+تېما يوللاش
ugwolf يوللانغان ۋاقتى:2017-12-22 17:12 1727 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
پروگراممېرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپىنچىسى ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدۇ، بۇلارنىڭ چېچىنىڭ چۈشىشى باشقا كەسپتىكىلەرگە باققاندا بىر قەدەر تېز بولىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز بۇ نۇقتا ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقايلى:
timg.jpg
1.        بىرىنچى سەۋەب: رادىئاتسىيە
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىشى مۇمكىن، بەزى ئېغىر كېسەللەر خمىيىلىك (رادېئاتسىيەلىك )داۋالاش قوبۇل قىلىش جەريانىدا چېچى چۈشۈپ كىتىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى رادېئاتسىيەنىڭ چاچقا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيەىنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بىراق كومپىيۇتېردىن چىقىدىغان رادىئاتسىيەنىڭ كۈچى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان رادېئاتسىيەدەك كۈچلۈك بولمايدۇ. پروگراممېرلار بولسا كۈندە 8-10 سائەت ئەتراپىدا كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدۇ، بەزىدە ھەتتا كېچە-كېچىلەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە، كۈندە ئاز-ئازدىن رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرى يىغىلىپ، چاچنىڭ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.        ئىككىنچى سەۋەب: ئەقلىي ئەمگەك قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ
ئەقلىي ئەمگەك قىلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇش، بۇ پروگراممېرلاردىكى چاچ چۈشۈپ كىتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا، سىرتتا يۈرۈپ خىزمەت قىلغاندەك مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندەك قىلغان بىلەن، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېنىرگىيەنىڭ خورىشى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ.ئەقلىي ئەمگەك قىلغاندا، دىققەتنى نۇقتىغا يىغىش كېرەك، چوڭ مېڭە چوقۇم ناھايىتى روھلۇق ھالەتنى ساقلاش كېرەك،چوڭ مېڭە روھلۇق ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن كۈچىيىشى كېرەك،شۇنىڭ بىلەن DHT نىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كىتىپ، ھورمۇن سەۋەبىدىن بولغان چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ مېڭىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت روھلۇق (جەڭگىۋار)ھالەتتە تۇرىشى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،قان ئايلىنىشقا تەسىر قىلىدۇ، چوڭ مېڭە دائىم جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇش ئۈچۈن قان تەركىبىدىكى كۆپ قىسىم ئوكسىگىننى سۈمۈرىۋالىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا باش تېرىسىگە كېرەكلىك بولغان قان تەركىبىدىكى ئوكسىگىن چوڭ مېڭە تەرپىدىن سۈمۈرۋېلىنىپ چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.        ئۈچىنچى سەۋەب: روھىي بېسىم،زىيادە چارچاش
پروگراممېرلار (ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار)نىڭ خىزمەت بېسىمى ئادەتتە باشقا كەسىپتىكىلەرگە باققاندا بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ھەمدە دائىم چارچاش ھالىتىدە تۇرىدۇ.بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا ئىچكى ئاجرالمىلاردا قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقىدۇ، قان تەركىبىدىكى ئوكسىگىن ئازىيىپ كىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا چاچ چۈشۈش،چاچ ئاقىرىش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ.
ئۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
1.        ئۇدا بىر سائەت خىزمەت قىلغاندىن كىيىن 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئېلىش كېرەك.
2.        ھەركۈنى يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3.        شارائىت يار بەرسە ھەركۈنى بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ باش تېرىسىنى يەڭگىل ئۇۋىلاپ بېرىش كېرەك.
4.        ھەركۈنى ئىشتىن سىرت پائالىيەتلەرنى قىلىپ تۇرۇش كېرەك، مۇۋاپىق تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بېرىش كېرەك.
5.        ئەگەر چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسا چوقۇم دەرھال تەدبىر قوللىنىش كېرەك، ھەرگىزمۇ «ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كىتىش» ساقلىماسلىق كېرەك.

