئۈندىدار دېگەندەك. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئۈندىدارنى ئىشلەتكەن بەزىلەرنىڭ ئۈندىدارىم پېچەتلەندى دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق)

45ئادەم ئىنكاس يازدى

14527885517 ۋاقتى: 2017-12-23 18:48:23
ئۈندىدارنى تاقايمەنلا دەپتىغۇ
چۈشكۈن ۋاقتى: 2017-12-23 18:48:33
چ چ ھېساباتىنىڭ توڭلىشى نېمە سەۋەبتىن ؟ بۇنىڭغىمۇ بىر چۈشەنچە بېرىۋەتكەن بولسىڭىز ، رەھمەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-12-23 18:50:55
راس مۇشۇ ئىشلارغا بەكرەك دىققەت قىلايلى بەك ياخشى خەۋەركەن رەھمەت تىما ئىگىسى
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-12-23 18:51:01
ھەممە گەپنىڭ يىغىندىسى ، تىڭشۈنگە پايدىلىق  ئىشلارنى قىلمىغانلا بولسا ھەممىنى تاقايدىكەن ئەمەسمۇ. جىفۇباۋمۇ سالون ئىقتىدارىنى ئاچسا ئۈندىدارنى تاشلاپ قويغۇلۇقدى.
bayawat ۋاقتى: 2017-12-23 18:51:05
بەلگىلىمە چىقارغنى راستۇ……
لكىن  تۆۋەندىكىلەرگە  نىسبەتەن سەل گۇمان بار مەندە:
3. بىر IP ئادرېسىدا كۆپ ئۈندىدار نومۇرى ئىشلىتىلسە؛ بىر روتېر تارقاتقان ۋايفايدا كۆپ ئۈندىدار نومۇرى ئېچىلغان بولسا.

ماۋۇ ئىش ئەمەلىشىپ قالسا ،   ئۆيدىكى wifi نى   ئۆيدىكى بىر  ئەزادىن   باشقا  ئادەم ئىشلەتسە  بولمايدۇ دىگەن گەپ  ، قانداق مۇمكىن بولسۇن ، تىڭشۇننىڭ باششىتابىدىمۇ  بىر ئادەم مەخسۇس wifi تارقىتىپ  بەرمەيدىغاندۇ……



4. دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغانلىرىنىڭ ھەممىسنى كۆچۈرۈپ چاپلاۋەرسە، چەمبىرىكىدە يېڭىلىق، ئىجادىيەت بولمىسا.

بۇندىدىن  تۇلۇق گۇمانلانسا بۇلىدۇ ؟  ۋىيشنىغا يېڭى ئەزا بولغانغا باشقىلارنىڭ چىقارغان نەرسنى كۆچۈرۈشنى تاكى  ئىككى ئۈچ يىل بولغۇچە داۋاملاشتۇردىغان ئادەتى با

5. ئۈندىداردىكى ئالاقىداشلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن تىزىملاتقانلار بولسا؛ ئۈندىدار ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولغانلار بولمىسا.

يېڭىدىن سەپكە قۇشۇلغانلارنىڭ   ئەلۋەتتە يېڭىدىن  قۇشۇلغان دوسلىرى كۆپ بۇلىدۇ ،   بۇ كونا ئەزارلارلا ۋىيشىن ئىشلەتسۇن دىگەن گەپمۇ؟
6. ئۈندىدارىدا جەسەتلەر بەك كۆپ بولسا، دائىم تازىلاپ تۇرمىسا.
تازلاشمۇ مەجبۇربۇلامدۇ ، ئۇندا مەجبۇرلىغۇچە  ئۆزى تازلىۋەتسە نىمە بۇلىدۇ تىڭشۈن،،،

7. توپتا ئۇزۇن مەزگىل گەپ قىلمىسا.
توپتا ئۇزۇن مەزگىل گەپ قىلىش بىكاچى ۋاقىتى كۆپلەرگە مەنسۇپ ئىش ،   بەزلەردە تخى توپ دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ،
8. ئۈندىداردا ئۇدا نەچچە كۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىسا.
(باشقىلار بىلەن پاراڭلاشمىسا، چەمبىرىكىگە بىر نەرسە چىقارمىسا، سالونلاردىكى يازمىلارنى كۆرمىسە...)
  
بى تۈر ھەمدىن كۈلكىلىك ئىكەن ،   تخى سالۇندىكى يازمىنى كڭرمىسە دەپ قۇيۇشى بار ئىكەن ،  كىمىگە شۇنداق كەڭ تاشا  ۋاقىت باردۇ ، 24 سائەت ۋىيشننىڭ  پىچەتلنىڭ قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ تۇردىغان ،   ……

ئۇشۇن بوپتۇ ئزۇن ئنكاس يازمىغىلى   ……
komsar ۋاقتى: 2017-12-23 18:53:31
بىزنىڭ مەكتەپتە مەكتەپنىڭ سىمسىز تور تارقىتىدىغان روتىرىنى ھەممەيلەن ئىشلىتىمىز، بۇ ھېسابتا مەكتەپتىكى 13000ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈندىدارى بىراقلا توختايدۇ دېگەنلىققۇ، ئۈندىدارنى توختىتىشنى قارار قىلدىمۇ يا، ئىشقىلىپ ئۈندىداردىكى پۇللارنى بانكا كارتامغا يۆتكەپ قوياي، ئۈندىدار توختىسا  چ چ  ئوينايمىز
elbilge ۋاقتى: 2017-12-23 19:11:04
بولدىلا، ئىشلەتمەيچۇ مۇشۇ نەرسىنى،خوشۇم كەتكىلى نە زامان
YARMUHAMMAD ۋاقتى: 2017-12-23 19:30:48
مىنىڭمۇ نەق مۇشۇنداق بوپ قالغىلى ئۈچ كۈن بولدى قىلمىغان ئامال قالمىدى پەقەت ئاچالمايۋاتىمەن قايسىڭلار مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ ئۈندىدارىڭلىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىۋالدىڭلا  
33520aski ۋاقتى: 2017-12-23 19:57:24
راس  مۇشۇ ئىشلاغا دىقەت  قىلايلى   بەك ياخشى  خەۋەركەن  رەخمەت خەۋەردار قىپ يولىغان تىما ئىگىسىگە  
kichikoghul ۋاقتى: 2017-12-23 20:01:22
مېنىڭ ئۈندىدارىمدىكى  سالۇن  ۋە دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمونلار ئېچىلماس بولۇپ قالغىلى  ۋە ھېچقانداق ئۇچۇر  ماڭماس بولۇپ قالغىلى بىر ھەپتە بولدى.
xaro ۋاقتى: 2017-12-23 20:02:38
مىنىڭمۇ 3كۈن بولدى مەنمۇئامال قىلاممىدىم ئۈلۈشكۈن ئەتتىگن توختىدى كەشكىچە ئاران با شقىدىن ئاچقان يەنە تۈنۈگۈن  كەچ يەنە توتىدى ئاما يوق ئوخشايدۇ
سەھرا@ ۋاقتى: 2017-12-23 20:03:10
ھە،،،  ئەسلى مۇنداقكەندە  مىنڭمۇ شۇنداق بۇپ قالدى  ئچشقا ئامال بۇلسا يۇل كۈرسەتسەڭلا
r0998 ۋاقتى: 2017-12-23 20:09:57
ۋاھ ھېي ما مۇنبەر بەك قىززىپ كىتىپتىغۇ،خۇددى ئۆزەمنى يۇمۇر ئوقىغاندەك ھىس قىپ قالدىم
مەنمۇ بىر ئىككى ئېغىز ئىنكاس يېزىپ قويمايمەنمۇ،راستىنلا بەزى بەزى قائدلەر بەك چەكتىن ئېشىپ كىتىپتۇ جىمۇ،مۇشۇ ئۇندىدار چىققانىڭ ياقى چچ مودىدىن قالدى،ئەمدى بۇنداق قائىدىلەرنى چىقىرىپ ئۇندىدارنى تاقاپ كىشلەرنى يەنە چچ ئوينىسۇن دەمدۇ نىمە بۇ خەخ،بۇنۇڭدىن كۆرە ئالپاي ئوينىغان ياخشىكەن ئۇندىداردىن مىڭ ھەسسە قۇلايلىق،لىكىنزە مۇشۇ بەزى تونۇشلىرىم ئالپاي ئوينىمايدۇ دە
xaro ۋاقتى: 2017-12-23 20:13:09
مەن ئادەتتە جىق پاراڭ قىلمايتتىم شۇڭا توختىغان ئوخشايدۇي  يوللىسام ماڭمايدۇ سالۇنغىمۇ كىرمەيدۇ
oylan111 ۋاقتى: 2017-12-23 20:34:07
ئەگەربۇنداق قىلسا مەن باش بولۇپ ئۈندىدارىمنى تاقىدىم ،بۇنداق  جان قىيناپ  ئۈندىدار ئىشلەتكۈچە باشقائالاقە دىتالى  ئىشلىتەي بولدى،
qeqnus ۋاقتى: 2017-12-23 20:39:17
تېمىنى كۆرۈپلا ئۈندىدارىمدىكى ھىساباتنى كارتامغا يۆتكەپ - ئۈندىداردىن خوشلىشىقا تەييارلىق قىلىپ قويدۇم ...
مەكتەپنىڭ توپىنى دېمىسەم ئۆتكەن يىلىلا يۇيىۋېتىتىم بۇ نەرسىنى ، ھېلىھەممۇ كېچىكمىدىم ، ھامان زادى مۇشۇنداق بولىشى ئېنىق ئىدى
جىفۇباۋغا داۋاي ھېي
سالچى ۋاقتى: 2017-12-23 20:39:57
مىنىڭمۇ  چچ  نۇمۇرىغا  ئاچقان  ئوندىدارىم  باتى ئاچقىلى  ئىككى  يىل  بولغان توڭلىتىپ قويۇپتىكەن  ئەتىسى  ئەسلىگە  كەلتۇرۋالدىم  ھازىر  نۇرمال ئىشلەۋاتىدۇ
uyghurman123 ۋاقتى: 2017-12-23 20:49:50
مىنىڭ  ئۈندىدار ھىساۋاتىمدا  سالۇننىڭ  ئەڭ  ئاستىدىكى ئىلان  چىقمايىدىغان بۇلۇپ قالدىغۇ؟ مەن  بىكا  قالساملا  مەزمۇننى  كۆرمىسەممۇ  ئىلان  چىكىپ قۇياتتىم، ئەگەر تىما ياراپ قالسا ئارقىمۇ ئارقا  ئىلان چىكىپ قۇياتتىم.
ئىلاننى بەك  كۆپ  چىكىۋەتسىمۇ  بولمامدۇ يا؟
r0998 ۋاقتى: 2017-12-23 20:52:57
سالچى يوللىغان ۋاقتى  2017-12-23 20:39
مىنىڭمۇ  چچ  نۇمۇ&#158 ...