(كەسپى بىلىملەرنى غازىباي چاچ ئۆستۈرۈش تەتقىقات مەركىزى تەمىنلىگەن)
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە رىۋايەت شىركىتى تەرىپىدىن يوللاندى، ھېچقانداق شەخس، ئورگاننىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلغانلار بايقالسا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغدايمىز.
غازىباي تەبئىي ئۆسۈملۈك جەۋھەر مېيىدىن ئىشلەنگەن چاچ ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى چاچنىڭ ئۆسۈش قانۇنيىتى ۋە چاچنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن تەتىقىق قىلىنىپ ئىشلەنگەن. چاچقا كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ چاچنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
13.jpg

10ئادەم ئىنكاس يازدى

uysal ۋاقتى: 2017-12-22 20:14:40
  سوراپ  باقسام  سىلەرنىڭ  قانچىلىك  مەھسۇلاتىڭلاربار  تاۋباۋدا  بازارغا  سىلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭلارمۇ  
alijan110 ۋاقتى: 2017-12-22 21:07:11
ئالە شەرىڭنى. ئېلان دېگەننى مۇشۇنداق بېرىدىغان گەپ مانا (قاقاقلاپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
abdut ۋاقتى: 2017-12-22 21:25:24
بۇنىڭدا كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتى يوقما
ئۇزۇن مەزگىلى سايىدىلا يۈرۈش
كومپىيوتىربايە چوقۇم سايە بۇلىدۇ
bengbash ۋاقتى: 2017-12-22 22:00:35
مېنىڭچە بۇ چاچ   تېرىسى مايلىق ئادەمنىڭ  بۇرۇن چۈشۈپ كېتىدۇ، تېرىسى قۇرغاق ئادەمنىڭ ئاسانلىقچە چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
oylan111 ۋاقتى: 2017-12-22 22:09:33
alijan110 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-22 21:07
ئالە شەرىڭنى. ئېلان دېگەننى مۇشۇنداق بېرىدىغان گەپ مان ...

ئەگىتىپ جاۋاپ بىرىش  دەيدىغان  ئوقۇم  بولىدىغان ،ئەمدى  بولغاندا ئەگىتىپ ئىلان  بىرىشلار  چىقتى  ،بۇمۇ  بوپتۇ ، ئىلان  بولغان  بىلەن دورىڭىزنىڭ  راستىنلا  ئۆنىمۇ  بولسا رەھمەت ئىيتقۇدەك  ئىلان  بوپتۇ (كۈلگەن ئىپادىسى )
ilimkan ۋاقتى: 2017-12-23 11:48:48
مەنمۇ ئاساسەن كۈندىلىك خىزمىتىم كومپىيۇتېر بىلەن سەككىز سائەتتىن ئون نەچچە سائەتگىچە، ئەمما چىچىم چۈشكەندەك ئەمەس، داداممۇ ئاتمىشتىن ئاشتى، چىچى ئاقىرغان بىلەن تولۇق چىچى بار
ALQINIM ۋاقتى: 2017-12-23 14:41:57
مانا ئىلان دىگەن مانا مۇنداق بولمامدۇ!؟ سەۋەب نەتىجىسى بىلەن ....
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-12-23 15:24:37
كۆپ رەھمەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-12-24 01:31:51
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2017-12-22 22:00
مېنىڭچە بۇ چاچ   تېرىسى مايلىق ئادەمنىڭ  بۇرۇن چۈشۈپ كې ...

بىر تەرەپلىمە قاراشتا ئىكەنسىز
مىنىڭ دەل سىز دېگەندەك ،مايلىق تېرەم  لىكىن چېچىم چۈشۈپ كەتمەگلىك ،ئەكىسچە بەك ماسلىشىغلىق ، ئاكامنڭ مايلىق ئەمەس قۇرغاق  ، 3ياش پەرقلىنىمىز
ئۇنىڭ چېچى بىر ئاز،چۈشۈپ كەتكەچكە  چۈشۈرۋېتىپ يالغان چاچ كىيۋاتىدۇ،  دېمەك ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسىز
bengbash ۋاقتى: 2017-12-24 14:38:15
foxtpdf يوللىغان ۋاقتى  2017-12-24 01:31
بىر تەرەپلىمە ق&#157 ...

مېنىڭچە دەپ باشلاپ يازغان بۇ ئىنكاسنى، ئەتراپىمدىكىلەرنى، تونۇشلار نى كۆزىتىپ، بەلكىم  خاتادۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部