قانداق ئەسلىگە كەلتۇردىڭلا سىللە دىمەمسىلە،بىرلكتە ئورتاقلىشايلى دەپچۇ
purkat ۋاقتى: 2017-12-23 20:58:58
مىنىڭمۇ تىلپۇنۇمغا  چ چ نۇمۇرنڭىزنى بۇ ۇمۇرغا ئالماشتۇرامىز دەپ نۇچۇر كەلگەنتى مەن تېخى تۇڭشۈن شىركنتى نۇمۇر ئالماشتۇرۇشقا باشلىغان ئوخشايدۇ دەپ  ھە ماقۇل دەپتىمەن. دەرھاللا باشقا نۇمۇرغا ئالماشتى ئەمما چچ رىمدىكى ئەسلى ساقلانغان ھۆججەتتىن  بىرىمۇ يوق شۇنىڭ بىلەن نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم كىيىىن  قانچە قىلسا مۇ ئەسلىدىكى چ چ رىمنى پەقەت ئاچالمىدىم بۇ نىمە ئىشتۇ بىلىدىغانلا بارمۇ؟
bilimhumar. ۋاقتى: 2017-12-23 21:41:53
مىنىڭمۇ تاقىلىپ قالغىلى 2كۈن بولدى ئاخشام تەس ئاچقان چۈشتىن يەنە تاقىلىپ قەپتۇ ئۈندىدار بۇنداق قىلىۋەرسە
ئۈندىدار دىن كۆچمەيمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ

◆、◇◆βǎЯ ۋاقتى: 2017-12-23 22:40:22
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ شۇنداق قىلسا تىخى ياخشى
qaq ۋاقتى: 2017-12-23 22:40:35
komsar يوللىغان ۋاقتى  2017-12-23 18:53
بىزنىڭ مەكتەپتە مەكتەپنىڭ سىمسىز تور تارقىتىدىغان روت ...

ئۈندىدارىڭىز توختىغان بىلەن QQدىڭىزمۇ توختايدۇ ، مېنىڭمۇ توختاپ كەتكىلى ھەپتە  بولدى.
PUTBUL1 ۋاقتى: 2017-12-23 22:42:27
YARMUHAMMAD يوللىغان ۋاقتى  2017-12-23 19:30
مىنىڭمۇ نەق مۇشۇ ...

مىنىڭمۇ ئاشۇنداق بوپ قالغان ،لىكىن ئاشتىم ،ئاشقىلى بولىدىكەن
qaq ۋاقتى: 2017-12-23 22:46:47
مەن ئۈندىدارىمنى QQ نومۇرى ئارقىلىق ئاچقان ئىدىم ئىشلىتىۋاتقىلى بەش تۆت يىل بولغان ئىدى.ھەپتە بولدى توختاپ كەتكىلى پەقەت ئاچالمىدىم.يېڭىدىن ئۈندىدار تىزىملىتاي دەپ تېلېفون نومۇرىغا تىزىملاتسام ، ھازىر ئۈندىدار تىزىملاشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانمۇ قانداق تىزىملىغىلى بولمىدى.لېكىن QQ نومۇرىنى ئالغىلى بولىدىكەن ، ئۇ نومۇرغا ئاچقىلى بولمايدىكەن.يانفون نومۇرىغا ئۈندىدار ئاچقىلى بولمامدۇ.؟
shahzade ۋاقتى: 2017-12-23 23:24:04
مايۈن ھە جىفۇباۋ ئىشلەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاپ پۇل تارقىتىۋاتسا

ماخۇاتىڭ تىڭشۈن تەرەپ ھە دەپ ئۈندىدار توڭلىتىپ پىچەتلەپ


kichikoghul ۋاقتى: 2017-12-23 23:27:32
مەن ئىزچىل تۈردە  بۇ مۇنبەرگە يوللانغان  تەرجىمە قىلىنغان  ئۈندىدارنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتاتتىم، سالۇن، دوستلار چەمبىرىكىنى ئاچالماسلىقىم ھەم  ھېچقانداق ئۇچۇر يوللىيالماسلىقىم شۇنىڭدىن ئوخشايدۇ. لېكىن  مەكتەپنىڭ  توپىدىكى مەزمونلار نۇرمال كۆرۈنىدۇ ۋە ئېچىلىدۇ ھەنىمە بولسا.
15599807714 ۋاقتى: 2017-12-23 23:36:46
uyghurman123 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-23 20:49
مىنىڭ  ئۈندىدار ھىساۋاتىمدا  سالۇننىڭ  ئەڭ  ئاستىدىكى ئ ...

ھە مەنمۇ ناھايىتى ئاز ئىلان دەسسەيتتىم، ئۈندىدارنى ئاچقان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتنىڭ ياقى 10 قىتىم ئىلان دەسسىگىنىم يادىمدا يوق . مۇشۇ يېقىندا سالونلاردا كۆزنەك ئەپ دىتالىنىڭ ئىلانى چىقتىغۇ شۇنىڭ بىلەن ئالىپتا بىر دەسسىدىم يەنە بىر سالوندا شۇ كۆزنەكنىڭ ئىلانىنى دەسسىدىم شۇنىڭ ياقى سالونلارغا كىرسەم ئىلان يوق ئالىپ سالونىدىمۇ شۇنداق .ئاچچىقى كەلدىمۇ بۇلانىڭ بىلمىدىم ئىشقىلىپ.
تەنھا530 ۋاقتى: 2017-12-24 00:06:45
ئۈندىدار ئوينىما دىمەكچى ئوخشايدۇ،  لىكىن مۇشتا قىلىپ ئابۇنتلىرى ئازايغاندا يەنە ئوڭشىلىدۇ بۇ خەق،  ئالما شىركىتىمۇ شۇنداق بولمىدىمۇ،  ئۈندىدار ئاچقىلى بولمايدىغان قىپ قۇيۇپ،  خېرىدارى ئازلاپ كەتسە يەنىلا ئۈندىدار ئاچقىلى بولىدىغان قىلدىغۇ،  بۇلارنىڭمۇ خېرىدارى ئازلاپ كەتكەندە ئاندىن ھۇشىنى تاپىدۇ،  
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-12-24 00:11:39
QQ نومۇرىغا ئاچقان ئۈندىدارنى تاقىسىمۇ QQ  نومۇرىنى تاقىماس ؟
dilseri ۋاقتى: 2017-12-24 09:34:50
qaq يوللىغان ۋاقتى  2017-12-23 22:46
مەن ئۈندىدارىمنى QQ نومۇرى ئارقىلىق ئاچقان ئىدىم ئىشلى ...

ئۈدىدارنى يانفۇن نۇمۇرىغا ئاچالايسىز،  بىراق چ  چ   نۇمۇرىغا بىۋاستە ئاچالمايسىز ، كىيىن باغلىسىڭىز بولىدۇ بىراق ئالدىنقى شەرت ئاشۇ چ چ  نى تىزىملىتىپ ئالغان ۋاقتىڭىز چوقۇم بىر يىلدىن ئاشىقان بولىشى كىرەك ، بولمىسا باغلىغىلى بولمايدۇ .
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-12-24 10:56:24
مەن ئۈندىدار نۇمۇرۇمنى بىكار قىلالماي ئاۋارە ، جەسەت تازلىمىسا دەپ قويۇپ ، چچ دەك قىلىپ ياسىسا بىزگە دىمىسىمۇ تازلاپ تۇرىمىزدە ، كىم ئۈندىدر ئاچتى كىم ئاچمىدى ، بىلگىلى بولمىسا ، يەنە نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلىرى بار ، ئىقتىدارى چچ نىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ ، مۇشۇ سالونچىلار چچ غىلا كۆچسە بولاتتى ، قارىغاندا بولار ئەمدى ئۈندىدارنى بىكار قىلىپ چچ غا يۆتكىلىدىغان چىراي ، ھازىر چچ نىڭ مۇلازىمىتى شۇنداق ياخشى ، ئەسلى جىفۇباۋلا ئاچاي دىگەنتىم ، بىراق دوسلىرىم ئاچمايدىكەن ، شۇڭا چچ دىلا تۇرۇپ تۇردۇم ، كىلىڭلار قارشى ئالىمىز
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-24 12:19:01
مەن سالونلاردىكى ئېلانلارنى ھەر دائىم بېسىپ تۇرىمەن ،بىزدىن ھېچنىمە كەتمەيدۇ،ئاشۇ مەزمۇننى تەييارلىغان دوستىمىزغا ئازراق كىرىم يارتىپ بەرسەك نىمە بوپتۇ،مەن داۋاملىق ئېلان بېسىپ تۇرىمەن،
nurluk0903 ۋاقتى: 2017-12-24 12:47:44
تاقىلىپ قالغان ئۈندىدارنى  ئاچالايدىغانلە  قۇشۇڭلا  3246443095  ھەق تەلەپ قىلساڭلا بىرىمەن
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部